ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئاق تۇرۇپ يېيىشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟
1-پايدىسى: ئورۇقلاش
ئاق تۇرۇپ تەركىبىدە ئىسسىقلىق مىقدارى بىر قەدەر ئاز، سېللۇلوزا بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، يېگەندىن كېيىن ئاسانلا تويۇنۇش تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، ئورۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى قىچا مېيى ۋە يېمەكلىك تالالىرى ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى مېتابولىزم كېرەكسىز ماددىلىرىنىڭ چىقىرىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
2-پايدىسى: تېرە ئاسراش
ئاق تۇرۇپ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ، ئاقارتىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى. ۋىتامىن C ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ بولۇپ، قارا پىگمېنتنىڭ بىرىكىشىنى تورمۇزلاپ، ياغنىڭ ئوكسىدلىنىشىنى توسۇپ، ياغ قوڭۇر ماددىسىنىڭ چۆكۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭا، دائىم ئاق تۇرۇپ يەپ بەرسە تېرە ئاسراشقا پايدىلىق.
3-پايدىسى: يەلنى راۋانلاشتۇرۇش
ئاق تۇرۇپنى يېگەندە ئاشقازان، ئۈچەي تېخىمۇ راۋانلىشىدۇ، يەنى كۆپچىلىك دائىم دەيدىغان «نەپەسنى راۋانلاشتۇرىدۇ». نېمە ئۈچۈن ئاق تۇرۇپ يەلنى راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ؟
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاق تۇرۇپنىڭ ئىككى خىل فۇنكسىيىلىك تەركىبى بار:بىرى، قىچا مېيى، بەزى تۇرۇپلار بىر قەدەر ئاچچىق، چۈنكى تەركىبىدە بۇ خىل ماينىڭ بولغانلىقىدا؛ يەنە بىرى، ئاق تۇرۇپتىكى تاماق تالاسى.
ئاق تۇرۇپنى يېگەندىن كېيىن، بەدەننىڭ «ئۈستى»، «ئاستى» ھەممىسى ئېچىلىدۇ-دە، ئۈستۈنكى قىسمى ھېق تۇتىدۇ، ئاستىنقى قىسمىدىكى ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى كۈچىيىدۇ. شۇڭا تۇرۇپ يەپ بولغاندىن كېيىن، بەدەننىڭ ھەزىم قىلىشى نىسبەتەن ئاسان ۋە راۋان بولىدۇ.
4-پايدىسى: ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
يېقىندا ئەنگلىيىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئۆپكە يۇقۇملىنىش كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىلدە كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بەرسە، ئۆپكىنى ئاسراپ، يۇقۇملىنىشنى ئازايتقىلى بولىدىكەن، ئاق تۇرۇپ بولسا كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە كۆكتات.
ئاق تۇرۇپ خام يېيىشكە ماس كېلەمدۇ ياكى پىششىق يېيىشكىمۇ؟
ئاق تۇرۇپنى خام يېيىشكە بولىدۇ، ئەمما ئاق تۇرۇپنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان قىچا مېيى بولغاچقا، ئاچچىق تەمى بار، بەزى دوستلار بۇ خىل غىدىقلاشقا بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى مۇمكىن.
خام يېگەندە، ئاق تۇرۇپتىكى ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق تەركىبلەر تېخىمۇ مۇكەممەل ساقلىنىدۇ، پىشۇرغاندا بىر قىسمى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر قىسىم ئاچچىق تەم چىقىرىۋېتىلىدۇ، شۇڭا دوستلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق تاللاش كېرەك.
ئاق تۇرۇپنىڭ ئۈستىدىكى تۇرۇپ يوپۇرمىقىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرىمۇ؟
ئاق تۇرۇپ يوپۇرمىقىنىڭ تەركىبىدە يەنە بىر قىسىم ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، بولۇپمۇ ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، 77mg/100gغا يېتىدۇ، بۇ مايمۇن شاپتۇلىدىنمۇ يۇقىرى، ئەمما تۇرۇپنىڭ تەمى قىرتاق بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، تۇرۇپ پوستىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى، ئەگەر پوستى بىلەن تەمىنى قوبۇل قىلغىلى بولسا، ئەڭ ياخشىسى تۇرۇپ پوستىنى ئېلىۋەتمەسلىك كېرەك، ئامال قىلىپ تەمىنى تەملىكرەك قىلىپ تەييارلىساق بولىدۇ، مەسىلەن، سوغۇق ئارىلاشتۇرۇلغان تۇرۇپ پوستى بىز كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل سوغۇق سەي.
ئەگەر ئاق تۇرۇپنى پىشۇرۇپ يېيىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، بۇ يەردە كۆپچىلىككە قىش پەسلىدە دائىم يەيدىغان بىر خىل مەززىلىك تائام ئاق تۇرۇپ قوشۇلغان قوي گۆشى شورپىسىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
يېمەكلىك ماتېرىيالى:قوي گۆشى، ئاق تۇرۇپ، تەم تەڭشىگۈچى ھاراق، زەنجىۋىل، غولپىياز، تۇز.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. يېمەكلىك ماتېرىياللىرى ۋە خۇرۇچلارنى تەييار قىلىپ، قوي گۆشى، ئاق تۇرۇپ، زەنجىۋىل، غولپىيازلارنى توغراپ تەييار قىلىمىز.
2. قوي گۆشىنى پاكىز يۇيۇپ، سۇغا چىلاپ، قان دېغى ۋە كۆپۈكچىلەرنى چىقىرىۋېتىمىز.
3. قوي گۆشى، تەم تەڭشىگۈچى ھاراق ۋە زەنجىۋىلنى قازانغا سېلىپ، تەخمىنەن ئالتە ئۈلۈش پىشقاندا تەييارلاپ قويغان ئاق تۇرۇپنى سېلىپ پىشۇرىمىز.
4. ئاق تۇرۇپ دۈملەپ چىقىلغاندىن كېيىن، تۇز سېپىپ تەمىنى تەڭشەپ، يەنە بەش مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن، ئوتنى ئۆچۈرىمىز.
بۇ تائامنىڭ تەمى ياخشى، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، قەھرىتان سوغۇقتا قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان ئېسىل تائام ھېسابلىنىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، قوي گۆشى ئورۇق بولسا مۇۋاپىق، سېمىز گۆش قىسمىنى چىقىرىۋېتىش، ھەر قېتىملىق ئىستېمال ئومۇمىي مىقدارى ئىككى سەر (خام ئېغىرلىقى) دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. شورپا تەركىبىدە پۇرىن مول بولۇپ، كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ.
مەنبە:
نۇر تورى