ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرتاشقى كېسەللىكلەرگېموروي بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى تۆت خىل كىشىلەر

گېموروي بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى تۆت خىل كىشىلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھەممىمىزگە مەلۇم، گېموروينىڭ پەيدا بولۇشى ناچار تۇرمۇش ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر سىز تۆۋەندىكى كىشىلەر توپىغا تەۋە بولسىڭىز، چوقۇم ئېھتىيات قىلىڭ، بۇ كېسەل سىزدىن يىراق ئەمەس.

گېموروي بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى تۆت خىل كىشىلەر

1. يېمەك-ئىچمىكى زىيادە تالاسىز ۋە ئاچچىققا ئامراق كىشىلەر توپى

بۈگۈنكى كۈندە بەزى كىشىلەرنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئادىتىدە تالا ماددىسىنىڭ يېمەك-ئىچمەكتىكى نىسبىتى بارغانسېرى ئازلاپ كېتىپ بارماقتا، يېمەك-ئىچمەكتىكى تالا ماددىسى ئاز بولسا، ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ، ھالبۇكى، قەۋزىيەت دەل گېموروينى كەلتۈرىدىغان ئامىل. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاچچىق يېمەكلىكلەرمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر نۇقتا، ئاچچىق، غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، تەرەت قىلغاندا تۈز ئۈچەي ۋە مەقئەت-ئۈچەي شىللىق پەردىسى غىدىقلىنىپ، قان تومۇرلارغا قان تولۇپ كېڭىيىپ، تۈز ئۈچەي مەقئەت نەيچىسىنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قەۋزىيەت، تەرەت قىلىش قىيىن بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، گېموروي (بوۋاسىر)لارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

2. ئۇزاق ئولتۇرۇپ ئۇزاق ئۆرە تۇرىدىغان ئادەملەر توپى

ئۇزاق ئولتۇرۇش گېموروينى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باش جىنايەتچى. ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇش ھالىتىنى ساقلاش، بولۇپمۇ يۇمشاق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇش قورساق قىسمىدىكى قاننىڭ ئېقىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، قان ئايلىنىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. تۈز ئۈچەي ۋېنا چىگىشى ئاسانلا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ، قان يىغىلىپ، گېموروي پەيدا قىلىدۇ. يەنە بىر دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇقتا شۇكى، ئۇزۇن ۋاقىت ئۆرە تۇرۇشمۇ گېموروينى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىل.

 

3. تەرەت قىلىش ئادىتى ياخشى بولمىغانلار ئادەملەر توپى

بەزى كىشىلەر چوڭ تەرەت قىلغاندا ھەمىشە بەك كۈچەپ كېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا گېموروي كېلىپ چىقىدۇ. چوڭ تەرەت قىلىش ئەھۋالى گېموروينىڭ پەيدا بولۇشىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، ئىچ سۈرۈش ۋە قەۋزىيەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى گېموروينى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىلاردۇر.

 

4. باشقا كىشىلەر توپى

ھامىلىدارلىق، چارچاش، تاماكا چېكىش، ھاراق ئېچىشمۇ گېموروينىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرىدىمۇ ئاسانلا گېموروي كېسىلى قوزغىلىپ قالىدۇ. كۈز پەسلىدە مەقئەت-ئۈچەي كېسەللىكلىرى بۆلۈمدە گېموروينىڭ كېسەل كۆرسىتىش نىسبىتى پۈتۈن يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىدۇ، چۈنكى كۈز پەسلىدە كىلىمات بىر قەدەر قۇرغاق بولۇپ، مەقئەت ئەتراپى شىللىق پەردىسى بىلەن تېرە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا گېموروينىڭ قوزغىلىشى ۋە قايتا قوزغىلىشىنى تېزلىتىدۇ.

ئەگەر سىز يۇقىرىدىكى كىشىلەر توپىنىڭ بىر ئەزاسى بولسىڭىز ئېھتىيات قىلىڭ، ناچار تۇرمۇش ئادىتى ۋە تەرەت قىلىش ئۇسۇلىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىڭ، ئەگەر گېموروي بولۇپ قالغان بولسىڭىز ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالىتىشتىن قورقماڭ، ئەمەلىيەتتە گېموروينى داۋالاش ناھايىتى ئاددىي.

 

گېموروينى قانداق قىلغاندا ئىلمىي داۋالىغىلى بولىدۇ؟

گېموروينى داۋالاشتا ئاساسلىقى گېموروينىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە قاراش كېرەك.

1. كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان گېموروي: ئەگەر ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان ئەھۋالدا، ئادەتتە داۋالاش ھاجەتسىز، پەقەت كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىپ، مايسىز يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىش، ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، قارا ئاشلىق ياكى يېڭى كۆكتات، مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.

 

2. يېنىك ئالامەتلىك گېموروي: ئەگەر يېنىك ئالامەتلىك بولسا، مەسىلەن، چوڭ تەرەتتىن قان كەلسە، يەرلىك ئورۇنغا سۈركەيدىغان مەلھەم دورلارنى ئىشلەتسەك بولىدۇ، بۇخىل دورلار چوڭ ئۈچەيگە بىۋاسىتە كىرىپ، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ، قان توختىتىپ، ئۈچەي يولىدىكى ھۆل ئىسسىق مۇھىتنى ياخشىلاپ، گېموروينى پەيدا قىلىدىغان كېسەللىك سەۋەبىنى يوقىتىدۇ، شۇنداقلا زەخىملەنگەن تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گېموروي جاراھەتنىڭ تەكرار قانىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 

3. روشەن ئالامىتى گېموروي: ئەگەر گېموروينىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، نورمال تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسەتسە، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشقا بولىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/19748340.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ