ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرجىددىي قۇتقۇزۇشكىسلاتا كۆزگە چاچراپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

كىسلاتا كۆزگە چاچراپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

كىسلاتالىق نەرسىلەردىن كېلىپ چىققان كۆيۈكلەر تولىراق گۈڭگۈرت كىسلاتاسى، ئازوت كىسلاتاسى، تۇز كىسلاتاسى، سىركە كىسلاتاسى قاتارلىقلاردىن بولىدۇ، بۇ كىسلاتالىق ماددىلار كۆزگە چاچرىسا، كۆزنىڭ توقۇلمىلىرىدا خىمىيەلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، مۈڭگۈزسىمان پەردە، تۇتاشتۇرغۇچى پەردە توقۇلمىلىرىنى چىرىتىدۇ.

شۇلتىلىق ماددىلاردىن كېلىپ چىققان كۆيۈكلەر تولاراق كالىي ھىدروكسىدى، ناترىي ھىدروكسىدى، كالتسىي كاربونات، نۇشۇدۇر ئىسپىرتى قاتارلىقلاردىن بولىدۇ، ئۇنىڭ ناكار قىلىش دەرىجىسى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، كۆزنىڭ ئىچكى توقۇلمىلىرىغا سىڭىپ كىرىپ، كۆزنى ئېغىر دەرىجىدە ناكار قىلىدۇ، ھەتتا كور قىلىپ قويىدۇ.

كىسلاتا، شولتا قاتارلىقلار كۆزنى كۆيدۈرىدىغان بولغاچقا، تېزدىن جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك. بۇنىڭدا دەرھال سۈزۈك سۇ بىلەن ئېقىتىپ يۇيۇش، باشنى داستىكى سۇغا چىلاپ، كۆزنىڭ جىيىكىنى تارتىپ تۇرۇپ باشنى مىدىرلىتىپ، كۆزگە كىرىپ كەتكەن كىسلاتا، شۇلتىلارنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىش لازىم. كۆزنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كۆيۈشى نەق مەيداندىكى قۇتقۇزۇشنىڭ تېز ياكى ئاستا بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. قانچە تېز قۇتقۇزۇلسا، كۆزنىڭ ناكار بولۇشى شۇنچە ئاز بولىدۇ.

كۆزنى ئېقىتىپ يۇيماي تۇرۇپ، دوختۇرخانىغا يۈگۈرمەسلىك كېرەك. خىمىيەلىك نەرسىلەرنىڭ كۆزنىڭ توقۇلمىلىرىغا سىڭىپ كىرىشى تېز بولغانلىقتىن، دوختۇرخانىغا ئالدىراپ، ئېقىتىپ يۇيۇش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇنداق قىلمىغاندا كۆزنى ئېغىر دەرىجىدە ناكار قىلىدۇ.

خىمىيە، بوياقچىلىق، دورا ياساش زاۋۇتلىرى ياكى تەجرىبىخانىلەردە جەزمەن ئېقىتىپ يۇيىدىغان دورا سۇلىرىنى تەييارلاپ قويۇش كېرەك. كىسلاتا، شۇلتا قاتارلىقلار كۆزگە چاچراپ كەتكەن ھامان دەرھال دورا سۈيى بىلەن ئېقىتىپ يۇيۇش كېرەك. كىسلاتادىن بولغان كۆيۈكلەرنى ئازراق شۇلتىلىق سۇ بىلەن ئېقىتىپ يۇيسا، شۇلتىدىن بولغان كۆيۈكلەرنى ئازراق كىسلاتالىق سۇ بىلەن ئېقىتىپ يۇيسا كىسلاتا بىلەن شۇلتا تەڭشىلىدۇ. ھاكتىن بولغان كۆيۈكلەرنى ئاممىياكنى ئېرىتىدىغان دورا سۈيى بىلەن يۇيۇش لازىم. يۇقىرىدا ئېيتىلغان تېز قۇتقۇزۇشلاردىن كېيىن، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش لازىم.

ئابلىمىت داۋۇت تەييارلىغان

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-16

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 06:08:37

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ