سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى يەنە سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، ياكى ئۈرولوگى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ بۆلۈم مەخسۇس سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە داۋالايدىغان تىببىي تارماق بۆلۈم ھېساپلىنىدۇ. سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى بۆرەك، سۈيدۈك توشۇش نەيچىسى، دوۋساق، سۈيدۈك يولى ھەمدە ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسى ( مەسىلەن : مەزى بېزى، ئۇرۇقدان، قوشۇمچە ئۇرۇقدان قاتارلىقلار ) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرلىرى سۈيدۈكنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە چىقىرىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاپلا قالماستىن، يەنە ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى چېتىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ھەم يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى، مەسىلەن، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشنى، ھەم يامان سۈپەتلىك ئۆسمە، مەسىلەن، دوۋساق راكى، مەزى بېزى راكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇيغۇرچە ئىسمى: سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى
ئىنگىلىزچە ئىسمى: Urology
تۈركچە ئىسمى: Üroloji
خەنزۇچە ئىسمى: 泌尿科
سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر
سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش : دوۋساق ياللۇغى، بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كېسەللىكلەر ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، پات – پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
بۆرەككە تاش چۈشۈش : سۈيدۈكتىكى مىنېرال ماددىلار چۆكۈپ تاش پەيدا قىلىپ، بۆرەك سانجىقى، قان سىيىش، سۈيدۈك يولى توسۇلۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
مەزى بېزى كېسەللىكلىرى : مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىش، مەزى بېزى ياللۇغى، مەزى بېزى راكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ، سىيىش قىيىنلىشىش، پات – پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
دوۋساق راكى : قان سىيىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، تاماكا چەككۈچىلەر ۋە ئۇزاق مۇددەت خىمىيەلىك ماددىلار بىلەن ئۇچراشقان كىشىلەر توپىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ.
ئۇرۇقدان كېسەللىكلىرى : ئۇرۇقدان ياللۇغى، ئۇرۇقدان ئۆسمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇرۇقدان ئىششىش، ئاغرىش، قاتتىق تۈگۈن بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
دوۋساق زىيادە ھەرىكەتلىنىش كېسىلى : پات – پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، كېچىدە كۆپ قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ سىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
باشقا كېسەللىكلەر..
قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە بېرىش كېرەك؟
پات – پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش : بولۇپمۇ سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش ياكى دوۋساق زىيادە ھەرىكەتلىنىش كېسىلىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.
قان سىيىش : سۈيدۈك قىزىل ياكى قوڭۇر رەڭدە بولسا، سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈش، دوۋساق راكى قاتارلىقلاردىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.
سىيىش قىيىنلىشىش : مەسىلەن، سۈيدۈك ئىنچىكىلەپ كېتىش، سىيىش ئۈزۈلۈپ قېلىش، سۈيدۈك تۇرۇپ قېلىش قاتارلىقلار مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىش ياكى سۈيدۈك يولى تارىيىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
بەل ئاغرىش : بولۇپمۇ قاتتىق بەل ئاغرىش بۆرەككە تاش چۈشۈش ياكى بۆرەكنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
ئۇرۇقدان ئىششىش ياكى ئاغرىش : ئۇرۇقدان ياللۇغى ياكى ئۇرۇقدان ئۆسمىسىنى كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن.
جىنسىي ئىقتىدار توسقۇنلۇققا ئۇچراش : مەسىلەن، قايىم بولۇش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، مەنىي بالدۇر كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى باھالايدۇ ۋە داۋالايدۇ.
باشقا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر..
سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئامبۇلاتورىيەسى مەسئۇلىيىتى
سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئامبۇلاتورىيىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
دەسلەپكى دىياگنوز : بىمارنىڭ كېسەللىك ئالامىتىگە قارىتا دەسلەپكى قەدەمدە باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەمدە زۆرۈر تەكشۈرۈشلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
داۋالاش لايىھەسى تۈزۈش : تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، بىمارلارغا خاس داۋالاش لايىھەسى تۈزۈپ بېرىلىدۇ، بۇ دورا بىلەن داۋالاش، فىزىكىلىق داۋالاش ياكى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ساغلاملىقنى باشقۇرۇش : سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنى ئۇزاق مۇددەت باشقۇرۇش، مەسىلەن، مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىش، دوۋساق زىيادە ھەرىكەتلىنىش كېسىلى قاتارلىقلارنى قەرەللىك زىيارەت قىلىش ئارقىلىق داۋالاش لايىھەسىنى تەڭشەش كېرەك.
ئوپېراتسىيەدىن كېيىن زىيارەت قىلىش : ئوپېراتسىيە قىلىنغان بىمارلارنى ئوپېراتسىيەدىن كېيىن باھالاش، ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش ھەمدە ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
باشقىلار…
سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىك بولغان كېسەللىكلەر
ئۆتكۈر سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىش : مەزى بېزى ئۆسۈپ قالغان بىمارلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، تۇيۇقسىز سىيىش قىيىنلىشىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، دەرھال سۈيدۈك نەيچىسىنى كىرگۈزۈپ سۈيدۈكنى چىقىرىش كېرەك.
بۆرەك سانجىقى : ئادەتتە بۆرەككە تاش چۈشۈشتىن كېلىپ چىقىدۇ، بىماردا بەل – قورساق قاتتىق ئاغرىيدۇ، بۇنىڭغا كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قان سىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىشى مۇمكىن، شۇڭا جىددىي بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
ئۇرۇقدان تولغىشىپ قېلىش : بۇ بىر خىل جىددىي كېسەللىك بولۇپ، ئۇرۇقدان تولغىشىپ قېلىش سەۋەبىدىن قان بىلەن تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، ئەگەر 4 سائەت ئىچىدە جىددىي بىر تەرەپ قىلىنمىسا ئۇرۇقدان نېكروزلىنىشى مۇمكىن، ئادەتتە جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئۆتكۈر سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش : مەسىلەن، ئۆتكۈر بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى، قىزىش، تىترەش، بەل ئاغرىش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، شۇڭا دەرھال ئانتىبىئوتىكلار بىلەن داۋالاش كېرەك.
دوۋساق يېرىلىش : سىرتقى زەخىملەنگەندىن كېيىن كۆپ كۆرۈلىدۇ، بىماردا تۆۋەنكى قورساق ئاغرىش، قان سىيىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن، جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.
باشقا جىددىي ئالامەتلەر ۋە كېسەللىكلەر
سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى تارىخى
سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى قەدىمكى دەۋردىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، لېكىن مۇستەقىل تېببىي تارماق بولۇش سۈپىتى بىلەن تەرەققىياتى بىر قەدەر كېيىن بولغان. 18 – ئەسىردە تاشقى كېسەللىكلەر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلىرى تەدرىجىي شەكىللىنىشكە باشلىغان. 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا سۈيدۈك يولى ئىچكى ئەينىكىنىڭ كەشىپ قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئىچكى بوشلۇق ئەينىكى تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشى سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىغا دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشنى تېخىمۇ توغرا ۋە مىكرو زەخىملىك قىلدى.
سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ ئاتىسى: جون ھانتېر ( John Hunter,1728-1793 ) دائىم ھازىرقى زامان سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى تاشقى بۆلۈمىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ، ئۇ شوتلاندىيەدىكى داڭلىق تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولۇپ، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى تەتقىقاتى ۋە ئوپېراتسىيە تېخنىكىسىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ ئاناتومىيە ۋە ئوپېراتسىيە ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىشى ھازىرقى زامان سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى تاشقى بۆلۈمىگە ئاساس سالغان.
سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى كۆپ ئۇچرايدىغان تەكشۈرۈش تۈرلىرى
سۈيدۈك تەكشۈرۈش ( Urine test ) : سۈيدۈكتىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسى، ئاق قان ھۈجەيرىسى، ئاقسىل، باكتېرىيە قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى ئانالىز قىلىپ، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش، قان سىيىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دىئاگنوز قويۇشقا ياردەم بېرىدۇ.
قان تەكشۈرۈش ( Blood test ) : بۆرەك ئىقتىدارى ( قاندىكى بۆرەكنىڭ ئىشلەش رولىنى كۆرسىتىدىغان قىممەتلەر مەسىلەن كرېئاتىنىن، ئۇرېيە ئازوتى قاتارلىقلار ) نى تەكشۈرۈپ، بۆرەكنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى باھالايدۇ.
ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ( Urinary system ultrasound ) : بۆرەك، دوۋساق، مەزى بېزى قاتارلىق ئەزالارنىڭ شەكلى ۋە ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
سۈيدۈك ئېقىش نىسبىتىنى ئۆلچەش ( Uroflowmetry ) : سۈيدۈك ئېقىش سۈرئىتىنى باھالاپ، مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دىئاگنوز قويۇشقا ياردەم بېرىدۇ.
دوۋساق ئەينىكىدە تەكشۈرۈش ( Cystoscopy ) : ئىچكى بوشلۇق ئەينىكىدىن پايدىلىنىپ دوۋساق ۋە سۈيدۈك يولىنىڭ ئىچكى قىسمىنى بىۋاسىتە كۆزىتىپ، ئۆسمە، تاش قاتارلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى تەكشۈرىدۇ.
CT/MRI : تەپسىلىي تەسۋىر ھاسىل قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ ،سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى مۇرەككەپ كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىگە دىئاگنوز قويۇشقا ياردەم بېرىدۇ ،مەسىلەن بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش ،ئۆسمە قاتارلىقلار.
سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى كۆپ ئۇچرايدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرى
دورا بىلەن داۋالاش : ئانتىبىئوتىكلار سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشنى داۋالايدۇ، α – ئاكسېپتورنى توسقۇچى دورىلار مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىشنى داۋالايدۇ، خىمىيەلىك داۋالاش ۋە ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى راكىغا ئىشلىتىلىدۇ.
مىكرو زەخىملىك ئوپىراتسىيلەر : مەسىلەن:سۈيدۈك يولى ئارقىلىق مەزى بېزىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى ( TURP ) ،سۈيدۈك نەيچىسى ئەينىكى ئارقىلىق تاش ئېلىش ئوپېراتسىيەسى قاتارلىقلاردا، مىكرو زەخىملىك ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىش ۋە سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈشنى داۋالايدۇ.
ئېچىپ ئوپېراتسىيە قىلىش : مۇرەككەپ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە، مەسىلەن : بۆرەك راكى، دوۋساق راكى قاتارلىقلارغا قارىتا ئوچۇق ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىشكە توغرا كېلىشى مۇمكىن.
دىئالىز قىلىپ داۋالاش : بۆرەك زەئىپلەشكەن بىمارلارغا ئىشلىتىلىدۇ، دىئالىز ماشىنىسى ئارقىلىق بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، قاندىكى توكسىن ۋە ئارتۇق سۇيۇقلۇقلارنى تازىلايدۇ.
باشقا داۋالاشلار…
دۇنيادىكى داڭلىق سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىلىرى
مايو شىپاخانىسى ( Mayo Clinic – ئامېرىكا ) : سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى ئۆسمىسى ۋە مۇرەككەپ ئوپېراتسىيە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن دۇنيا مېدىتسىنا داۋالاش ساھەسىدە داڭلىق.
كىلىۋېلاند ئامبولاتورىيەسى ( Cleveland Clinic – ئامېرىكا ) : مەزى بېزى ئوپېراتسىيەسى ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى مىكرو زەخىملىك ئوپېراتسىيە جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
سىلون – كاتېرىن راك كېسىلى مەركىزى ( Memorial Sloan Kettering Cancer Center – ئامېرىكا ) : سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى ئۆسمىسىنى ئۇنىۋېرسال داۋالاشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ ، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ،رادىئاتسىيىلىك داۋالاش ،خىمىيىلىك داۋالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شارلوت ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسى ( Charit University Hospital – گېرمانىيە ) : ياۋروپادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى ئۆسمىسى ۋە مۇرەككەپ سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى تاشقى بۆلۈمى ئوپېراتسىيەسىگە ماھىر.
ئەنگلىيە خان جەمەتى ماسدېن دوختۇرخانىسى ( The Royal Marsden Hospital – ئەنگلىيە ) : سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى راك كېسىلىنى داۋالاش جەھەتتە مول تەجرىبىگە ئىگە، بولۇپمۇ مەزى بېزى راكى داۋالاشتا ئالدىنقى قاتارلاردا ئورۇن ئالىدۇ.
سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ تارماق ساھەلىرى
سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر قانچە ئىككىلەمچى كەسپىي ساھە بار بولۇپ، ھەرقايسىسى ئوخشاش بولمىغان كېسەللىك ۋە داۋالاش ئۇسۇلىغا مەركەزلەشكەن:
سۈيدۈك ئاجرىتىش ئۆسمىسى تارماق بۆلۈمى : سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى ئۆسمىلەرنى، مەسىلەن، بۆرەك راكى، دوۋساق راكى، مەزى بېزى راكى قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.
سۈيدۈك ئاجرىتىش تېشى تارماق بۆلۈمى : بۆرەككە تاش چۈشۈش، سۈيدۈك نەيچىسىگە تاش چۈشۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدۇ ۋە داۋالايدۇ.
سۈيدۈك ئاجرىتىش يۇقۇملىنىش تارماق بۆلۈمى : سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، مەسىلەن، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش، مەزى بېزى ياللۇغى قاتارلىقلار.
ئەرلەر كۆپىيىش مېدىتسىناسى : ئەرلەردىكى تۇغماسلىق، قايىم بولۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، مەنىي بالدۇر كېتىش قاتارلىق كۆپىيىش سىستېمىسى مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.
ئاياللار سۈيدۈك ئاجرىتىش ئىلمى : ئاياللارنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، مەسىلەن، سۈيدۈك تۇتالماسلىق، دوۋساق چىقىپ قېلىش قاتارلىقلار.
بالىلار سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى : مەخسۇس بالىلارنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى داۋالايدۇ، مەسىلەن، تۇغما سۈيدۈك ئاجرىتىش غەيرىيلىكى، كېچىدە ئۇيقۇلۇقتا سىيىپ قويۇش قاتارلىقلار.
سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ۋە كۆپ پەنلەر ھەمكارلىقى
سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى كۆپ ھاللاردا كۆپ ئەزا ۋە سىستېمىغا چېتىلىدىغان بولغاچقا، سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرلىرى دائىم باشقا بۆلۈملەردىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ھەمكارلىشىدۇ، مەسىلەن:
ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى : سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى ئۆسمىنى داۋالاشتا، ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇنىۋېرسال داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
بۆرەك بۆلۈمى : بۆرەك ئىقتىدارى بىنورمال ياكى بۆرەك كېسىلى بىمارلىرىغا قارىتا، سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرى بىلەن بۆرەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرى كېسەللىك ئەھۋالىنى بىرلىكتە باشقۇرىدۇ.
ئاياللار بۆلۈمى : ئاياللارنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى ۋە كۆپىيىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرلىرى ئاياللار بۆلۈمى دوختۇرلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدۇ.
تەسۋىر بۆلۈمى : سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىغا دىئاگنوز قويۇش ئادەتتە سۈرەتكە ئېلىش ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشكە تايىنىدۇ، مەسىلەن:ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى، CT ،MRI قاتارلىقلار، شۇڭا سۈرەتكە ئېلىش بۆلۈمى سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ داۋالاش جەريانىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.
سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى نۆۋەتتىكى يېڭى تەتقىقات يۆلىنىشلىرى
سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ساھەسىدە يېڭى تەتقىقات يۆلىنىشلىرى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ماشىنا ئادەم قوشۇمچە ئوپېراتسىيەسى : داۋىنچ ماشىنا ئادىمى قاتارلىق ئىلغار ئۈسكۈنىلەر ئىشلىتىلىپ، مىكرو زەخىملىك سۈيدۈك ئاجرىتىش تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى قىلىنىپ، ئوپېراتسىيەنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ۋە بىمارنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى يۇقىرى كۆتۈرۈش.
گېن ۋە مولىكۇلا مېدىتسىناسى : گېن تەكشۈرۈش ۋە مولېكۇلىلىق دىئاگنوز قويۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق، سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرلىرى بىمارلارنى خاس داۋالاش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بولۇپمۇ راك كېسىلىنى داۋالاش جەھەتتە.
ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش ئۇسۇلى : مەزى بېزى راكى ۋە دوۋساق راكىنى داۋالاشتا، ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش بىر خىل مۇھىم داۋالاش ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ، بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق راك كېسىلىگە قارشى تۇرىدۇ.
قايتا تىرىلىش مېدىتسىناسى : سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى ئەزالارنى قايتا تىرىلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىدۇ، مەسىلەن، غول ھۈجەيرىدىن پايدىلىنىپ سۈيدۈك يولى تارىيىش ياكى دوۋساق ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىقنى داۋالايدۇ.
سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى ۋە ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مەخسۇس بۆلۈم بولۇپ، كەڭ دائىرىلىك كېسەللىك ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىلىم تەجرىبىلەرنىڭ موللىشىشى ۋە تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئارقىلىق، سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر تارماققا ئايلاندى، ئۇنىڭ پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا يۈكسەك كەسىپلەشكەن ۋە كامالەتكە يەتكەن تېخنىكىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى بار.