مانا مانا مانا، ھىيت بىلەن بىللە نورۇز بايرىمىمۇ كېلىپتۇ ئەمەسمۇ؟

2026-يىلىنىڭ گۈزەل باھارى تەبىئەتنىڭ يېڭىلىنىش بايرىمى بولغان «نورۇز» بىلەن قەلبنىڭ پاكلىنىش بايرىمى بولغان «روزا ھېيتى»نى بىر ئارىغا جەم قىلىپ، خەلقىمىزگە قوش خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. زېمىن يېشىللىققا پىلانىپ، ئالەم نۇرلۇق بىر چىراي ئاچقان مۇشۇ قۇتلۇق پەيتتە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بايرىمىنى چىن يۈرىكىمىزدىن تەبرىكلەيمىز. بۇ خاسىيەتلىك كۈنلەر قەلبىڭلارغا مەنىۋى ئارامبېخشلىق، ئائىلەڭلەرگە قۇت-بەرىكەت ۋە مىللىتىمىزگە ئاسايىشلىق ئېلىپ كەلگەي؛ باھارنىڭ ئىللىق تىنىقى ھەر بىر يانچۇققا بەرىكەت، ھەر بىر خانىدانغا خۇشاللىق بېغىشلىغاي.
«دوختۇر تور بېكىتى» بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، سىلەرنىڭ تەن-ساقلىقىڭلارنى ئەڭ چوڭ بايلىق ۋە بىزگە تاپشۇرۇلغان ئامانەت دەپ بىلىمىز. يېڭى كۈن — نورۇزنىڭ باشلىنىشى بىلەن تېنىڭلارغا مۇستەھكەم شىپالىق، روھىڭلارغا تېتىكلىك ۋە كەلگۈسىڭلارغا نۇرلۇق ئۈمىد تىلەيمىز. بىزنى ھەمىشە قوللاپ، ئىشەنچ بىلەن ئەگىشىپ كېلىۋاتقان بارلىق ئەزىز قېرىنداشلارغا چەكسىز مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.
باھارنىڭ يېڭىچە ھاياتىي كۈچى سىلەرگە تېخىمۇ ساغلام، مەزمۇنلۇق ۋە خەيرلىك بىر تۇرمۇش ئاتا قىلسۇن. بايراملىرىڭلار قۇتلۇق، قەدەملىرىڭلار بەرىكەتلىك بولسۇن! بۇ يىلدا ئائىلە ، مىللەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلىنىشىڭىزگە ئاللاھ نىسىپ قىلسۇن!


