سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
سۈتتە ئاقسىل، كالتسىي ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلار مول بولغاچقا، بەدەننى ياخشى بولغان ئوزۇقلۇقلار بىلەن تەمىنلەپ بېرىدۇ، سۈتنى قانداق ئىچىش كېرەك؟ قانچىلىك ئىچىش كېرەك؟ قانداق ۋاقىتتا ئىچىش كېرەك؟ تۇرمۇشتا بۇ سوئاللارغا قارىتا نۇرغۇنلىغان خاتا قاراشلار مەۋجۇت.
بىرىنچى خاتا قاراش: ئاق قورساق سۈت ئىچسە قورساق ئاغرىيدۇ
بەزى كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئاق قورساق سۈت ئىچسە قورساق كۆپۈش، قورساقتىن ئاۋاز چىقىش، ئىچى سۈرۈپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا كىشىلەر سۈت بەك قۇۋۋەتلىك بولغاچقا، ئاشقان-ئۈچەي كۆتۈرەلمىگەچكە مۇشۇنداق بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە سۈت ئىچىپ بولغاندىن كېيىنكى بىئاراملىق ئاچ قورساق سۈت ئىچىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەكسىچە بۇ خىلدىكى كىشىلەر لاكتوزا قوبۇل قىلالمايدىغان كىشىلەردۇر.
ئىككىنچى خاتا قاراش: ئەتىگەن ياكى كەچتە سۈت ئىچىنىڭ چوڭ پەرقى بار
بەزى كىشىلەر بەلكىم سۈتنى ئەتىگەندە ئىچىش ياكى كەچتە ئىچىش مەسىلىسىدە كۆپ باش قاتۇرۇشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە سۈتنى ئەتىگەن ياكى كەچتە ئىچىشنى شەخسنىڭ ئادىتىگە قاراپ بەلگىلىسە بولىدۇ، چوڭ پەرقىمۇ يوق.
سۈت ئەتىگەنلىك تاماقتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش بولالايدۇ، باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلغاندا يېڭى بىر كۈننى باشلاپ ئۈچۈن بەدەنگە ئوزۇقلۇق تولۇقلايدۇ. كەچتە سۈت ئىچكەندە بولسا ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.
ئۈچىنچى خاتا قاراش: سۈتتە يۈزنى يۇيسا ئاقىرىدۇ
تېرە سۈت تەركىبىدىكى سۇنى قوبۇل قىلغاندىن باشقا، سۈت تەركىبىدىكى ئاقسىل تېرە تەرىپىدىن سۈمۈرۈلمەيدۇ، يەنە كېلىپ سۈتتە يۈز يۇيۇش تېرىدىكى قارا پىگمېنتلارنىڭ شەكىللىنىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ، شۇڭلاشقا سۈتتە يۈزىنى يۇيسا ئاقىرىدۇ دېگەن قاراشنىڭ ئاساسى يوق.