بالىلار مېڭە كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى بوۋاقلارنىڭ قەدەم ھارۋىسى ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ جىسمانىي تەرەققىياتقا توسالغۇ بولىدۇ. شۇنداقلا، بالىلارنىڭ پۇت ئۇچىدا مېڭىشى نېرۋا سىستېمىسى ياكى مۇسكۇل تەرەققىياتىدىكى مۇھىم سىگنال بولۇشى مۇمكىن. ئاتا-ئانىلار كۆپىنچە ئەھۋالدا بالىسىنىڭ بالدۇرراق مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىپ بۇ خىل قوراللارنى سېتىۋالىدۇ، ئەمما بۇ تىرىشچانلىق بالىنىڭ تەبىئىي ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

قەدەم ھارۋىسىنىڭ نېرۋا ۋە جىسمانىي تەرەققىياتقا بولغان تەسىرى
قەدەم ھارۋىسى بەزى كىشىلەر يەنە يۈرۈش ھارۋىسى ، قەدەم ئۆگىنىش ماشىنىسى ، بوۋاق مېڭىش ھارۋىسى دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار قەدەم ھارۋىسى ئىشلەتسە بالام تېز مېڭىشنى ئۆگىنىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما تىببىي تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، بۇ ھارۋىلار بالىلارنىڭ مېڭىشىنى تېزلىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى ئۇلارنىڭ تەبىئىي مېڭىش جەريانىنى كېچىكتۈرىدۇ. بوۋاقلار مېڭىشتىن بۇرۇن يۆمىلىشى، ئولتۇرۇشى ۋە ئۆز گەۋدىسىنى تەڭشەشنى ئۆگىنىشى كېرەك. قەدەم ھارۋىسى بالىنى سۈنئىي بىر تىرەك بىلەن تىك تۇرغۇزۇپ قويغاچقا، بالا ئۆز گەۋدىسىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى تېپىش ۋە تەڭپۇڭلۇق ساقلاش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرەلمەيدۇ.
بالىلار مېڭە كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىنىڭ بۇ قورالغا قارشى تۇرۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە:
- ئۆمىلەش باسقۇچىنىڭ ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىلىشى: ئۆمىلەش بالىنىڭ ئوڭ ۋە سول مېڭە يېرىم شارلىرىنىڭ ماسلىشىشى، كۆرۈش بىلەن ھەرىكەتنىڭ ماسلىشىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
- خەتەرلىك ۋەقەلەر: قەدەم ھارۋىسىدىكى بوۋاقلار تېز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلالايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كېتىشىگە، ئوچاق ياكى ئىسسىق سۇغا ئاسان يېتىپ بارالايدىغان بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
- مۇسكۇللارنىڭ نامۇۋاپىق تەرەققىي قىلىشى: بالا ھارۋىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرغاندا پۇتىنى تولۇق يەرگە قويماستىن، پەقەت پۇتنىڭ ئۇچىدىلا ئىتتىرىدۇ، بۇ پاچاق مۇسكۇللىرىنىڭ زىيادە قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بىنورمال يېتىلىشىگە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.
پۇت ئۇچىدا مېڭىش: بىر خەتەرلىك سىگنالمۇ ياكى ئادەت بولۇپ قېلىشمۇ؟
بالىلارنىڭ پۇت ئۇچىدا مېڭىش ئەھۋالى بالىلار دوختۇرلىرىنىڭ ئەڭ دىققەت قىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئەگەر بوۋاق بالا ئەمدىلا مېڭىشنى باشلىغان بولسا ، بۇ ئەھۋال كۆپىنچە ۋاقىتتا تەجرىبە قىلىش ياكى ئۆگىنىش جەريانىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىلىدۇ. ئەمما، بوۋاق بالا 3-4 ئايلىقتىن كېيىن قولتۇقىدىن كۆتۈرۈپ ، يەرنى دەسسەتكۈزۈشكە سىنىغاندا توختىماي پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسىسە ، ياكى 1 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنمۇ يەنىلا پۇت ئۇچىدا ماڭسا، بۇ نېرۋا سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىن بولۇشى مۇمكىن.
قەدەم ھارۋىسىنى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىش بالىلاردا پۇت ئۇچىدا مېڭىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. چۈنكى بالا ماشىنا ئىچىدە تۇرغاندا پۇتىنى پۈتۈنلەي يەرگە دەسسەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، پەقەت بارماق ئۇچى بىلەن يەرنى ئىتتىرىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەت ئۇنىڭ مېڭىسىگە «مېڭىش دېگەن مۇشۇنداق بولىدۇ» دېگەن خاتا ئۇچۇرنى ئەۋەتىدۇ. كېيىن بالا ماشىنىسىز ماڭغاندىمۇ، شۇ ئادىتى بويىچە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
پۇت ئۇچىدا مېڭىشنىڭ تىببىي سەۋەبلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
بەزى ئەھۋاللاردا پۇت ئۇچىدا مېڭىش ئادەتتىكى تەرەققىيات مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى نېرۋا سىستېمىسى يېتىلىشىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئائىلىلەر چوقۇم دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك. پۇت ئۇچىدا مېڭىش تۆۋەندىكىدەك كېسەللىكلەرنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن:
- مېڭە پالەچلىكى (Cerebral Palsy): مۇسكۇللارنىڭ زىيادە جىددىيلىشىشى سەۋەبىدىن بالا پۇتىنى يەرگە تەگكۈزەلمەيدۇ.
- يالغۇزلۇق كېسىلى ياكى ئىچىگە بېكىنىش كېسىلى (Autism): نۇرغۇنلىغان ئاۋتىزىم كېسىلى بار بالىلاردا سېزىش سىستېمىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن پۇت ئۇچىدا مېڭىش كۆپ كۆرۈلىدۇ.
- مۇسكۇل بۇزۇلۇشى (Muscular Dystrophy): پۇت مۇسكۇللىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى قىسقىرىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
دوختۇرلار بالىنىڭ مېڭىشىنى كۆزەتكەندە، پەقەت پۇتنىڭ ھالىتىگە ئەمەس، بەلكى بالىنىڭ ئومۇمىي ھەرىكەت قابىلىيىتىگە، نېرۋا رېفلېكسلىرىغا ۋە مۇسكۇل كۈچىگە قارايدۇ. ئەگەر بالىڭىز بىر يېرىم ياش ئىككى ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنمۇ پۇت ئۇچىدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرسا، بۇنى ئاددىي ئادەت دەپ قاراپ سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئاتا-ئانىلارغا تەۋسىيە
بالىڭىزنىڭ ساغلام يېتىلىشى ئۈچۈن تەبىئىي جەريانغا ھۆرمەت قىلىڭ. بالا ئالدى بىلەن يەردە يۆمىلەپ، مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇشى، ئۆزى تىرىشىپ ئورنىدىن تۇرۇشى كېرەك. قەدەم ھارۋىسىنىڭ ئورنىغا، بالىنىڭ يەردە ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش، بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سوۋغىدۇر. ئەگەر بالىڭىزنىڭ مېڭىشىدا بىنورماللىق ھىس قىلسىڭىز، بالىلار نېرۋا دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ، بالدۇر دىياگنوز قويغۇزۇش كەلگۈسىدىكى مېيىپلىك ياكى ھەرىكەت توسالغۇلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
قەدەم ھارۋىسى زامانىۋى تۇرمۇشتىكى بىر قولايلىق قورالدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بالىلار نېرۋا تەرەققىياتىغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى پايدىسىدىن كۆپ. بالىڭىزنىڭ قەدەملىرىنى تەبىئىي تاشلىشىغا يول قويۇڭ، پۇت ئۇچىدا مېڭىشقا ئوخشاش بىنورماللىقنى بايقىسىڭىز، ۋاقتىدا مۇتەخەسسىستىن مەسلىھەت سوراشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.


