ئۈلگۈجەك ئومۇرتقىسى (Axis, C2): ئاناتومىيىلىك تۈزۈلۈشى ۋە كىلىنىكىلىق ئەھمىيىتى
ئۈلگۈجەك ئومۇرتقىسى، يەنى ئىككىنچى بويۇن ئومۇرتقىسى (C2)، ئۆزگىچە ئاناتومىيىلىك قۇرۇلمىسى ۋە فۇنكسىيەسى بىلەن بويۇن ئومۇرتقىلىرى ئىچىدە ھالقىلىق ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ بىرىنچى بويۇن ئومۇرتقىسى (Atlas) نىڭ تۆۋىنىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۆزىگە خاس بولغان «چىشسىمان ئۆسۈكچە» ئارقىلىق ھالقىسىمان ئومۇرتقىنىڭ ئايلىنىشى ئۈچۈن مۇقىم بىر ئوق رولىنى ئوينايدۇ. باشنىڭ سول-ئوڭغا بۇرۇلۇش ھەرىكىتىنىڭ زور كۆپ قىسمى دەل مۇشۇ ھالقىسىمان-ئۈلگۈجەك ئومۇرتقا بوغۇمىدا (atlanto-axial joint) ئەمەلگە ئاشىدىغان بولغاچقا، ئۈلگۈجەك ئومۇرتقىسىنىڭ ئاناتومىيىلىك قۇرۇلمىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، بويۇن زەخىملىنىشلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش ھەمدە داۋالاشتا ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
ئۇيغۇرچە ئىسىم : ئۈلگۈجەك ئومۇرتقا
ئىنگىلىزچە ئىسىم : Axis
تۈركچە ئىسىم : Axis
خەنزۇچە ئىسىم : 枢椎
رەسىم مەنبەسى: ئادەم ئاناتومىيىسىنىڭ رەڭلىك ئاتلىسى (ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە 1993-يىلى)
رەسىم تەرجىمە تەھرىرى: ھەلىمە ئابدۇكېرىم ؛ تەھرىر: سابىت ئىسلام
رەسىم تەرجىمە قىلغۇچىلار: ئاگۇ خەسەنوۋ ، تۇرسۇنجان توقاي ، گۈلنىسا كېرەم ، نۇرمەمەت باغاشار ، ھەىلمە ئابدۇكېرىم
مەزمۇن تەييارلاش ۋە تەھرىر : دوختۇرلار تورى ئەترىتى
ئۈلگۈجەك ئومۇرتقىسى – ئارقا كۆرۈنۈشى
(Axis – Posterior View; 枢椎后面观)
بۇ ئىككىنچى بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدە قۇرۇلمىلىرىنى، جۈملىدىن يۇقىرىغا سوزۇلغان چىشسىمان ئۆسۈكچە ۋە كەڭ، ئىككىگە ئايرىلغان بىسلىق ئۆسۈكچىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
- چىشسىمان ئۆسۈكچە (Dens / Odontoid Process; 齿突)
ئۈلگۈچەك ئومۇرتقىسى گەۋدىسىنىڭ يۇقىرى قىسمىدىن تىك يۆنىلىشتە سوزۇلۇپ چىققان چىشسىمان قۇرۇلما. ئۇ ھالقىسىمان ئومۇرتقىنىڭ ئالدى دوغىسى بىلەن بوغۇم ھاسىل قىلىپ، باش بىلەن ھالقىسىمان ئومۇرتقىنىڭ بىرلىكتە ئايلىنىشى ئۈچۈن مەركىزىي ئوق (pivot) رولىنى ئوينايدۇ. - كۆندىلەڭ ئۆسۈكچە (Transverse Process; 横突)
ئومۇرتقا يايى بىلەن ئومۇرتقا گەۋدىسىنىڭ تۇتاشقان يېرىدىن ئىككى يان تەرەپكە سوزۇلغان سۆڭەك ئۆسۈكچىسى. ئۇنىڭدا ئومۇرتقا ئارتېرىيىسى ئۆتىدىغان كۆندىلەڭ ئۆسۈكچە تۆشۈكى بولۇپ، بىر قىسىم بويۇن مۇسكۇللىرىنىڭ تۇتىشىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. - بىسلىق ئۆسۈكچە (Spinous Process; 棘突)
ئومۇرتقا يايىنىڭ ئارقا-ئوتتۇرا قىسمىدىن كەينىگە سوزۇلغان كۈچلۈك سۆڭەك ئۆسۈكچىسى. ئۈلگۈچەك ئومۇرتقىسىنىڭ بىسلىق ئۆسۈكچىسى ئادەتتە چوڭ ھەم ئۇچى ئىككىگە ئايرىلغان بولۇپ، گەدەن تارىمۇش / بويۇن يەلكە تارىمۇشى (nuchal ligament) ۋە بىر قانچە مۇھىم مۇسكۇلنىڭ تۇتىشىش ئورنىدۇر. - ئومۇرتقا يايى (Vertebral Arch; 椎弓)
ئومۇرتقا گەۋدىسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئومۇرتقا تۆشۈكىنى ئوراپ تۇرىدىغان سۆڭەك ھالقىسىدۇر. ئۇ ئىككى تەرەپتىكى ئومۇرتقا ياي يىلتىزى (pedicle) ۋە ئومۇرتقا تاختىسى (lamina) دىن تەركىب تاپقان بولۇپ، يۇلۇننى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۈلگۈجەك ئومۇرتقىسى، يەنى C2، يۇقىرى بويۇن ئومۇرتقىلىرىنىڭ بىئومېخانىكىلىق مۇقىملىقى ۋە ھەرىكەتچانلىقىدا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭ چىشسىمان ئۆسۈكچىسى كۆندىلەڭ تارىمۇش (transverse ligament) قاتارلىق كۈچلۈك تارىمۇشلار ئارقىلىق ھالقىسىمان ئومۇرتقىغا مۇستەھكەم بىرىكتۈرۈلگەن. بۇ قۇرۇلما باشنىڭ نورمال ئايلىنىش ھەرىكىتىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، چىشسىمان ئۆسۈكنىڭ يۇلۇنغا بېسىم چۈشۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
كىلىنىكلىق تەكشۈرۈش ۋە داۋالاشلاردا ، ئۈلگۈجەك ئومۇرتقىسى زەخىملىنىشكە ئاسان ئۇچرايدىغان ئورۇنلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ قاتناش ھادىسىلىرى، يىقىلىپ چۈشۈش ياكى تەنھەرىكەت زەخىملىنىشلىرىدە چىشسىمان ئۆسۈكنىڭ سۇنۇشى (odontoid fracture) كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ خىل سۇنۇقلار سۇنۇش ئورنىغا ئاساسەن ئۈچ تىپقا (I, II, III) ئايرىلىدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ II تىپلىق سۇنۇق (چىشسىمان ئۆسۈكنىڭ تۈۋىدىن سۇنۇش) تۇراقسىز بولغاچقا، نېرۋا زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى يۇقىرى ھەمدە داۋالاشمۇ مۇرەككەپتۇر.
يەنە بىر كۆپ ئۇچرايدىغان زەخىملىنىش بولسا «دارغا ئاسقۇچى سۇنۇقى» (Hangman’s fracture) دەپ ئاتىلىدىغان، ئۈلگۈجەك ئومۇرتقىسىنىڭ ئىككى تەرەپلىك ئومۇرتقا ياي يىلتىزى سۇنۇشىدۇر. بۇ خىل سۇنۇق ئادەتتە باشنىڭ تۇيۇقسىز كەينىگە ھەددىدىن زىيادە ئېگىلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدە تۇراقسىزلىقنى ۋە يۇقىرى يۇلۇن زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، نېرۋا ۋە سۆڭەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى، تەسۋىر بۆلۈمى دوختۇرلىرى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش دوختۇرلىرى ئۈچۈن، ئۈلگۈجەك ئومۇرتقىسىنىڭ ئاناتومىيىلىك قۇرۇلمىسىنى ۋە زەخىملىنىش مېخانىزىمىنى پۇختا ئىگىلەش، توغرا دىئاگنوز قويۇش ۋە ئەڭ مۇۋاپىق داۋالاش پىلانىنى تۈزۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر.