دۇنيادا ھەممىدىن ھاياتلىق قىممەت،
ھاياتلىق يولىدا ساغلاملىق قىممەت.
نەھاجەت بولمىسا تەندە ساغلاملىق،
مال – دۇنيا، مەرتىۋە ھەم زىبۇ – زىننەت.
جەمئىيىتىمىزدە بىر قىسىم كىشىلەر تۇرمۇشتىكى ساغلاملىق ئاساسىى بىلىملىرىنى بىلمىگەننىڭ ئۈستىگە، ئۆگىنىشكىمۇ قىزىقمايدۇ. بىلمەسلىكتىن ئۆز ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈۋالىدۇ، ھەتتا بەدىنىدە ساقايماس جاراھەتلەرنى پەيدا قىلىۋالىدۇ. بىلمەسلىكتىن تەن ساغلاملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ئامىللارنى چۈشەنمەيدۇ. نەتىجىدە، بەدىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ، ئۆمۈرلۈك مېيىپقا ئايلىنىدۇ ياكى بىۋاقىت كەلگەن ئەجەل بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
بىلىم، ئۇ ئىنساننىڭ ئەقىل – زىننىتى،
بىلىم، ئۇ ئىنساننىڭ كۈچ ۋە قۇدرىتى،
بىلىم، ئۇ ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتى،
بىلىمدىن چۆللەرگە يېتەر ھىممىتى.
ساغلاملىققا تەلپۇنۇش ئىنسانىيەتنىڭ بىردىنبىر ۋاقتى ۋە چېگراسى يوق ئورتاق ئارزۇسى.
ھەممىنى بويسۇندۇرالىغان غالىب كىشىلەرنىڭ بىردىنبىر بۇيسۇندۇرالمىغىنى بەلكىم ساغلاملىق بولۇشى مۇمكىن . ئادەم ساغلام بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ھاياتلىق ساغلاملىق بىلەن گۈزەل، ئائىلە ساغلاملىق بىلەن بەختلىك، تۇرمۇش ساغلاملىق بىلەن خۇشال ئۆتىدۇ. كەسىپ ساغلاملىق بىلەن روناق تاپىدۇ. ئومۇمەن، ساغلاملىق ئەڭ زور بايلىق. ساغلاملىق بولغاندىلا كەلگۈسىمۇ گۈزەل ھەم پارلاق بولىدۇ.
تاپسىمۇ بىركىملەر بىھېساب دۇنيا،
تەن ساغلام بولمىسا بەختسىز گاداي.
ساغلاملىق بىباھ، ئالتۇن تەڭداشسىز،
بۇ سۆزلەر ھەركىمنىڭ قۇلىقىدا تۇرغاي.
قەدىرلە دوستۇم پۈتكۈل ئۆمرۈڭنى،
ھايات گۈلۇڭنى سۇغۇرۇپ ھەردەم.
قايتماس پەللىگە قاراپ ماڭىدۇ،
ھايات كارۋىنى توختاتماي قەدەم.
خەلقنىڭ ماددىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە تېببىي داۋالاش سەۋىيەسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، «ساغلاملىق» دېگەن بۇ ئاتالغۇغا بېرىلگەن ئاددىي تەبىر «كېسەل يوق ھالەت»، شۇنداقلا «بەدىنى ساق» دېگەن ئۇقۇم مەنە جەھەتتىن زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەنلەر تەشكىلاتىنىڭ سەھىيە تەشكىلاتى ساغلاملىققا «ساغلاملىق – بەدەندە كېسەللىك بولماسلىق بىلەن جىسمانىي، روھىي، پىسخىكا جەھەتتە، جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى جەھەتتە تولۇق بولۇشنى كۆرسىتىدۇ» دەپ چۈشەنچە بەردى. دېمەك، ساغلاملىق – جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىبىرى كەم بولسا، ھەقىقىي ساغلام بولغان ھېسابلانمايدۇ. شۇڭا، ساغلاملىققا ئېرىشىش ئۈچۈن جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ئىككى خىل ھالەتنىڭ ساغلاملىقىغا تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. ساغلاملىقنى ئۆلچىگەندە، بەدەن تەكشۈرتۈشتىكى تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنىلا ئاساس قىلماي، روھىى پىسخىكا ھالەتتىكى بەلگىلەرنىمۇ كۆزىتىش ۋە ئۆلچەش لازىم.
خۇشخۇي، تېتىك ئادەمدىن،
كەتمەس ياشلىق سالاپەت.
سەپرا، ھۇرۇن ئادەمگە،
كېسەل يېقىن ئالامەت.
سىزگە بولسۇن دالالەت،
ساغلاملىق زور ھالاۋەت.
خۇشخۇي، تېتىك بولسىڭىز،
تەن بولغۇسى سالامەت.
ئاچچىقلىنىش زىيانلىق،
جانغا ئىكەك سالغانلىق.
ئەپۇچانلىق، ئىناقلىق،
ئۆمۇرنى ئۇزارتقانلىق.
قاپاق تۈرۈپ يۈرگەننىڭ،
يا ئەقلى يوق، ئىچى تار.
چىراي ئېچىپ يۈرگەننىڭ،
ساغلاملىقتەك مېلى بار.
ئۈمىدسىزلەر كۈلكىسىز ،
كۈلكىسىزلەر كۆڭۈلسىز.
ھەمراھ بولسا شوخ كۈلكە،
چىراي بولار قورۇقسىز.
كۈلكىدىن چىقار ھاردۇق،
ھاردۇقتىن ھەم تېتىكلىك.
غەم تاپار ئاغرىق – سىلاق،
يەنە كېلۇر مېيىپلىق.
«ساغلاملىق تەۋسىيەلىرى» كىتاپبىدىن ئۈزۈندە.
ئاپتورى: مىجىت ئابلىم
UyghurOCR دە تونۇتۇلدى.

ياخشى كىتاپ قولغا ئېلىپ تۇرۇپ ئوقۇغان ياخشى!


