ئانا سەھىپەساغلاملىقئورۇقلاشقايسى خىل ھەرىكەت ئاسان ئورۇقلىتىدۇ؟

قايسى خىل ھەرىكەت ئاسان ئورۇقلىتىدۇ؟

39 ساغلاملىق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نېمە ئۈچۈن چېنىقسا ئورۇقلاش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ؟

ئورۇقلاش تىلغا ئېلىنسا ئالدى بىلەن چېنىقىش يادىمىزغا كېلىدۇ. نېمە ئۈچۈن چېنىققاندا ئورۇقلاش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى چېنىقىش جەريانىدا بەدەندىكى ياغ خوراپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىنىدۇ. چېنىقىش ئارقىلىق مېتابولىزىم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ھەرىكەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيەنى خوراتقىلى بولىدۇ.

قايسى خىل ھەرىكەت ئاسان ئورۇقلىتىدۇ؟

ئۇنداقتا قايسى خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ئورۇقلىتىش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى؟

ھەرىكەت شەكلى بەك كۆپ. ئۇنداقتا زادى قايسى خىل ھەرىكەتنىڭ ئورۇقلىتىشتىكى ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى؟

1.تېز مېڭىش

مېڭىشنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. تېز مېڭىش بولسا ئەڭ ئاددىي ھەرىكەت شەكلىدىن ئىبارەت. تېز ماڭغاندا بەل ۋە دۈمبىنى تىك تۇتۇپ، تاپاننى يەرگە تەگكۈزۈپ، ئىككى قولنى ئەركىن سېلىپ مېڭىش توغرا ھالەت ھېسابلىنىدۇ. تېز مېڭىشنىڭ توغرا شەكلىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن، پۇتنى تېپىپ مېڭىش، قەدەمنى چوڭايتىپ مېڭىش قاتارلىق ئورۇقلاش ئۇسۇللىرىنى سىناپ باقسا بولىدۇ.

2.تېز يۈگۈرۈش

يۈگۈرۈش ئەڭ ئاددىي ئورۇقلاش ئۇسۇلى، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ئەڭ ئالقىشلىق ھەرىكەت شەكلى. يۈگۈرۈشنىڭ بۇنچە ئالقىشقا ئېرىشىشىشى ئۇسۇلىنىڭ ئاددىيلىقىدىن سىرت، ئورۇقلىتىش ئۈنۈمىنىڭ ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىدا. يۈگۈرگەندە ھەر سائەتتىكى ئىسسىقلىق 600 كىلوكالورىيەدىن چوڭ بولىدۇ. يۈگۈرۈپ ئورۇقلىغاندا يۈگۈرۈش ۋاقتىنىڭ يېرىم سائەتتىن، ئەڭ ياخشىسى 40 مىنۇت بولۇشىغا، يۈگۈرۈش سۈرئىتىنىڭ زىيادە تېز بولۇپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

3.سۇ ئۈزۈش

كىشىلەرنىڭ سۇدىكى ھەرىكىتىنىڭ قارشىلىق كۈچى قۇرۇقلۇقتىكىنىڭ 12 ھەسسىسى بولغاچقا، كىشىلەر سۇدا پائالىيەت قىلغاندا كۈچلۈك قارشىلىق كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندەك ھېس قىلىدۇ. سۇ ئۈزگەندە مۈرە، كۆكرەك، قورساق، ساغرا ۋە پۇت قىسىملىرىنىڭ ھەممىسى سۇدا ياخشى چېنىقالايدۇ. سۇ ئۈزگەندە ئاستا ۋە تېز ئۈزۈشنى ئۆزئارا بىرىكتۈرگەندە، ياغنى خورىتىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

4.ئاتلىغۇچ تاقلاش

ئاتلىغۇچ تاقلاش ئاسان ھەم ھەرىكەت مىقدارى چوڭ بولۇپ، ئورۇقلاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ. سىناقلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، 10 مىنۇت ھەر مىنۇتتا 140 قېتىم تاقلىغاندا ئۈنۈمى يېرىم سائەت ئاستا يۈگۈرگەنگە باراۋەر بولىدىكەن. ئاتلىغۇچ تاقلاش كىچىك پاچاق مۇسكۇلى، چوڭ پاچاق پۇسكۇلى، مۈرە، دۈمبە ۋە بىلەك… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، پۈتۈن بەدەننى ئورۇقلىتىدىكەن. دەسلەپكى مەشىق قىلغۇچىلارنىڭ كۈنىگە 60يىن 100گىچە ئىككى ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ تاقلىشىنى، تولۇق ئىگەللىگەندىن كېيىن ھەر كۈنى 400دىن 500 قېتىمغىچە، ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ تاقلىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز.

5.ۋېلىسپىت مىنىش

ۋېلىسپىت بولسا بىر قەدەر ئازادە ئورۇقلاش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. ۋېلىسپىت مىنگەندە تاپان يەر يۈزىدىن ئايرىلىپ تۇرغاچقا، ئوشۇق، تىز قاتارلىق بوغۇملارغا زىيادە يۈك ھاسىل قىلمىغاچقا، ھەر كۈنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا پايدىلىق. بىراق ۋېلىسپىت مىنگەندە سۈرئەتكە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر ئالدىرماي ئاستا مىنسە ياغ خورىتىش ئۈنۈمىمۇ ئادەتتىكىچە بولىدۇ. تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ساغلاملىق سارىيىغا بېرىپ ۋېلىسپىتلىك چېنىقىشنى سىناپ باقسا بولىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2025/05/3118470.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-10-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-10-28 / 07:56:47

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ