ھازىر قىزىقارلىق بىر ئەھۋال بار. تۇرمۇش بۇرۇنقى زامانلارغا قارىغاندا خېلىلا ياخشى. ئەمما بالىلاردا كېسەللىك كۆپىيىپ قالدى. چەتئەللىك بەزى مۇتەخخەسىسلەر بۇنى تۇرمۇشىمىزدىكى زىيادە پاكىزلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تەبىئىي ئىممۇنىت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىش، ئاسانلا زىيادە سىزىمچانلىق رىئاكسىيەسى بولۇپ قېلىش، ئاسانلا كىچىك كېسەللىكلەرغا گىرىپتار بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىغا باغلىماقتا. يەنى بۇنىڭغا بالىلاردىكى باياشاتلىق كېسىلى دەپ ئاتاپ قويماقتا.
بۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ بېرىدىغان بىر قانچە تەۋسىيەلىرىم بار.
- تەبئىي تۇغۇلغان بالىنىڭ تەن ساپاسى ئانىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرۇلغان بالىدىن ياخشى بولىدۇ. چۈنكى تەبئىي تۇغۇلغان بالا تۇغۇش يولىدىكى باكتېرىيە بىلەن ئۇچرىشىپلا قالماي، يەنە ئۈچەي يوللىرىدىكى باكتېرىيە بىلەنمۇ ئۇچرىشىدۇ. بۇنداق مۇرەككەپ مۇھىت ئۇلاردا ئاشقازان يولى باكتېرىيە توپىنىڭ شەكىللىنىشىگە پايدىلىق.
- كۆپ دېزىنفېكسىيە قىلىنغان ئۆيدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ تېنى ئاجىز كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۈستەلنى پاكىز سۇدا سۈرتىۋەتسىلا كۇپايە، ئېمىزگە يەرگە چۈشۈپ كەتكەندە، تۇربا سۈيىدە چايقىۋەتسەكلا ياكى چوڭلار ئاغزىغا سېلىپ بىر قېتىم شوراپ قويسىلا بولىدۇ.
- ئەگەر سىزدە سىل كېسىلى دېگەندەك ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل بولمىسىلا، بالىڭىزنى سۆيگىڭىز كەلسە سۆيۈۋېرىڭ.
- بىرەر نەرسە يېگەندە زىيادە ئېھتىيات قىلىپ كەتمەڭ. بالىڭىز بىرەر نەرسە يەپ زىيان قىلىپ ، ئاددىي رېئاكسىيە قىلسىلا، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ نەرسىنى بالىڭىزغا يېيىشنى چەكلىمەڭ. چۈنكى بۇنداق نەرسىلەرنىڭ زىيان قىلىشى كۆپىنچە ھاللاردا بىر قېتىملا بولىدۇ، بالىڭىز ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن يەنە سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر بۇ چاغدىمۇ زىيان قىلسا، يەنە قايتىدىن سىناپ بېقىڭ.
- تۇرمۇشتىكى كۆپ ساندىكى باكتېرىيە بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئەكىسچە ئاتا – ئانا بالىلىرىنى زىيادە ئاسراپ بېقىشى دەل ئەكىسچە نەتىجە بېرىدۇ.