بۇ ماقالىمىزدە BMI ئۈستىدە تەپسىلىي توختالماقچى. بۇنىڭغا ئالاقىدار ھېساپلاش ماشىنىسىمۇ ياساپ چىقتۇق.
بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچ ئىنگىلىزچە Body Mass Index دەپ ئاتىلىدۇ، قىسقارتىلىپ BMI دەپ ئاتايدۇ.
ھېسابلاش فورمۇلاسى تۆۋەندىكىچە:
- BMI = بەدەن ئېغىرلىقى (kg) / بوي ئىگىزلىكى (m)^2
ياكى
- BMI = بەدەن ئېغىرلىقى (kg) / بوي ئىگىزلىكى (cm)^2 x 10000
(ئېغىرلىق بىرلىكى: كىلوگىرام ؛ بوي ئېگىزلىكى بىرلىكى: مېتىر)
BMI پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بىر كىشىنىڭ بەدەن ئورۇق سېمىز ئىكەنلىكىنى ھەم ساغلاملىق دەرىجىسىنى باھالىغاندا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان بىر ئۆلچەم بىرلىكى ھىساپلىنىدۇ.
BMI ئۇقۇمىنى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بېلگىيەلىك گېنېرال كېتلېر ئوتتۇرىغا قويغان.
https://dohturlar.com/bediningizning-bmi-ni-hesablap-beqing