ئولتۇرغۇچ نېرىپ ئاغرىقى 坐骨神经痛

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ساغرا ۋە پۇتنىڭ ئارقا تەرىپى تۇراقلىق ھالدا ئاغرىش، بەزىدە تىز كەينى ئويمىنى، پاقالچاقنىڭ ئارقىسى ۋە تاپانغا قەدەر يېتىپ بارىدۇ بەزىلەر بولسا باشقا كېسەللىكلەرنىڭ شېرىكچىلىكىدە ئۇلارنىڭ ئالامىتى سۈپىتىدە ياكى باشقا كېسەللىكلەر ئولتۇرغۇچ نېرۋىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكتىن يۈز بىرىدۇ دەپ ھېسابلايدۇ

ئالامىتى:
ساغرا ۋە پۇتنىڭ ئارقا تەرىپى تۇراقلىق ھالدا ئاغرىش، بەزىدە تىز كەينى ئويمىنى، پاقالچاقنىڭ ئارقىسى ۋە تاپانغا قەدەر يېتىپ بارىدۇ. بەزىلەر بولسا باشقا كېسەللىكلەرنىڭ شېرىكچىلىكىدە ئۇلارنىڭ ئالامىتى سۈپىتىدە ياكى باشقا كېسەللىكلەر ئولتۇرغۇچ نېرۋىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكتىن يۈز بىرىدۇ دەپ ھېسابلايدۇ.

مۇنداق كېسەللىكلەر ئاساسلىقى سۆڭەك ۋە بوغۇم كېسەللىكلەردىن ئىبارەت بولىدۇ. مەسىلەن:توققۇز كۆز-يانپاش بوغۇم كېسەللىكلىرى، ئومۇرتقا بوغۇملىرىغا كۆمۈرچەك ئۆسۈش كېسەللىكى، ئومۇرىتقىلار ئارىسىدا كۆمۈرچەك ئۆسۈپ قىلىش، ئومۇرىتقا ئۆسمىلىرى، ئومۇرىتقا سىلى قاتارلىقلار؛ يەنە يۇلۇن ئۆسمىسى، داس بوشلۇقى ئىچىدىكى كېسەللىكلەر—بالىياتقۇ ئوسمىسى، مەزى بېزى كېسەللىكلىرى، ھامىلە بېسىپ قويۇش، قەۋزىيەت ۋە باشقىلار.

ئىرقىننىسانىڭ سەۋەبلىرىدىن يەنە ئولتۇرغۇچ نېرۋىغا قاتتىق سوغۇق ئۆتۈپ كېتىش، ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، بېسىمغا ئۇچراش، ۋە جىئۇل مۇفاسىل ئاسارەت قالدۇرۇش؛ ئاغرىش-تۇتۇق ئاغرىش، سانجىلىپ ئاغرىش، كۆيۈپ ئاغرىش ياكى ئېسىلىپ ئاغرىش خۇسۇسىيەتلىرىدە بولىدۇ. ماڭغاندا، يۆتەلگەندە ۋە چۈشكۈرگەندە ياكى بەلنى. ئەگكەندە ئاغرىق كۈچىيىپ كېتىش مۇمكىن.

تەكشۈرگەندە ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئورۇنلاشقان جاينى بويلاپ بېسىپ باقسا ئاغرىيدۇ ھەتتا مەزكۇر نېرۋا تارقالغان مۇسكۇللارنى بېسىپ باقسا شۇ جايلارنىڭ گۆشلىرىمۇ ئاغرىيدۇ، بولۇپمۇ پاقالچاق بۇلجۇڭ گۆشلىرى ئاغرىپ كېتىدۇ.

پاقالچاقنى تۈزلەپ ئاندىن بىمارنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ تۇرۇپ يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ پەيدىن پەي تۈزلەنسە قاتتىق ئاغرىق ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئىرقىننىسانىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. ھەرىكەتلەندۈرگەندە ئاغرىيدۇ، لېكىن سېزىمنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ئاز ئۇچرايدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-15

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-01 / 03:18:19

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ