ئائىلىڭىزگە يېڭى بىر ئەزانىڭ قوشۇلغانلىقى قۇتلۇق بولسۇن! بالىڭىزنى تۇنجى قېتىم قۇچىقىڭىزغا ئالغان دەقىقە بىر تەرەپتىن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ بەختلىك پەيت بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى ئاتا-ئانا بولۇشنىڭ ئەندىشىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بولۇپمۇ تۇنجى بىر ئاي ئىچىدە، بۇ كىچىككىنە جانلىقنى قانداق ئاسراش، ئۇنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قانداق قاندۇرۇش توغرىسىدا نۇرغۇن سوئاللار كۆڭلىڭىزدە پەيدا بولۇشى تەبىئىي.
ئەنسىرىمەڭ، بۇ يېتەكچى ماقالە سىزگە يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقىڭىزنى كۈتۈنۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۈچ نۇقتا: كىندىك ئاسراش، يۇيۇندۇرۇش ۋە كىيىندۈرۈش جەھەتتە قەدەممۇ-قەدەم ياردەم بېرىشكە تىرىشىمىز.
1. كىندىكنى ئاسراش ئۇسۇلى: قۇرغاق ۋە پاكىز تۇتۇشنىڭ سىرى
بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن، كىندىك بېغى كېسىلىدۇ ۋە بوۋاق بەدىنىدە ئازغىنە بىر قىسمى قالىدۇ. بۇ قالدۇق ئادەتتە 1-3 ھەپتە ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن قۇرۇپ چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ جەرياندا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.
كىندىك ئاسراشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:
-
1) قۇرغاق تۇتۇڭ : كىندىك قالدۇقىنى قۇرغاق تۇتۇش ئۇنىڭ تېزرەك چۈشۈپ كېتىشىگە ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا، كىندىك چۈشۈپ كەتكۈچە بوۋاقنى ۋاننىدا يۇيۇندۇرماي، پەقەت سۈرتۈپ يۇيۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىڭ.
-
2) ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرسۇن : كىندىكنى كىيىم بىلەن بەك چىڭ ئورىۋالماڭ. ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرسا، قۇرۇش جەريانى تېزلىشىدۇ.
-
3) سۈيدۈك لاتىسىنى قاتلاپ قويۇڭ : بوۋاقنىڭ سۈيدۈك لاتىسىنىڭ ئۈستۈنكى گىرۋىكىنى كىندىكنىڭ ئاستىغا كەلگۈدەك قىلىپ سەل قاتلاپ قويۇڭ. بۇ كىندىكنىڭ سۈيدۈك بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىپ، يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
-
4) سۈرتۈپ يۇيۇش : كىندىك چۈشۈپ كەتكۈچە، بوۋاقنى يۇمشاق، نەم لۆڭگە بىلەن ئاستا سۈرتۈپ يۇيۇڭ. كىندىك ئەتراپىنى نەملەشتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ.
-
5) ھېچقانداق نەرسە سۈرمەڭ: ئىلگىرى كىندىككە ئىسپىرت ياكى باشقا دورىلارنى سۈرۈش تەۋسىيە قىلىناتتى. ھازىرقى زامان بالىلار ساغلاملىقى ۋە كېسەللىكلىرى ئىلمى كۆز-قارىشىدا، ھېچقانداق نەرسە سۈرمەي، ئۇنى تەبىئىي ھالەتتە قۇرۇتۇش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل دەپ قارىلىدۇ.
ئەمىسە قاچان دوختۇرغا مۇراجىئەت قىلىش كېرەك؟
-
كىندىك ئەتراپىدىكى تېرە قىزىرىپ، ئىششىپ كەتسە.
-
كىندىكتىن سېرىق ياكى يېشىل رەڭلىك يىرىڭ ئاقسا ياكى سېسىق پۇراق كەلسە.
-
كىندىك چۈشكەندىن كېيىنمۇ ئاز مىقداردا قاناپ توختىمىسا.
يۇقارىدىكى ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە دوختۇرغا كۆرۈنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
2. بوۋاقنى يۇيۇندۇرۇش: بىخەتەر ۋە ئىللىق بىر تەجرىبە
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى ھەر كۈنى يۇيۇندۇرۇش ھاجەتسىز. ھەپتىسىگە 2-3 قېتىم يۇيۇندۇرۇش يېتەرلىك، چۈنكى بوۋاقنىڭ تېرىسى ناھايىتى نازۇك بولۇپ، كۆپ يۇيۇش تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
1-قەدەم: كىندىك چۈشۈشتىن بۇرۇن — سۈرتۈپ يۇيۇش
-
تەييارلىق: ئىلمان سۇ (تەخمىنەن 37°C)، يۇمشاق لۆڭگە، پاكىز كىيىم-كېچەك ۋە يېڭى بوۋاققا رىئاكسىيە قىلمايدىغان سۈيدۈك لاتىسىنى تەييارلاڭ.
-
جەريان: بوۋاقنى يۇمشاق يوتقانغا يۆگەپ، ھەر قېتىمدا بىر ئەزاسىنىلا ئېچىپ يۇيۇڭ. ئاۋۋال يۈزىنى پاكىز سۇ بىلەن سۈرتۈڭ، ئاندىن باشقا ئەزالىرىنى ئازراق بوۋاقلار سوپۇنى ئىشلىتىپ يۇيۇپ، دەرھال پاكىز سۇ بىلەن سۈرتۈپ قۇرۇتىۋېتىڭ.
2-قەدەم: كىندىك چۈشكەندىن كېيىن — ۋاننىدا يۇيۇندۇرۇش
-
تەييارلىق: بوۋاقلار ۋاننىسى، سۇ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگۈچ (ياكى بىلىكىڭىز بىلەن سىناپ بېقىڭ، بەك ئىسسىق ياكى سوغۇق بولمىسۇن)، بوۋاقلار سوپۇنى، يۇمشاق لۆڭگە ۋە بارلىق كېرەكلىك نەرسىلەرنى قولىڭىز يېتىدىغان يەرگە قويۇڭ. قېشىڭىزدا بىرسى ياردەم قىلسا تېخى ياخشى.
-
بىخەتەرلىك ئالدىدا: ھەرگىز، ھەتتا بىر سېكۇنتمۇ بوۋاقنى ۋاننىدا يالغۇز قالدۇرماڭ!
-
جەريان:
-
ۋاننىغا تەخمىنەن 5-7 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا سۇ قاچىلاڭ.
-
بىر قولىڭىز بىلەن بوۋاقنىڭ بېشى ۋە بوينىنى تۇتۇپ، ئاستا-ئاستا پۇتىدىن باشلاپ سۇغا سېلىڭ.
-
يۇمشاق لۆڭگە بىلەن ئاستا يۇيۇڭ. يۈزى ۋە كۆزىنى پەقەت پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇڭ.
-
ئاخىرىدا چاچلىرىنى يۇيۇپ، دەرھال سۇدىن چىقىرىپ، چوڭ لۆڭگە بىلەن ئوراپ، تېزلىكتە قۇرۇتىۋېتىڭ.
-
3. بوۋاقنى كىيىندۈرۈش: راھەتلىك ۋە ئاددىيلىق قائىدىسى
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېمپېراتۇرا تەڭشەش ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى مۇۋاپىق كىيىندۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.
كىيىندۈرۈشتىكى ئاساسلىق پرىنسىپلار:
-
«بىر قەۋەت كۆپ» قائىدىسى: ئادەتتە، ئۆزىڭىز كىيگەن كىيىمدىن بىر قەۋەت كۆپ كىيگۈزسىڭىز مۇۋاپىق كېلىدۇ. مەسىلەن، سىز بىر قەۋەت كۆينەك كىيسىڭىز، بوۋاققا ئۇزۇن يەڭلىك كۆڭلەك ۋە سىرتىدىن نېپىز بىر چاپان كىيگۈزسىڭىز يېتەرلىك بولىدۇ.
-
ماتېرىيال تاللاش: بوۋاقنىڭ نازۇك تېرىسىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، %100 پاختىدىن توقۇلغان، يۇمشاق، ھاۋا ئۆتۈشچانلىقى ياخشى كىيىملەرنى تاللاڭ.
-
راھەتلىكنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇڭ : كىيىپ-سېلىشقا قۇلايلىق بولغان، كەڭ ياقىلىق، ئالدىدا ياكى ئاستىدا توپچىسى بار كىيىملەرنى تاللاڭ. ئەمما توپچىسىنىڭ ئاسان چۈشۈپ كېتىدىغان ئىھتىماللىقى بارمۇ تەكشۈرۈپ بېقىڭ. چۈنكى چۈشۈپ كەتكەندە بوۋاقلار يۈتۈۋېلىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ئىلغاق يىڭنە ئىشلەتمەڭ. ئىشلەتسىڭىزمۇ كىيىمنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ئىشلىتىڭ.
-
ئىسسىپ كېتىشتىن ساقلىنىڭ: بوۋاقنىڭ ئىسسىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۇنىڭ بوينىنىڭ كەينى ياكى دۈمبىسىنى تۇتۇپ بېقىش. ئەگەر تەرلىگەن ياكى بەك ئىسسىق بولسا، بىر قەۋەت كىيىمنى سېلىۋېتىڭ.
-
پايپاق ۋە باش كىيىم: بوۋاقنىڭ قول-پۇتلىرى تېز سوۋۇپ كېتىدۇ، شۇڭا ئىچكىرىدە نېپىز پايپاق كىيگۈزۈپ قويۇش ياخشى. سىرتقا چىققاندا، ھاۋارايىغا ئاساسەن نېپىز بىر باش كىيىم كىيگۈزۈڭ.
ئاخىرقى سۆزىمىز:
يېڭى ئاتا-ئانا بولۇشنىڭ تۇنجى ئېيى ھەمىشە ئەڭ قىيىن، ئەمما ئەڭ ئەھمىيەتلىك مەزگىل. كىندىكنى قۇرغاق تۇتۇش، يۇيۇندۇرۇشتا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش ۋە بوۋاقنى راھەت كىيىندۈرۈش قاتارلىق ئاساسلىق نۇقتىلارنى ئىگىلىۋالسىڭىز، سىز ۋە بوۋىقىڭىز بۇ يېڭى ھاياتقا تېخىمۇ ئاسان ماسلىشالايسىز. ئەڭ مۇھىمى، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ۋە بۇ ئاجايىپ سەپەردىن ھۇزۇرلىنىڭ. بۇ بىر ئۆگىنىش جەريانى، سىز ئاللىقاچان ئەڭ ياخشى ئاتا-ئانا بولۇش يولىدا كېتىۋاتىسىز