ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقى7 ئايلىق بوۋاقلار ???? - بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان...

7 ئايلىق بوۋاقلار ???? – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر

7 ئايلىق بوۋاقلار ????

باش ئايلانمىسى: 41.7 – 46.3 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 65 – 73.2 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 6700 – 10200 گىرام

ئۆز ئالدىغا ئۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئۆمىلەشكە باشلايدۇ. ياردەم قىلمىسىمۇ ئولتۇرالايدىغان بولۇشقا باشلايدۇ. بوۋاقنى كۆتۈرۈپ يەرگە دەسسەتكۈزۈشكە تەمشەلگەندە، بوۋاق يەرنى دەسسىگەن ھامان سەكرەش ھەرىكىنى قىلىدۇ. كۆپ ھەجەلىق ئاۋازلارنى چىقىرالايدۇ. چوڭراق يېنىك جىسىملەرنى قولىغا ئېلىپ، بىر قولىدىن يەنە بىر قولىغا ئالماشتۇرالايدۇ. ياخشى ئۆگەتسە ئىستاكاندىن سۇ ئىچەلەيدىغان بولىدۇ. ئەينەككە قاراپ خوش بولىدۇ. تەلەپ قىلغىنىنى قىلمىسا يىغلايدۇ. تونۇش بولمىغان چىرايلارنى كۆرسە ياتسىرايدۇ، قورقۇپ يىغلايدۇ.

❤️️

 

ئەسكەرتىش: يېڭى تۇغۇلغاندىن تارتىپ 4 ياشقا كىرگىچە ھەرقايسى مۇھىم ئايلار، ياشلاردا بوۋاق بالىلاردا بولىدىغان بەزى ئالامەت، ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى يىغىنچاقلاپ دوختۇرلار بېكىتىمىزدىكى دوختۇرلار بىلەن بىرلىكتە رەتلەپ چىقتۇق. بۇ ئۆزگىرىشلەر ساغلام بوۋاقلارنىڭ كۆپىنچىسىدە بولىدۇ. ئەگەر مەزكۈر ئايدا تىلغا ئېلىنغان ئالامەتلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرقانچىسى بوۋاقتا، بالىدا كۆرۈلمىسە، ۋاقتىدە بالىلار دوختۇرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

كېيىنكى ئايلاردىكىنى داۋاملىق چىقىرىمىز.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-01-04 / 07:36:40

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ