* ھەر كۈنى ئالما پوستىدىن 50 گىرامنى قاينىتىپ ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئىچىپ بەرسە ، ئۈچەي ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ .
* بېھى قېقىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە يۈرەك ، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە شىپا بولىدۇ .
* نەشپۈت پوستىنى يۇيۇپ ، ئېزىپ ئازراق تۇز قوشۇپ جاراھەتكە چاپسا ، يەللىك ئىششىقنى ياندۇرىدۇ .
* بانان پوستىدىن 50–100 گىرامنى سۇدا قاينىتىپ، چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە ، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە كۆرۈنەرلىك شىپا بولىدۇ .
* ئاپلېسىن پوستى بىلەن ناۋاتنى قاينىتىپ ، يىلمان قىلىپ ئىچىپ بەرسە ، قىشتىكى تارقىلىشچان زۇكامنى داۋالايدۇ .
* قۇرۇتۇلغان ئاپلېسىن پوستىدىن 25 گىرام ، يېڭىسىدىن 100 گىرامنى 500 گىرام سۇدا قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە ، بوغۇز ئاغرىغىغا شىپا قىلىدۇ .
ئەھمەت تاشتۆمۈر تەييارلىغان