خولتېر كۈزىتىش ئەسۋابى
Holter Monitor
动态心电图监测
Holter monitörü
خولتېر كۈزىتىش ئەسۋابىنى بەزىلەر ھەرىكەتچان يۈرەك سوقۇش كۈزىتىش ئەسۋابى, خولتىر ئۈسكۈنىسى دەپمۇ ئاتايدۇ.
مەزكۈر ئۈسكۈنە ئادەم بەدىنىگە تاقىلىپ، مەلۇم ۋاقىت توختىماي يۈرەك سوقۇشىنى كۈزىتىپ، خاتىرىلەپ ماڭىدۇ. بۇ ۋاقىت نورمالدا 24 سائەتتىن 72 سائەتكىچە داۋام قىلىدۇ. بۇ جەرياندا بىمار نورمال كۈندىلىك تۇرمۇش پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىدۇ. مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە، ئەگەر يۈرەك بىنورمال سوقۇش ئەھۋاللىرى بولسا مەزكۈر ئەسۋاپ خاتىرىلىۋالىدۇ.
1949-يىلى رادىئو تېلېگراف كەسپىدە ئىش باشلىغان خولتېرHolter ۋە بىل گلاسكوك Bill Glasscock ئىككىسى 1950-يىللارنىڭ بېشىدا يۈرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرى پائۇل دۇدلېي ۋايتنىڭ تەكلىپى تۈرتكىسىدە پۈتۈن دېققىتىنى ھەم تاقىغىلى بولىدىغان ھەم يۈرەكنى كۈزەتكىلى بولىدىغان ئۈسكۈنىنى ئىجاد قىلىشقا ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاراتقان. Holter ئىسىم بېرىلگەن بۇ ئەسۋاپ بۇ ئىككى كىشىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا، 1962-يىلى ئىجاد قىلىنغان ۋە ئىشلىتىشكە تارقىتىلغان.
بۇ خىل تەكشۈرۈشنى نورمالدا ، يۈرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ.