توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەبنۇسنىڭ (柿子) تەركىبىدە تاننىك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى بىر قەدەر مول. گەرچە بۇ ئىسىم ئاڭلىماققا ناتونۇش بولسىمۇ، لېكىن دولانا، ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە بۇ خىل تەركىب بار. ئۇنىڭدىن سىرت، قىرتاق تەمگە ئىگە مېۋىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىدە تاننىك كىسلاتاسى بولىدۇ.
مەلۇم بىر خىل ئالاھىدە شارائىتتا، تاننىك كىسلاتاسى ئاشقازاندىكى ئاقسىل قاتارلىق ماددىلار بىلەن بىرىكىپ، ھەزىم قىلغىلى بولمايدىغان ھەم سۇدا ئېرىمەيدىغان چۆكمە ھاسىل قىلىدۇ. مۇشۇنداق چۆكمە ھاسىل بولغان ھامان، ئاشقازاننى ئاسانلا زەخىملەندۈرۈپ قويىدۇ. گەرچە ئەبنۇستىكى تاننىك كىسلاتاسى ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن ئاسانلا ئاشقازاندا چۆكمە ھاسىل قىلىپ قويسىمۇ، ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ئەبنۇسنى يېسىڭىز چوقۇم چاتاق چىقىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئوخشاش بولمىغان ئەبنۇسنىڭ تەركىبىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان مىقداردا تاننىك كىسلاتاسى بولىدۇ، ئەبنۇس پىشقانسېرى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى شۇنچە ئاز بولىدۇ. شۇڭا، بازاردا بىز سېتىۋالغان ئەبنۇسنىڭ كۆپ قىسمى خېلى پىشقان بولۇپ، تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ئادەتتە %0.5تىن تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا، بىز ئادەتتە ئىستېمال قىلىدىغان ئەبنۇسنىڭ ئاشقازاندا چۆكمە ھاسىل قىلىپ قويۇشىدىن ئانچە ئەنسىرەپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ
ئۇنداقتا قانداق كىشىلەر ئەبنۇسنى يېيىشىگە ماس كەلمەيدۇ؟
1. ئاشقازىنى ياخشى ئەمەس كىشىلەر
ئاشقازىنى ياخشى بولمىغانلار ياكى ئاشقازان كېسىلى بولغانلارنىڭ ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئەسلىدىنلا ئاجىز بولۇپ، ئەبنۇس يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ. بۇندا كىشىلەر ئەبنۇسنى يېگەندە، ئاشقازان ئاغرىش، قورساق كۆپۈش قاتارلىق ئاشقازان مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
2. دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى
دىيابېت بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېمەك-ئىچمەكتە قەنت ۋە ئىسسىقلىقنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك. ئەبنۇس ئەسلىدىنلا قەنت تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان بىر خىل مېۋە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەبنۇس بەدەنگە ناھايىتى ئاسان سۈمۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئاسانلا بەدەننىڭ قان شېكىرىدە داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، دىيابېت بىمارلىرىنىڭ يېيىشىگە ماس كەلمەيدۇ.
3. ئەبنۇس رېئاكسىيە قىلىدىغان كىشىلەر
ئەبنۇس رېئاكسىيە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئادەتتە زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلى بار بولۇپ، ئۇلارغا خالىغان بىر خىل يېمەكلىك تۇيۇقسىز رېئاكسىيە قىلىپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلى بار كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى ئەبنۇسنى يېمەسلىكى كېرەك.
4. ئۆتتە تاش بار بولغان بىمارلار
ئۆتتە تاش بار بولغان بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئاشقازان ئۈچىيىنىڭ ئىقتىدارى ئانچە ياخشى ئەمەس، شۇڭا ئەبنۇس يېيىش كېسەللىكنىڭ قايتا قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئېغىر بولغاندا يەنە باشقا ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى، شۇنداقلا مەلۇم دەرىجىدە ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/19750669.shtml