دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار كېسەللىكلىرىبالىلارنىڭ كۆيۈپ يارىلىنىشىدا قانداق قىلىش كېرەك؟ جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرىنى بىلىۋېلىڭ

بالىلارنىڭ كۆيۈپ يارىلىنىشىدا قانداق قىلىش كېرەك؟ جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرىنى بىلىۋېلىڭ

بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى دۇنياغا بولغان قىزىقىشى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. بىراق، بالىلاردا خەتەرنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەنلىكتىن، ئۆي ئىچىدىكى قايناقسۇ، ئوت مەنبەسى ياكى قىزىپ تۇرغان ئاشخانا سايمانلىرى ئاسانلا تۇيۇقسىز كۆيۈپ يارىلىنىش ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار بۇنداق جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ ياكى خاتا تەجرىبىلەرگە تايىنىپ بالىنىڭ يارىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بالىلارنىڭ تېرىسى ئىنتايىن نازۇك بولغاچقا، كۆيگەن ئورۇننى جىددىي قۇتقۇزۇش جەريانىدىكى بىر قانچە سېكۇنت ۋە مىنۇتلار پۈتۈن داۋالاش ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بالىلارنىڭ كۆيۈپ يارىلىنىشىدا قانداق قىلىش كېرەك؟ جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرىنى بىلىۋېلىڭ

 

كۆيۈك يارىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى «ئالتۇن بەش باسقۇچ»

بالا كۆيۈپ يارىلىنىپ قالغان ھامان، ئەڭ مۇھىمى ساراسىمىگە چۈشمەي، تۆۋەندىكى خەلقئارالىق ئۆلچەملىك جىددىي بىر تەرەپ قىلىش باسقۇچلىرىنى قوللىنىش كېرەك:

  • يۇيۇش: كۆيگەن ئورۇننى دەرھال ئېقىپ تۇرغان پاكىز سوغۇق سۇغا (8-15 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا) تۇتۇش كېرەك. سۇ بېسىمى بەك كۈچلۈك بولۇپ كەتسە تېرىگە زىيان يېتىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق ئېقىش سۈرىئىتى بىلەن 15 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە يۇيۇپ بېرىش يارە ئورنىدىكى ئىسسىقلىقنى چۈشۈرۈشكە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
  • سالدۇرۇش: سۇدا يۇيۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆيگەن ئورۇندىكى كىيىملەرنى ئېھتىيات بىلەن سېلىۋېتىش كېرەك. ئەگەر كىيىم تېرىگە چاپلىشىپ قالغان بولسا، ھەرگىز كۈچەپ تارتماڭ. بۇنداق ئەھۋالدا قايچا بىلەن كىيىمنىڭ ئەتراپىنى كېسىۋېتىپ، چاپلاشقان قىسمىنى تېرىدە قالدۇرۇپ قويۇڭ.
  • چىلاش: ئەگەر كۆيگەن كۆلەم سەل چوڭ بولسا، كۆيگەن ئورۇننى پاكىز سۈزۈك سوغۇق سۇ قۇيۇلغان داسقا چىلاپ قويۇش ئاغرىقنى پەسەيتىش بىلەن بىرگە، ئىششىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
  • يېپىش: كۆيگەن ئورۇنغا پاكىز، يۇمشاق توقۇلما رەخت ياكى داكا بىلەن يەڭگىل يېپىپ قويۇڭ. بۇ باكتېرىيەنىڭ يارە ئورنىغا كىرىپ يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئازايتىدۇ.
  • يوللاش: يۇقارقى باسقۇچلارنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، بالىنى تېزدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ مۇنتىزىم داۋالاتۇش كېرەك.

 

نېمە ئۈچۈن چىش پاستىسى ياكى ھەسەل سۈرمەسلىك كېرەك؟

نۇرغۇن كىشىلەر كونا ئادەتلەر بويىچە كۆيگەن يەرگە چىش پاستىسى، جياڭيۇ، ھەسەل ياكى تۇز سۈرىدۇ. بۇ ئەڭ خەتەرلىك خاتا قاراشلارنىڭ بىرىدۇر. چىش پاستىسى تەركىبىدىكى خىمىيىلىك ماددىلار يارىنى غىدىقلاپلا قالماي، تېرىنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. جياڭيۇ ياكى رەڭلىك دورىلار بولسا يارىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋېتىپ، دوختۇرنىڭ يارە دەرىجىسىگە ھۆكۈم قىلىشىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇنداق تۇرمۇش بۇيۇملىرى مىكروبسىزلاندۇرۇلمىغان بولغاچقا، بالىنىڭ يارىسىنى تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملاندۇرۇپ قويىدۇ.

كۆيگەن ئورۇندا پەيدا بولغان سۇلۇق قاپارتمىلارنى ھەرگىز ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ تەشمەڭ . بۇ قاپارتمىلار تېرىنىڭ ئاستىنقى قىسمىنى قوغدايدىغان «تەبىئىي ئوراش ماتېرىيالى» بولۇپ، يېرىپ قويۇلسا يارا ئورنى ھاۋادىكى باكتېرىيەلەرگە بىۋاسىتە ئوچۇق قالىدۇ.

 

ئالاھىدە ئەھۋاللار: نەپەس يولى ۋە باش-يۈز قىسمىنىڭ كۆيۈشى

ئەگەر بالا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن، قويۇق ئىس-تۈتەكلىك مۇھىتتا قالغان بولسا، ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدە ئېغىر كۆيۈك بولمىسىمۇ، نەپەس يولى زەخىملەنگەن بولۇشى مۇمكىن. ئىس-تۈتەكنى سۈمۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆپكىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەخىم يەتكۈزىدۇ. ئەگەر بالىنىڭ ئاۋازى پۈتۈپ قالسا، يۆتەلگەندە قارا رەڭلىك بەلغەم كەلسە ياكى نەپەسلىنىشى قىيىنلاشسا، بۇ ئىنتايىن جىددىي سىگنالدۇر. بۇنداق ئەھۋالدا دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش نومۇرىغا تېلېفون قىلىش كېرەك ۋە بالىنىڭ ھاۋا يولىنى راۋان تۇتۇش كېرەك.

 

كۆيۈپ يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش: ئۆي ئىچى بىخەتەرلىكى

داۋالاشتىن كۆرە ئالدىنى ئېلىش مىڭ ئەلا. بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئائىلىدە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ:

  • قايناقسۇ قاچىلىرى، ئىسسىق تاماقلارنى بالىلارنىڭ قولى يەتمەيدىغان يەرگە قويۇش.
  • ئاشخانىدا تاماق ئەتكەندە قازاننىڭ سېپىنى ئىچىگە قارىتىپ قويۇش.
  • يۇيۇنۇش سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز سىناڭ.
  • ئوتتۇرا، ئېلېكترونلۇق چەينەك سىملىرىنى ساڭگىلاتماي يىغىشتۇرۇپ قويۇڭ.

بالىلار كۆيۈپ يارىلىنىپ قالسا، «پاكىز سوغۇق سۇدا يۇيۇش» بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە. ئاتا-ئانىلار جىددىيلەشمەي، پەن-تېخنىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇشنى ئېلىپ بارسا، كېيىن بالا تېرىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە زور پايدىسى بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2026-03-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2026-03-20 / 06:43:05

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ