ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىبالىلاردىكى ۋىتامىن A كەملىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش

بالىلاردىكى ۋىتامىن A كەملىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بالىلاردىكى ۋىتامىن A كەملىك كېسىلى بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئالتە ياشتىن ئاشقان بالىلاردا ئاز ئۇچرايدۇ ئۇنىڭ ئاساسلىق بالدۇر كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى نامازشام قارىغۇسىدۇر

بىر قانچە ھەپتە ياكى بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن كۆز قۇرغاقلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. مۈڭگۈز پەردە يېنىدىكى كۆز ئالمىسى بىرىكتۈرگۈچى پەردىلەر قۇرغاقلىشىپ پۈرۈلىدۇ ھەمدە سوپۇن كۆپۈكىگە ئوخشاش ئاق داغنى كۆرگىلى بولىدۇ. كۆز يېشى ئازلايدۇ، نۇرغا قارىسا كۆزى ئاغرىيدۇ، كېسەل ئەھۋالى يەنىمۇ تەرەققىي قىلسا، مۈڭگۈز پەردە دۇغلىشىش، يۇمشاپ كېتىش ۋە يارا بولۇپ تېشىلىش سەۋەبىدىن قارىغۇ بولۇپ قالىدۇ.

بالىلاردىكى ۋىتامىن A كەملىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش

ئۇنىڭدىن باشقا، تېرە قۇرغاقلىشىدۇ، تىرناق نۇرسىز، سىزىق كۆپ ھەم ئاسان سۇنىدۇ، نەپەس يولى يۇقۇملىنىدۇ، سۈيدۈك قويۇق بولۇپ، بۆرەكتە نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ. بالىلاردا ۋىتامىن A نىڭ كەم بولۇشى ئۇلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت بۇلماق، مايسىز سۈت، شوۋىگۈرۈچ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يەپ، قوشۇمچە يېمەكلىك يېمىگەنلىكى ياكى ئاستا خاراكتېرلىك ھەزىم يوللىرى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلىقى، مەسىلەن، ئۇزاق مەزگىل قورسىقى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، ئۈچەي تۇبېركۇليوزى، ئۆت يولى توسۇلۇپ قېلىش، ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى، يۇقۇملىنىشچان كېسەللىكلەر ۋە قىزىل قاتارلىقلار سەۋەب بولىدۇ.

ۋىتامىن A ئانا سۈتى، كالا سۈتى، جىگەر، تۇخۇم تۈرلىرىدە ئەڭ كۆپ بولۇپ، بەزى كۆكتاتلاردا كاروتىن كۆپ. ئۇلار ئادەمنىڭ ئۈچىيىدە ۋىتامىن Aغا ئايلىنىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھامىلىدار ئايال بالا قورساقتىكى ۋاقىتتىن باشلاپ تەركىبىدە ۋىتامىن A بار يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش لازىم.

بوۋاقنى ئەڭ ياخشىسى ئانا سۈتى بىلەن باققان ياخشى. كۆكتات، تۇخۇملار، مايسىز گۆش، جىگەر ۋە مېۋە قاتارلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا تولۇقلاش زۆرۈر. بالا تۇغۇلۇپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن بېلىق مېيى سۇيۇقلۇقى بەرسە بولىدۇ، بىر مىللىلىتىر بېلىق مېيىدا 10000–50000 بىرلىك ۋىتامىن A بار.

ھەر قېتىم تۆت تامچە يېگۈزگەندە بالىلاردىكى ۋىتامىن A كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. كۆز قىسمىدا باشقىچە ئالامەت كۆرۈلگەن بوۋاقلارنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش ۋە داۋالاش لازىم.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-10

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-11-08 / 06:16:52

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ