ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلارئانا ۋە بالادىققەت!5ياشلىق بالا يەسلىدە ئۆلۈپ كەتتى سەۋەبىدىن ھەيران قالىسىز

دىققەت!5ياشلىق بالا يەسلىدە ئۆلۈپ كەتتى سەۋەبىدىن ھەيران قالىسىز

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئانىسى بەش ياشلىق بالىنىڭ قورسىقى ئىچىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ ئەتىگەندە قورسىقىنى بەكلا تويغۇزۇپ يەسلىگە ئەكىلىپ بەرگەن، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا بالىنىڭ تاماق يىگۈسى كەلمىسىمۇ ئوقۇتقۇچى تاماقنى ئىسراپ قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تاماقنىڭ ھەممىسىنى يېيىشنى بۇيرىغان، بالا يۇۋاش بولغاچقا تاماقنىڭ ھەممىسىنى زورلاپ يەۋەتكەن.

چۈش سائەت 12:10 مىنۇت ئۆتكەندە ئوقۇتقۇچى بالىلارنى چۈشلۈك ئۇخلاشقا ئورۇنلاشتۇرغان. ئوقۇتقۇچى بالىلار ناخشىسىدىن ئۈچنى ئوقۇپ بولغان بولسىمۇ بۇ بالا ئۇخلىمىغان، ئوقۇتقۇچى بالىنى ئۇخلاشقا دەۋەت قىلغاندا بالا قورسىقىنىڭ چىڭقىلىپ بىئارام بولۇپ ئۇخلىيالمىغانلىقىنى ئېيتقان، ئوقۇتقۇچى ئۇنى كەپسىزلىك قىلىۋاتىدۇ دەپ قاراپ، مەجبۇرى ئۇخلاشقا زورلىغان، بالا ئاخىرى تەسلىكتە ئۇخلاپ قالغان، ئىككى يېرىم سائەتتىن كېيىن باشقا بالىلار ئارقا-ئارقىدىن ئويغانغان، لېكىن بۇ بالا ئويغانمىغان، ئوقۇتقۇچى بالا كېيىن ئۇخلىغاندىن كېيىن كىچىكىپرەك ئويغىنىدىغۇ دەپ قاراپ كارى بولمىغان.

يەنە 20 مىنۇت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ بالا يەنىلا ئويغانمىغان، ئوقۇتقۇچى بالىنى ئويغىتىش ئۈچۈن بالىنىڭ كارۋىتى يېنىغا بارغاندا چۆچۈپ كەتكەن، بالىنىڭ چىرايى كۆكۈرۈپ كەتكەن بولۇپ، چاقىرسىمۇ ئويغانمىغان، بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپارغان بولسىمۇ بالىنىڭ نەپىسى بۇرۇنلا توختىغانلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن!

دوختۇرنىڭ ئاخىرقى يەكۈنى بولسا: بالا ئەتىگەندە بەك كۆپ يەۋەتكەچكە چۈشلۈك تاماققىچە يېگەنلىرى تېخى سىڭىپ بولالمىغان، چۈشلۈك تاماقنى مەجبۇرىي ھالدا بەك كۆپ يېگەنلىكتىن قورسىقى چىڭقىلىپ بىئارام بولغان، بالا تامىقى تېخى سىڭىپ بولمايلا ئۇخلىغاچقا ئاشقازاندىكى يېمەكلىكلەر قۇسۇش ئارقىلىق يېنىپ چىقىپ، كانىيىنى توسۇۋىلىپ، نەپەسلىنەلمەي تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەن.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-05-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-05-09 / 10:46:24

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ