[sg_popup id=867]
جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى ئىنگىلىزچە Sexually transmitted infections, STI مۇ دەپ قويىدۇ. ئاساسىلىقى بەزى جىنسىي يولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مىكروپ، ۋىرۇسلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ياكى باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق كىشىدىن كىشىگە يۇقۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرغا كەلگىچە جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان 30 دىن ئارتۇق ۋىرۇس، مىكروپ، قوناقچى جانلىق لار بايقالغان.

جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر پەقەت جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەنلا يۇقىدۇ دەپ چۈشىنىۋالماسلىق لازىم. تۆۋەندىكى 5 خىل ئۇسۇل بىلەن يۇقۇش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.
- بىۋاستە جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق تارقىلىش
- ۋاستىلىق جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق تارقىلىش
- ھامىلە ، تۇغۇت يولى بىلەن يۇقۇش
- دوختۇرخانا ياكى داۋالاش ئەسۋابلىرىدىن يۇقۇش
- نورمال كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرىدىن يۇقۇش
سىتاتسىكىغا ئاساسلانغاندا ، 90%دىن يۇقىرى جىنسىي كېسەللىك جىنسىي ئالاقە سەۋەبىدىن يۇقىدۇ . شۇڭلاشقا كۆپىنچە كىشىلەر پەقەت جىنسىي يول بىلەن يۇقىدۇ دەپ چۈشىنىدۇ. ئەمما بۇ 10% بولغان يۇقۇش يوللىرىنى بىلىۋېلىشقا ئەرزىيدۇ.