دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرقىسقا ئۇچۇرلارتۈركىيە سەھىيە ساھەسىدىكى خىزمەتچىلەر كىيىمىنىڭ رەڭگىنى ئۆلچەملەشتۈرۈلمەكچى

تۈركىيە سەھىيە ساھەسىدىكى خىزمەتچىلەر كىيىمىنىڭ رەڭگىنى ئۆلچەملەشتۈرۈلمەكچى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقى سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇش ۋە ئورگان كىملىكىنى تېخىمۇ كەسپىي سەۋىيىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن چوڭ بىر قەدەمنى تاشلىدى. مىنىستىرلىق قارمىقىدىكى بارلىق دوختۇرخانا ۋە ساغلاملىق ئاپپاراتلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان پۈتۈن خادىملارغا قارىتا «ئۆلچەملىك فورما كىيىش» تۈزۈمى رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇ يېڭى بەلگىلىمە دوختۇرخانا مۇھىتىدىكى قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىپ، بىمارلارنىڭ خادىملارنى ئاسان تونۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

ئېلان قىلىنغان يېڭى بەلگىلىمىنىڭ تەپسىلاتلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئەنقەرە – تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقى ئۆز قارمىقىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بارلىق سەھىيە خادىملىرى ئۈچۈن «ئۆلچەملىك كىيىم-كېچەك» تۈزۈمىنى باشلىماقچى. 2026-يىلى 1-ئىيۇندىن باشلاپ، سەھىيە ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ھەر بىر كەسىپ گۇرۇپپىسى ئۈچۈن بېكىتىلگەن مەخسۇس رەڭلەردىكى فورما كىيىش مەجبۇرىي بولىدۇ.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن خادىملارغا يىلىغا ئىككى قېتىم ھەقسىز فورما تەمىنلىنىدۇ. بۇ فورمىلار سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بەلگىسى (لوگو) چۈشۈرۈلگەن، باكتېرىيەگە قارشى، ھاۋا ئۆتۈشۈشچانلىقى يۇقىرى ۋە داغ تۇتمايدىغان سۈپەتلىك رەختلەردىن تىكىلىدۇ. بۇ بەلگىلىمە دۆلەت دوختۇرخانىلىرى، ئائىلە ساغلاملىق مەركەزلىرى ۋە سەھىيە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بارلىق ئورگانلاردا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 2026-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ فورمىلار ھەقسىز تارقىتىلىشقا باشلايدۇ، 1-ئىيۇندىن باشلاپ ئىشلىتىش مەجبۇرىي بولىدۇ.

مەزكۇر بەلگىلىمە ئارقىلىق دوختۇرخانىلاردا تېخىمۇ تەرتىپلىك، كوپىراتىپ ۋە كەسپىي قىياپەت يارىتىش نىشانلانغان. مەسئۇللارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۇقرالار سەھىيە خادىملىرىنى رەڭلەرگە قاراپ ئاسانلا پەرقلەندۈرەلەيدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق مۇلازىمەت سۈپىتى تېخىمۇ ئۆسىدۇ.

تۈركىيە سەھىيە ساھەسىدىكى خىزمەتچىلەر كىيىمىنىڭ رەڭگىنى ئۆلچەملەشتۈرۈلمەكچى

 

كەسىپلەر بويىچە فورما رەڭلىرى:

🩵 دوختۇر: ئاسمان كۆكى ، ئالياسكا كۆكى (Alaska Mavisi)

🟦 سېستىرا: قاراكۆك ۋەيا توق كۆك (Lacivert)

🟪 تۇغۇت ئانىسى: سۆسۈن / مۈردۈم رەڭ (Mor / Mürdüm)

🤍 تىببىي كاتىپ: قايماق رەڭ (Bej) ۋە كاستيۇم-بۇرۇلكا

🟩 دورىگەرلەر: ئوتلاق يېشىل (Çimen Yeşili)

🟥 بىيولوگىيەلىك ۋە ئالىي ساغلاملىق كەسىپلىرى (كلىنىكىلىق پىسخولوگ، فىزىكىلىق داۋالاش، ئودىئولوگ، يېمەك-ئىچمەك مۇتەخەسسىسى، تىل داۋالاش يىتەكچىسى قاتارلىقلار): بېغىر رەڭ (Bordo)

🤍 سەھىيە تېخنىكلىرى ۋە تېخنىكلىرى: قايماق رەڭ (Bej)

🟫 سەھىيە مۇلازىمىتىدىكى باشقا كەسىپلەر (پىسخولوگ، بىيولوگ، بالىلار تەرەققىيات مۇتەخەسسىسى، ئىجتىمائىي خىزمەتچى، جەمئىيەتشۇناس، ساغلاملىق باشقۇرۇش قاتارلىقلار): جىگەر رەڭ (Kahverengi)

🟩 ئوپېراتسىيەخانا مۇلازىمەت خادىملىرى: يېشىل (Yeşil)

🩶 تېخنىكا مۇلازىمەت خادىملىرى: تەبىئىي كۈل رەڭ (Naturel Gri)

🟩 ئائىلە ساغلاملىق خادىمى: سۇ يېشىلى (Su Yeşili)

🟧 كلىنىكىلىق ياردەمچى خادىملار: قىزغۇچ سېرىق (Turuncu)

🟦 تازىلىق خادىملىرى: شاھانە كۆك (Saks Mavi)

سەھىيە مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى بۇ پىلاننىڭ «ساغلام تۈركىيە ئەسىرى» (Sağlıklı Türkiye Yüzyılı) تەسەۋۋۇرى دائىرىسىدە ئورگان كىملىكىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. مەزكۇر تۈزۈم پەقەت بىر كىيىم ئۆزگىرىشىلا بولماستىن، بەلكى سەھىيە سىستېمىسىدىكى ئىنتىزام ۋە مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ. 2026-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن تۈركىيە بويىچە بۇ تۈزۈمگە تولۇق ئۆتۈش نىشانلانماقتا. بۇ ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ سەھىيە مۇلازىمەتلىرى دۇنياۋى ئۆلچەملەرگە يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشقان بولىدۇ.

خەۋەر مەنبەسى:

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2026-03-31

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2026-03-31 / 10:13:08

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ