ئانا سەھىپەتۇرمۇشتۇرمۇش ساۋاتلىرىئۆيىڭىزدىكى پار بەك ئىسسىق بولۇپ كەتسىمۇ ياخشى ئەمەس

ئۆيىڭىزدىكى پار بەك ئىسسىق بولۇپ كەتسىمۇ ياخشى ئەمەس

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

قىش پەسلى كەلدى، ھازىر ھەممە جايدا جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇق بولىۋاتىدۇ. شۇڭا بەزى كىشىلەر ئۆيدە پارنىڭ يېنىغا چاپلىشىپ ئولتۇرىدۇ، ئەمما سىرتقا كۆپ چىقىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن سوغۇق بەك تەسىر قىلىشى مۇمكىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆي بىلەن تېشىنىڭ ھاۋاسى ئوخشاش بولمىغاچقا ئادەمدە بىرخىل بىئاراملىق شەكىللىنىدۇ.

ليۇ ھەدىنىڭ ئىككى بالىسى ئاغرىپ قالدى، دوختۇر پار بار ئۆيدە بەك ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەچكە، يۇتقۇنچاق قىسمى قۇرغاقلىشىپ، بالىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ ئاجىزلاپ ئاسانلا ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.

ئەجىبا قىش پەسلىدە ئاغرىپ قالغانلارنىڭ ئاغرىپ قېلىش سەۋەبى مۇشۇ ئىشتىن كېلىپ چىقامدۇ؟

زامانىۋى پەن-تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتى، ھەر قېتىم سوغۇق قىش كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ ئىسسىنىشىغا ياردەم بېرىدىغان ئۈسكۈنىلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى، بۇ ئۈسكۈنىلەر سوغۇق ئېلىپ كەلگەن بىئارامچىلىقلارنى ھەرقايسى جەھەتلەردىن ياخشىلايدۇ.

ھەر خىل ئىسىنىش ئۈسكۈنىلىرى ئىشلىتىلگەچكە، ئۆي ئىچىنىڭ تېمپراتۇرىسى زور دەرىجىدە ئۆرلەيدۇ، ئەمما بۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قاتار مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلىدۇ. چۈنكى كۆپ قىسىم ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرى ھاۋانىڭ قۇرغاقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەم بەدىنى ئۇزۇن ۋاقىت قۇرغاق مۇھىتتا تۇرغاندا، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ۋە قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەيدۇ.

ئىشىنىمىزكى، نۇرغۇن كىشىلەر دائىم پارنىڭ كەينىدە تۇرغاندا، بۇرۇنى بىئارام بولىدۇ ياكى يۇتقۇنچاق قىسمى قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا بەزى كىشىلەر ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەنلىكتىن بىئارام بولۇپ، بېشى قېيىپ، كۆزى تورلىشىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ئىسىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەندە ئىسىنىش جەريانىدا چوقۇم ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئىشىك-دېرىزىلەر ئۇزۇن ۋاقىت ئېتىلگەن ئەھۋال ئاستىدا، بۇنداق قۇرغاق مۇھىتتا ئاسانلا ھەر خىل كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ، باكتېرىيە، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. بۇمۇ نېمە ئۈچۈن قىش پەسلىدە ھەر خىل نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب.

ئادەم بەدىنى ئۇزاق مۇددەت قۇرغاق مۇھىتتا تۇرغاندا، بەدەندىكى سۇ كۆپ مىقداردا پارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. مۇھىت قانچە قۇرغاق بولسا، پارغا ئايلانغان سۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر ئىللىق بولۇپ، ئاسانلا باكتېرىيە پەيدا قىلىدۇ. «پار كېسىلى» دەل مۇشۇ ئاساستا يۈز بەرگەن.

مېدىتسىنا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، «پار كېسىلى» ئەمەلىيەتتە بىر خىل كېسەللىك ئەمەس، بەلكى ئۆي ئىسسىغاندىن كېيىن، ئىشىك-دېرىزىلەر ئۇزۇن ۋاقىت يېپىق ھالەتتە تۇرغاچقا، ھاۋا نورمال ئايلىنالمايدۇ بۇ بىر قىسىم قۇرغاق، دىمىق مۇھىتنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنداق مۇھىت باكتېرىيەلەرنى تارقىلىدىغان ئورۇن بىلەن تەمىنلەپ، ئادەمنىڭ نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

شۇڭا، قىش پەسلىدە ئىسسىنغاندا ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ناچار تەسىرلەردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. پارنى ئىشلىتىش جەريانىدا، پارنى قانچە ئىسسىق بولسا شۇنچە ياخشى دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، مۇقەررەر ھالدا بىئارام بولۇش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ، بۇ چاغدا ئاسانلا زۇكامداپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئىسسىتقۇچنى ئىشلىتىش جەريانىدا، تېمپېراتۇرىنى مۇۋاپىق ھالەتكە تەڭشەپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ، زۇكام بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىش كېرەك.

ھاۋانىڭ قۇرغاقلىشىپ، كۆپ مىقداردىكى باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قىش پەسلىدە دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋاقتى توغرا تاللانمىسا، ئوخشاشلا ئادەم بەدىنىگە بەلگىلىك زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

ئىگىلىنىشىچە، كۆپ قىسىم كىشىلەر ھاۋا ئالماشتۇرغاندا ئەتىگەن ياكى كەچنى تاللايدىكەن، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى ۋاقىت بۆلىكى سىرتقى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر بولغان ۋاقىت ئىكەن. ئەگەر ئەتىگەن ياكى كەچتە ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى تاللىساق، سىرتتىكى بۇلغانغان ھاۋا ئۆي ئىچىگە كىرىپ، مىكروبلارنىڭ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر ئىسسىيدىغان ئۆينى ئۆزگەرتىش مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دائىم ئۆيدە نەملىك ئاشۇرغۇچ ئىشلىتىدۇ، بۇنداق بولغاندا ھاۋانىڭ نەملىكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بىمارلار ئىچىدە، بەزى بىمارلار نەملىك ئاشۇرغۇچنى خاتا ئىشلەتكەنلىكتىن نەپەسلىنىش سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەن.

مەسىلەن، بەزى كىشىلەر دائىم نەملىك ئاشۇرغۇچقا دېزىنفېكسىيە دورىسى ياكى ماي قوشىدۇ، بۇ ماددىلار قويۇپ بېرىش جەريانىدا يۇتقۇنچاق شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، يۇتقۇنچاق بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نەپەس يولى كېسەللىكىنى كەلتۈرۈو چىقىرىدۇ.

ئادەم بەدىنى ئۇزاق مۇددەت قۇرغاق مۇھىتتا تۇرغاندا، سۇنىڭ كۆپ مىقداردا پارغا ئايلىنىش مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. سۇ تولۇقلىغاندا ئاز مىقداردا ۋاسىتىلىك سۇ تولۇقلاش، بىر قېتىمدا بەك كۆپ سۇ ئىچمەسلىك كېرەك.

گۈزەللىكنى سۆيىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ئۆيدە ئۇزاق تۇرۇش تېرىگە پايدىسىز، سۇنى خورىتىش تېرىدىكى نەملىكنىڭ زور دەرىجىدە يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا قىش پەسلىدە تېرە ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، ۋاقتىدا تولۇقلاش كېرەك سۇ بولغاندىلا قورۇق ۋە ئىنچىكە قورۇقلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، قىش پەسلىدە چوقۇم مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش كېرەك. ھاۋا بەك سوغۇق بولغاچقا ھەرىكەت قىلمايمەن دەپ ئويلىماڭ، قىشتا ھەرىكەت قىلغاندا ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قاندىكى كېسەلگە قارشى تۇرغۇچى فاكتورلارنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ.

قىش پەسلىدە پارنى چوقۇم ئىشلىتىسىز، بولۇپمۇ شىمالدىكى رايونلاردا ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق ئەھۋالدا، پار بولسا تۇرمۇشنى خاتىرجەم ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ، بىراق پار ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش جەريانىدا يۇقىرىقى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىپ، زۆرۈر بولمىغان كېسەللىك ئاسارىتىدىن ساقلىنىش كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/25773223.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-04-12

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-04-12 / 10:25:03

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ