ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلارئانا ۋە بالابالىنى قاتتىق تەۋرىتىپ ياكى لىڭشىتىپ بەزلەشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك

بالىنى قاتتىق تەۋرىتىپ ياكى لىڭشىتىپ بەزلەشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئادەتتە بوۋاقلار يىغلاپ غەلۋە قىلغاندا ،ئاتا-ئانىلار ،بالا باققۇچىلار بالىنى بەزلىمەك بولۇپ قاتتىق تەۋرىتىدۇ ياكى قولىغا ئېلىپ لىڭشىتىدۇ.ئەمىلىيەتتە بۇ ئىنتايىن قاراملىق بولۇپ ،ئويلىمىغان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ بېشى چوڭراق ،تارىمۇشىنىڭ ئىلاستىكىلىقى ناچار ،بويۇن مۇسكۇللىرى يۇمشاق ،بويۇن ئومۇرتقىسى قاتمىغان ،چوڭ مىڭىسىنىڭ ئۆمۈچۈك تورسىمان پەردە ئاستى بوشلۇقى ئارىلىقى كەڭ ،مىڭىسىدىكى سۇ مىقتارى كۆپ بولغاچقا ،تەۋرىتىپ ياكى لىڭشىتىپ تۇيۇقسىز توختاپ قالغاندا مىڭە قاتتىق قېپى ئاستى قانلىق ئىششىقى ،مىڭە سۇلۇق ئىششىقى ،بويۇن ئۆمۇرتقىسى زەخىملىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

نەتىجىدە بوۋاق سۈت ئەمگىلى ئۇنىمايدىغان ،كۆزىنى ئاچماي ئۇخلايدىغان ياكى جىلىخور بولۇپ قالىدۇ.ئېغىر بولغاندا تۇيۇقسىز ھۇشسىزلىنىپ قېلىش ،نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىش ،قاتتىق قۇسۇش قاتارلىق باش ئىچكى بېسىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن بولغان كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.

بەزىدە بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش ،ھەرىكەت ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ،كۆزى كۆرمەس بولۇپ قېلىش ،مىڭە قورۇلۇپ قېلىش ،مىڭە يۇمشاش ،مىڭە سۇلۇق ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

شۇڭا بالىنى قاتتىق تەۋرىتىپ ياكى لىڭشىتىپ بەزلەشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-12-10

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-05 / 07:23:15

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ