ئەپ سىنىقىمىزغا قاتنىشىڭ

دوختۇرلار ئەپنىڭ ئاندروئىد نۇسخىسى ئىچكى سىناق شەكىلدە تارقىتىلدى. سىناققا قاتنىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!

ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرئۆسمە ۋە راكلار20% راك كېسىلى باكتېرىيە، ۋىرۇستىن باشلىنىدۇ!

ئەپ سىنىقىمىزغا قاتنىشىڭ

دوختۇرلار ئەپنىڭ ئاندروئىد نۇسخىسى ئىچكى سىناق شەكىلدە تارقىتىلدى. سىناققا قاتنىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!

20% راك كېسىلى باكتېرىيە، ۋىرۇستىن باشلىنىدۇ!

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

20% راك كېسىلى مىكرو ئورگانىزملار بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ بۇ سان بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. بىز كۆرەلمەيدىغان مىكرو دۇنيادا بەزى باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلار ئاستا-ئاستا «راك پەيدا قىلغۇچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ» رولىنى ئوينىماقتا. تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ خىل مىكرو ئورگانىزمنىڭ تارقىلىش ئۇسۇلى كۈندىلىك يېقىن ئۇچرىشىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

20% راك كېسىلى باكتېرىيە، ۋىرۇستىن باشلىنىدۇ!

ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى: قاچا-قۇچىلار ئارىسىغا يوشۇرۇنغان راك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيە

1. تارقىلىش يوللىرىدىن مۇداپىئەلىنىش قىيىنمۇ؟

ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان قاچا-قۇچا، سۆيۈشۈش، تاماق بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تارقىلىش يولى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. دۆلەت ئىچىدىكى تەخمىنەن %60 كىشىلەر بۇ خىل باكتېرىيەنى ئېلىپ يۈرىدۇ، ئۇ ئاشقازان كىسلاتا مۇھىتىدا ياشاپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسى توسۇقىنى تەدرىجىي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.

2. ئاشقازان ياللۇغىدىن ئاشقازان راكىغىچە بولغان ئۇزاق جەريان

دەسلەپكى مەزگىلدە پەقەت قورساق كۆپۈش، كېكىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، سوزۇلما يىگىلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، ئۈچەي ئېپىتېلىيە خاراكتېرلىك بولۇشقا ئۆزگىرىشى مۇمكىن، ئەڭ ئاخىرىدا ئاز ساندىكىلەردە يامان سۈپەتلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ. ۋاقتىدا تەكشۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ جەرياننى ئۈزۈپ قويغىلى بولىدۇ.

3. تەكشۈرۈپ داۋالاش ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس

نەپەس چىقىرىش تەجرىبىسى بولسا جاراھەتسىز ئالتۇن تەكشۈرۈش ئۆلچىمى، تۆت بىرلەشمە داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئىككى ھەپتىدە تۈپتىن يوقىتىش نىسبىتى %90كە يېتىدۇ. ئائىلىدە يۇقۇملانغۇچىلار تاماقنى بۆلۈپ بېرىش، قاچا-قۇچىلارنى قەرەللىك قاينىتىپ دېزىنفېكسىيە قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئىككىنچى، HPV ۋىرۇسى: بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئېنىق باش جىنايەتچىسى

1. جىنسىي ئۇچرىشىش بىردىنبىر تارقىلىش يولى ئەمەس

مېھمانخانا لۆڭگىسى، ئاممىۋى يۇيۇنۇش ئۆيىمۇ ۋاسىتىچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. يۇقىرى خەۋپلىك HPV بىلەن داۋاملىق يۇقۇملىنىش بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ زۆرۈر شەرتى، بۇنىڭ ئىچىدە 16/18-تىپلىقى ئەڭ خەتەرلىك.

2. ئەرلەرمۇ ئوخشاشلا ھوشيار بولۇشى كېرەك

گەرچە ئاياللاردا بالىياتقۇ بوينى راكى كۆپ كۆرۈلسىمۇ لېكىن HPV يەنە ئەرلەرنىڭ ئېغىز-يۇتقۇنچاق راكى، مەقئەت راكى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ۋاكسىنا ئەملەشتە جىنس پەرقى بولماسلىقى كېرەك.

3. ئالدىنى ئېلىش داۋالاشتىن مۇھىم

26 ياشتىن بۇرۇن ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولۇپ، ياشتىن ئېشىپ كەتكەن ھالەتتىمۇ ۋاكسىنا ئەملەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. قەرەللىك ھالدا T+HTC بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ئارقىلىق %98لىك دەسلەپكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى بايقىغىلى بولىدۇ.

EB ۋىرۇسى: سۆيۈشۈش ئارقىلىق تارقىلىدىغان «راك پەيدا قىلغۇچى ۋىرۇس»

1. ھەممە ئادەم دېگۈدەك يۇقۇملىنىپ باققان

%90 قۇرامىغا يەتكەنلەردە بۇ خىل ۋىرۇس بار بولۇپ، كۆپ ساندىكىلىرى يېنىك زۇكام ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. لېكىن ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ۋىرۇس قايتا قوزغىلىشى مۇمكىن.

2. كۆپ خىل راك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بۇرۇن-يۇتقۇنچاق راكىمۇ ئاشقازان راكى، لىمفا ئۆسمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

3. كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاسانلا سەل قاراش

ئۇزاق مۇددەت تۆۋەن قىزىتما، بويۇن لىمفا تۈگۈنى ئىششىش، ماڭقا قان ئارىلاش كېلىش قاتارلىق سىگناللارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. سېرولوگىيەدىكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋىرۇسنىڭ جانلىنىش دەرىجىسىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.

بۇ مىكرو ئورگانىزملارنىڭ راك پەيدا قىلىشىدىكى ئورتاق ئالاھىدىلىكى: يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كېسەللىك ئالامىتى يېنىك بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت يوشۇرۇنغاندىن كېيىن چوڭ كېسەلگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاچقۇچى تارقىلىش يوللىرىنى توسۇش، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، قەرەللىك تەكشۈرۈش. ئېسىڭىزدە بولسۇن، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرگىزمۇ ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا باشلىنىدىغان كەسىپ ئەمەس، نۇرغۇن خەۋپ-خەتەر ياش ۋاقتىمىزدا يوققا چىقىدۇ. بۇ «يوشۇرۇن قاتىل»لارنىڭ ئادەتلىرىنى چۈشەنگەندىلا ئاندىن ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2025/05/27952302.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2026-02-11

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2026-02-11 / 09:02:48

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

بىر باھا بار

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ