سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يۇيۇنۇش ھەقىقەتەن بىر راھەت ئىش، لېكىن بەزىلەردە يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن بەدىنى قىچىشىپ، ھەتتا ھۆل تەمرەتكە چىقىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار، بولۇپمۇ ياشانغانلاردا بۇ خىل ئەھۋال بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۈگۈن بىز ياشانغانلارنىڭ يۇيۇنغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىپ باقايلى.
1. ياشانغانلار يۇيۇنغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
يۇيۇنۇش ئۇسۇلى: ياشانغانلارنىڭ سۆڭىكى ئاجىز بولغاچقا، يىقىلىپ كېتىشتىن ئەڭ قورقىدۇ، تېيىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۇنچىغا تېيىلىشتىن ساقلىنىش سېلىنچىسى قويۇش كېرەك، ئەگەر ياشانغانلار ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز بولسا، تېيىلىشتىن ساقلىنىش تەگلىكىگە ئورۇندۇق قويۇپ ئولتۇرۇپ يۇيۇنسىمۇ بولىدۇ.
سۇ تېمپېراتۇرىسى: يۇيۇنۇش سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى، ياز كۈنلىرى بەدەن تېمپېراتۇرىسىدىن سەل تۆۋەن بولۇشى، قىش كۈنلىرى بەدەن تېمپېراتۇرىسىدىن سەل يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
ۋاقىت: ياشانغانلار يۇيۇنۇش ۋاقتىنى 10 ~ 15 مىنۇتقىچە تەڭشەش كېرەك. ئەگەر ۋاننىدا يۇيۇنۇشقا توغرا كەلسە، 10 مىنۇت ئەتراپىدا بولسىلا كۇپايە، بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئاچ قورساق ۋاقتىدا، قورسىقى تويغاندىن كېيىن، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن دەرھال يۇيۇنماسلىق، يۈرەك ۋە چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرسىز بولۇش خەۋپىدىن ساقلىنىش كېرەك.
2. يۇيۇنۇش مۇۋاپىق بولمىسا ھۆل تەمرەتكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟
شۇنى بىلىش كېرەككى تېرە ئادەم بەدىنىنى قوغدايدىغان سېپىل، ياشانغانلارنىڭ مېتابولىزمى ئاستا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۈندىلىك پائالىيىتى ئاز، تەر ئاز ۋە مايمۇ ئاز چىقىدۇ، ئەگەر كۆپ قېتىم قىزىق سۇدا يۇيۇنسا، تېرە قەۋىتىنى بۇزۇپ، تېرىنىڭ قىسمەن تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ، بۇنىڭغا زىيادە سەزگۈرلۈك مەنبەسى بىلەن ئۇچرىشىش، نەم مۇھىتتا تۇرۇش قاتارلىق ئامىللار قوشۇلۇپ، ئاسانلا ھۆل تەمرەتكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،
ئەگەر ياشانغانلار ھۆل تەمرەتكىگە گىرىپتار بولسا، يۇيۇنغاندا تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئۈچ ئۈلۈش دورىغا، يەتتە ئۈلۈش پەرۋىشكە تايىنىلىدۇ، كۈندىلىك پەرۋىشكە دىققەت قىلىشمۇ ناھايىتى مۇھىم.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17743056.shtml