8 ئايلىق بوۋاقلار ???? – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر

0
1203
8 ئايلىق بوۋاقلار ????  – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر

بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر

8 ئايلىق بوۋاقلار ????

باش ئايلانمىسى: 42.2 – 47 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 66.5 – 76.2 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 7000 – 10500 گىرام

بوي، باش ئايلانمىسى، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆزگىرىشى بۇرۇنغا قارىغاندا بىراز ئاستىلايدۇ. بوۋاقنىڭ يېڭى تۇغۇلغاندىكى ئىختىيارسىز ھەرىكەتلىرى يوقاپ، ئۇنىڭ يېرىغا ئۆز ئىختىيار ھەرىكەتلىرى كۆپىيىدۇ. ئويۇنچۇق، سۈت پوتۇلكىسىنى قولى بىلەن كۆرسىتىپ تەلىپىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. ئالدىدىكى ئويۇنچۇقنى تىقىۋالغاندا ئىزدەپ باقىدۇ. ناتونۇشلارنى كۆرگەندە ئېنىق پەرق قىلىپ قورقۇپ يىغلىيالايدۇ. بارماقچى بولغان تەرەپكە ئۆمىلەپ بارالايدىغان بولىدۇ. قولىدىكى ئويۇنچۇقنى ئۆز خائىشى بىلەن يەرگە قويالايدۇ.

❤️️

8 ئايلىق بوۋاقلار ????  – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر

 

ئەسكەرتىش: يېڭى تۇغۇلغاندىن تارتىپ 4 ياشقا كىرگىچە ھەرقايسى مۇھىم ئايلار، ياشلاردا بوۋاق بالىلاردا بولىدىغان بەزى ئالامەت، ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى يىغىنچاقلاپ دوختۇرلار بېكىتىمىزدىكى دوختۇرلار بىلەن بىرلىكتە رەتلەپ چىقتۇق. بۇ ئۆزگىرىشلەر ساغلام بوۋاقلارنىڭ كۆپىنچىسىدە بولىدۇ. ئەگەر مەزكۈر ئايدا تىلغا ئېلىنغان ئالامەتلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرقانچىسى بوۋاقتا، بالىدا كۆرۈلمىسە، ۋاقتىدە بالىلار دوختۇرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

كېيىنكى ئايلاردىكىنى داۋاملىق چىقىرىمىز.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here