ئالەم بوشلۇقىدىن يەر شارىغا نەزەر: تارىخىي كۆرۈنۈشلەر
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) 2026-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى، «ئارتېمىس 2» (Artemis II) ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئالەم ئۇچۇش خادىملىرى تەرىپىدىن تارتىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى يەرشارى سۈرەتلىرىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇ سۈرەتلەر ئىنسانىيەتنىڭ ئارىدىن 50 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1972-يىلىدىكى ئاپوللو 17 ۋەزىپىسىدىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقى نۇقتىسىدىن ئۆز ئانىمىز بولغان يەرشارىنى كۆزىتىشىدۇر. بۇ سۈرەتلەرنى ۋەزىپە قوماندانى رېد ۋايسمەن ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۈسكۈنىسى بىلەن «ئورىئون» پىرقىرىغۇچىسىنىڭ دېرىزىسىدىن تارتىپ يەرشارىغا يوللىغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا زور زىلزىلە قوزغىدى.


بۇ سۈرەتلەر ۋەزىپىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، يەنى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئالەم پىرقىرىغۇچىسى «ئايغا يۆنىلىشلىك ئىتتىرىش» (Translunar Injection) ماتورىنى قوزغىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تارتىلغان. بۇ ۋاقىتتا ئورىئون پىرقىرىغۇچىسى يەر شارىنىڭ تۆۋەن ئوربىتىسىدىن ئاللىقاچان چىقىپ كەتكەن بولۇپ، يەرشارىدىن تەخمىنەن 65 مىڭدىن 66 مىڭ كىلومېتىرغىچە بولغان يىراقلىققا يەتكەن ئىدى. بىر پارچە سۈرەتتە يەرشارى ئالەم پىرقىرىغۇچىسى دېرىزىسىنىڭ بىر بۇرجىكىدىن ئاستاغىنە كۆرۈنگەن بولسا، يەنە بىر پارچە سۈرەتتە پۈتۈن بىر يەرشارى شارچىسى ئىنتايىن ئېنىق نامايان بولغان. سۈرەتتە كۆك رەڭلىك ئوكيانلار، ئاق رەڭلىك بۇلۇت قاتلاملىرى، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ سىرتىقى كۆرۈنۈشى ۋە ئىبىرىيە يېرىم ئارىلى ئىنتايىن سۈزۈك كۆرۈنىدۇ.
چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقىدىكى «كۆك مارجان»
بۇ قېتىملىق سۈرەتلەرنىڭ ئىچىدە كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى يەرشارىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپلىرىدىكى يېشىل رەڭلىك قۇتۇپ نۇرى (Aurora) بولدى. شۇنداقلا يەرشارى قۇياش نۇرىنى توسۇپ قالغاندا پەيدا بولغان بۇرۇج نۇرى (Zodiacal light) مۇ سۈرەتكە تارتىلغان. قوماندان ۋايسمەن بۇ گۈزەل كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق يەرشارىدىكى ئىنسانلارغا «سسالام دۇنيا!» دەپ سالام يوللىدى. كانادالىق ئالەم ئۇچۇش خادىمى جېرېمىي خانسېننىڭ ئېيتىشىچە، پۈتۈن گۇرۇپپا خادىملىرى شۇ دەقىقىلەردە دېرىزىگە چاپلىشىپ تۇرۇپ، چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقىدىن كۆرۈنگەن يەرشارىنىڭ مەنزىرىسىگە مەسلىپى بىلەن قاراپ قالغان. بۇ خىل مەنزىرە ئىنسانىيەتنىڭ 1972-يىلى تارتىلغان مەشھۇر كۆك مارجان (Blue Marble) سۈرىتىنى ئەسلىتىدۇ.
نۆۋەتتە ئار تېمىس 2 ۋەزىپىسى ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. ئالەم پىرقىرىغۇچىسى پىلان بويىچە مۇقىم سۈرئەتتە ئاي شارىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. پىلانغا ئاساسلانغاندا، 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەتراپىدا ئاي شارىنى ئايلىنىپ ئۆتۈش باسقۇچى باشلىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئالەم ئۇچۇش خادىملىرى ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. پۈتۈن ۋەزىپە 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئالەم پىرقىرىغۇچىسىنىڭ تىنچ ئوكيانغا قونۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
ئىنسانىيەتنىڭ ئالەمگە بولغان ئارزۇسىنىڭ قايتا قوزغىلىشى
NASA نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ سۈرەتلەر پەقەت بىر گۈزەل مەنزىرە بولۇپلا قالماي، بەلكى «ئورىئون» پىرقىرىغۇچىسىنىڭ ئالاقە ۋە تەسۋىر ھاسىل قىلىش سىستېمىلىرىنىڭ چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقى مۇھىتىدا نورمال ئىشلەيدىغانلىقىنى سىناقتىن ئۆتكۈزگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ سۈرەتلەر پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنى ئالەم ئۇچۇش خادىملىرى بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇرغاندەك ھېس قىلدۇرۇپ، يەرشارىنىڭ نەقەدەر نازۇك ۋە گۈزەل ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.


بۇ قېتىملىق چوڭقۇر ئالەم سەپىرى ئىنسانىيەتنىڭ مارىسقا بېرىش يولىدىكى مۇھىم بىر قەدىمىدۇر. 4-ئاينىڭ 1-كۈنى فلورىدادىكى كېننېدى ئالەم مەركىزىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەن رېد ۋايسمەن، ۋىكتور گلوۋېر، كرىستىنا كوچ ۋە جېرېمىي خانسېندىن تەشكىللەنگەن تۆت كىشىلىك گۇرۇپپا، ھازىر بىزنىڭ يالغۇز ھەمراھىمىز بولغان ئاي شارىغا قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلىمەكتە. NASA يەنە يېقىن كۈنلەردە ۋەزىپىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەتلەر ۋە سىنلارنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. بۇ تارىخىي دەقىقىلەر بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، ئىنسانىيەتنىڭ ئارزۇسى ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ، بىزنىڭ كېيىنكى قەدىمىمىز ئاي شارى، ئۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ يىراقتىكى يۇلتۇزلار بولغۇسى.


