ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىغا تەسىر قىلغۇچى ئامىللار ئۈستىدە ئانالىز

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىغا تەسىر قىلغۇچى ئامىللار ئۈستىدە ئانالىز

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسى _ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغان ئالدىنقى شەرت ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتېىسىغا تەسىر قىلغۇچى ئامىللار، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىنى قانات يايدۇرۇش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئومۇملاشتۇرۇشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ ماقالىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىغا تەسر قىلغۇچى ئامىللار ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىلىدۇ

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىغا تەسىر قىلغۇچى ئامىللار ئۈستىدە ئانالىز

دىلشات ياقۇپ

دىلشات ياقۇپ: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمەت كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرسىتېتى ئېپىدېمىئولوگىيە كەسپىنىڭ دوتسىېنتى.

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسى _ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغان ئالدىنقى شەرت. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتېىسىغا تەسىر قىلغۇچى ئامىللار، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىنى قانات يايدۇرۇش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئومۇملاشتۇرۇشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ماقالىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىغا تەسر قىلغۇچى ئامىللار ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇلار:

1.كىشىلەر توپى ئامىلى:

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىنى تۈزۈش جەريانىدا، نۆۋەتتىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشىمىغان كىشىلەر توپىغا قارىتا ئەڭ گەۋدىلىك، ئەڭ ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ ھالىتىگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، شۇ ئاساستا مۇناسىپ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسى ئۆزگەرتىلىدۇ ياكى تۈزۈپ چىقىلىدۇ. نۆۋەتتە جىنسىي ئۇچرىشىش ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەر بەچچىلەر ( MSM ) نىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى تېز يۇقىرىلىماقتا. ئېلىمىزدە يۇقىرى مائارىپ تەربىيەسىدىكى MSM كىشىلەر توپىدا HIV دىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى نىسپىي تۆۋەن. كىشىلەر توپىدا خەتنە قىلدۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، جورىلار ئارا تەربىيەلىگەندە HIV دىن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەشۋىق ـ تەربىيە، ساغلاملىقتىن مەسلىھەت بېرىش ياكى بىيو تېببىي ئىلىم جەھەتتىن مۇداخىلە قىلغاندا، ئۇنى چۈشىنىش ئىقتىدارى، ئەھمىيىتى، قوبۇل قىلىش، ئىتائەتچانلىق ۋە نەپكە ئېرىشىش ھەم تەربىيەلىنىش، كىرىم، پىسخىك ھالەت قاتارلىقلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ. يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر توپىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپى زور، مۇداخىلە قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، شۇنىڭ ئۈچۈن، تەخىرسىز ھالدا ئالاھىدە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئالاھىدە ئىجتىمائىي توپنى زىچ ماسلاشتۇرۇپ، يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر توپىنىڭ قەلب يارىسىنى چۈشىنىپ، پىدائىيلار ئارقىلىق تەربىيەلەشنى يولغا قويغاندا، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ۋە مۇداخىلە خىزمىتىگە قولايلىق يارىتىلىدۇ. باشقا يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر توپىمۇ ئەلۋەتتە مۇھىم. كىشىلەر توپى ئامىلىنى تولۇق ئويلىشىپ، قاراتمىلىققا ئىگە، مەسىلەن: ئاياللار، بالىلار، زەھەر چەككۈچىلەر قاتارلىق ئوخشىمىغان كىشىلەر توپىنى چىقىش قىلىپ، قاراتمىلىققا ئىگە تاكتىكا قوللىنىشتا خاسلىقى بولۇشى كېرەك. نۆۋەتتە خەلقئارادا ئەيدىز يۇقۇمىنى تىزگىنلەشتىكى مۇۋەپپەقىيەلىك تەجرىبىلەردىن پايدىلىنىپ مۇداخىلە قىلغاندىن سىرت، ئاممىغا تەشۋىق _ تەربىيە ئېلىپ بېرىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. كەڭ جامائەتكە يۈزلەنگەن تەشۋىقات تاكتىكىسىدا كىشىلەر توپىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىش؛ قانداق قىلغاندا ئومۇم خەلقنىڭ ئەيدىزگە بولغان تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتە، ئومۇم خەلقنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىدىكى يادرولۇق مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئويلىشىش كېرەك. سەھىيە داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى خادىملار، ئوقۇغۇچىلار، كادىرلار، مۇلازىملار، كەسپىي خادىملار، جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى، دېھقانلار، شەھەر ئاھالىلىرىدىن ئىبارەت ئوخشىمىغان كىشىلەر توپىغا تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى شۇلار ياقتۇرىدىغان قىلىپ تاللاش كېرەك. شەھەرلەردىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى جىنسىي تەلىپى يۇقىرى ياشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەيدىزگە بولغان چۈشەنچىسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولغانلىقتىن ئەيدىزنىڭ شەھەرلەردىن يېزىلارغا قاراپ يامرىشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ. ئالاھىدە رايونلارغا بولغان تەشۋىق ـ تەربىيەنى كۈچەيتىشتە، تەشۋىقات يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئەيدىزنىڭ ئېغىر كېسەللىك ئىكەنلىكى ھەم ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى نىشانلىق يەتكۈزۈش كېرەك.

2. تېخنىك ئامىللار:

قاتتىق _ يۇمشاق دېتال ئەسلىھەلىرى، ئىلغار مۇداخىلە ۋاسىتىسىنى قوللىنىش، تەشۋىق _ تەربىيە ۋاسىتىسىنى يېڭىلاش قاتارلىقلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىدىكى مۇھىم تېخنىكىلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. قاتتىق _ يۇمشاق دېتال شارائىتى ـــ تېخنىك خادىملارنى سەپلەش، ئۈسوكۈنىلەرنى ئەلالاشتۇرۇش، لابوراتورىيە شارائىتى، خىزمەتلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوخشىمىغان نىشانلىق كىشىلەر توپىغا قاراتمىلىققا ئىگە ئالدىنى ئېلىش قاتتىق _ يۇمشاق دېتال شارائىتى يارىتىلىشى كېرەك. ئىلمىي تېخنىكىلىق مۇداخىلە تاكتىكىسىنى تۈزگەندە ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشچانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تېخنىكىنىڭ مۇكەممەللىك دەرىجىسى، تەننەرخى ۋە كېڭەيتىش ئەۋزەللىكىنى ئويلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە زەھەرچانلىقى، زەخمىسى قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنىمۇ ئويلىشىش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش دورىسى، دورىغا چىداچانلىقنى كۆزىتىش، تېز دىياگنوز قويۇش قاتارلىق جەھەتتىن پەن تەتقىقات سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش _ داۋالاش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئىلغار نەزەرىيە، تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنئەنىۋى داۋالاش بىلەن يەرلىك مىللىي تېببىي دورىگەرلىك خاسلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك.

3. سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مۇھىت ئامىلى:

يەككە ھالدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسى ـــ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش _ داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان بولغاچقا، تارماقلار ئارا زور كۈچ بىلەن ھەمكارلىشىش، كادىرلار تۈزۈلمىسى، قانۇن، سىياسەت، مېخانىزم، ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىنى ماسلاشتۇرۇش ھەمدە كونكرت ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن “ بىر پونكىت” مۇلازىمەت تاكتىكىسى، “ئۈچ بىر گەۋدە” خىزمەت ئەندىزىسى قاتارلىق زور تاكتىكىلارنى تۈزۈپ چىقىش نۆۋەتتە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش _ داۋالاش تاكتىكىسىنى تۈزۈشنىڭ زۆرۈر تەلىپى بولۇپ قالدى. ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە پۈتكۈل جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىپ، “ھۆكۈمەت تەشكىللەپ رەھبەرلىك قىلىش، تارماقلار مەسئۇل بولۇش، ئىجتىمائىي كۈچلەر ئورتاق قاتنىشىش” نى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىدا ھازىر بار بولغان سەھىىيە نىزاملىرىغا ماسلاشتۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ئەيدىزدىن پۇرسەتپەرەس يۇقۇملانغۇچىلارنى يېڭىچە يېزا ھەمكارلىق داۋالىنىش ئاتچوت دائىرىسىگە كىرگۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا دورا تۈرلىرىنى مۇناسىپ كۆپەيتىش؛ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بالىلارغا ئاساسىي تۇرمۇش پۇلى تارقىتىپ بېرىش؛ ئەيدىز بىمارلىرىنى شەھەر _ يېزا ئاھالىلەر تۆۋەن كاپالىتىگە كىرگۈزۈپ، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى داۋالاش _ قۇتقۇزۇش قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتىدىن بەھرىمەن قىلىش؛ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىنى تۈزگەندە، ھازىر بار بولغان سەھىيە سىياسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كاپالەت تۈزۈلمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ جورىسى يەككە مۇسبەت چىققۇچىلار ۋە ئەيدىزگە گىرىپتار بولغان بالىلار قاتارلىقلارنىڭ سەھىيە ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇش؛ ئىجتىمائىي ئامىل تەتقىقات سالمىقىنى ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ نىگىزىغا قارىتىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىش؛ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىنى تۈزۈش _ ئىجتىمائىي چوڭ مۇھىتقا يۈزلەنگەن بولۇشى، ئالايلۇق، ئادەتتىكى كىشىلەر توپى ۋە تېببىي خادىملارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار، بىمارلارغا نىسبەتەن ۋەھىمە پىسخىكىسى ۋە كەمسىتىلىشىنى تۈگىتىش؛ ئاپتونوم رايونىمىز قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا دىنىي ئېتىقاد ۋە مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، يەككە تۈردە مۇسبەت چىققان ئائىلىلەردە گاندون ئىشلىتىش ئەھۋالى ئانچە قارشى ئېلىنىپ كېتىلمەيدۇ. مانا بۇ خىل ئالاھىدە مۇھىت شارائىتىدا گاندون ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى، مۇداخىلە تاكتىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتىكى پايدىسىز چوڭ مۇھىتتا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي بايلىق مەنبەسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە تەشكىللەشتە، ئالاھىدە ئىجتىمائىي كۈچلەرنى يەنىمۇ ماسلاشتۇرۇپ ۋە خىزمەت شەكلى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىنى ئەر بەچچىلەر، پاھىشىلەر ۋە زەھەر چەككۈچىلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىغا كېڭەيتىش كېرەك.

4. نازارەتچىلىك، باھالاپ سېلىشتۇرۇش ئامىلى:

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىنى تۈزگەن ۋاقىتتا، مۇناسىپ باھالاپ سېلىشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىشنى ئويلىشىپ، تاكتىكىنى يولغا قويۇش جەريانىدا يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ئورۇنسىز زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن،ئىلگىرى تۈزۈلۈپ مۇكەممەللەشكەن نازارەتچىلىك تۈزۈلمىسىنى، تۈرنى يولغا قويۇش باشلانغاندا تېزلىكتە ئىجرا قىلىش كېرەك. تاكتىكىنى بېكىتكەندە نازارەتچىلىك سالمىقى، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، تەقسىملەپ مەسئۇل بولۇش قاتارلىق جەھەتتىن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش _ داۋالاش خىزمىتىنى ئىش ئۈنۈمىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى بەرپا قىلىش كېرەك. تۈرلۈك تاكتىكىلارنى پائال ئىجرا قىلىپ، تۈر مەبلىغىگە بولغان باشقۇرۇش _ نازارەتچىلىكنى ھەقىقىي ئىجرا قىلىپ، نازارەتچىلىك، تەكشۈرۈش، ئېتىبار بېرىش جەھەتتە ئالدىنى ئېلىش خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاپ ۋە تەجىرىبىلەرنى يەكۈنلۈپ، سىرتقا كېڭەيتىش كېرەك.

5. ئىقتىسادىي ئامىل:

ئىقتىسادىي ئامىل _ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىنى تۈزۈش جەريانىدا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. 2000 _ يىلىدىن 2012 _ يىلىغىچە مەركەز مالىيەسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش _ داۋالاش مەخسۇس مەبلىغىدىن ھەر يىلى 200 مىليون يۈەن ئاجراتقان بولسا، 2013 _ يىلىغا كەلگەندە بۇ سان ئۆرلەپ 2 مىليارد 640 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 132 ھەسسە ئاشقان. ئەمما بايلىقنىڭ تەقسىملىنىشى جەھەتتە يەنىلا مۇناسىپ تەڭشەپ تەقسىملەش تۈزۈمى زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ. مەسىلەن: ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ قاپلىنىش دائىرىىسىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭەيتىپ، غەمخورلۇق قىلىش _ قۇتقۇزۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك؛ تەقسىملەشكە كۆڭۈل بۆلۈش، ئىقتىسادىي قوللاش جەھەتتە ئېھتىياجلىق كىشىلەر توپىغا مايىللىشىش، پەن تەتقىقات تۈرلىرى، تەتقىقات _ ئېچىش خىزمىتى، ئىسلاھات مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلارغا مايىللىشىش. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش _ داۋالاش خادىملىرىنى ئۆزىنى خىزمەتكە ئاتاشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، مۇناسىپ ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىش ھەمدە خىزمەتچى خادىملارغا بولغان كاپالەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خىزمەتتىكى قاتتىق يۇمشاق _ دېتال شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئەسلىھە ئاساسىنى يېڭىلاپ، ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىدا تەننەرخ بىلەن جۇغلانما مەنپەئەت مۇناسىۋىتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش؛ تاكتىكىنى تۈزۈش جەريانىدا ئىقتىسادىي ئامىلنىڭ رولىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك.

6.ئېتىكا ئامىلى:

ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىنى تۈزگەندە ئېتىكا ئامىل ئېھتىياجىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ھەربىر گىراژداننىڭ سايلاش _ سايلىنىش ھوقۇقى بولىدۇ، ئەمما ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى جەريانىدا، ھۆكۈمەتنىڭ مۇداخىلە قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشتا مۇئەييەن دەرىجىدە مەجبۇرلاش تۈسى بولىدۇ؛ داۋالاش سەھىيە بايلىق مەنبەسى يېتەرلىك بولمايۋاتقان ئەھۋالدا، بايلىق مەنبەسىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ھەرقاچان دائىمىي داۋالاش ۋاسىتىسىگە ئاۋۋال كاپالەتلىك قىلىشتا، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى يېڭى تاكتىكا، يېڭى تەپەككۇر ئەمەلىيلەشتىمۇ _ يوق؟ داۋالاش بايلىقى ئادىل تەقسىملەندىمۇ _ يوق؟ دېگەن مەسىلىلەر يەنىلا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنىشى كېرەك. كەمسىتىش ـــ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چۈشەپ قويىدىغان مۇھىم ئامىل. ئەمما يېڭى بىر ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىنى قوبۇل قىلغۇچى كىشىلەر توپىغا يۈزلىنىشتە “كىشىلەر توپى ئوخشىمايدۇ”. شۇڭا، بۇ مەسىلە يېڭى كەمسىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. HIV دىن يۇقۇملانغۇچى يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى جەھەتتە مۇداخىلە ئاساس قىلىنىپ، ئەكسىچە يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر توپى ۋە HIV دىن يۇقۇملانغۇچىلارغا پىسىخىك جەھەتتىن غەمخورلۇق قىلىش يېتەرلىك بولمىسا، ئوڭايلا پىسخىك كېسەللىك يۈز بېرىدۇ. مەملىكىتىمىزدە پىسخىك كېسەللىك نىسبىتى ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر توپى ھەم يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان تەسىر قىلىش مۇناسىۋىتى ئەيدىزنىڭ دائىمىي ئالدىنى ئېلىش ساغلاملىق خىزمىتىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەك. ئەگەر ئەيدىز ئاشكارىلىنىشتىن ئاۋۋال دورا ئىشلىتىش قاتارلىق ئىلمىي تېخنىكا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە قوللىنىلسا، بۇمۇ بىر خىل ئېتىكىلىق مەسىلە پەيدا قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن: يۇقىرى خەۋپلىك كىشىلەر توپىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى، كىشىلىك ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى قاتارلىقلار. شۇڭا، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىنى تۈزگەندە ئېتىكا ئامىللىرى تولۇق ئويلىشىلىپ، تېخنىكا بىلەن ئېتىكا زىتلىشىپ قالغان ئەھۋالدا، ئېتىكا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى كېرەك.

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىدىكى تۈرلۈك ئامىللارنى تەھلىل قىلىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسى تۈزۈشنى ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىشتە، تەسىر قىلغۇچى ئامىللارنى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلغاندا، سىياسەتكە ئۇيغۇن بولۇش، ئاممىغا ماس كېلىش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۆلەش، پەن ـ تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش، ئېتىكىغا ئۇيغۇن كېلىش جەھەتلىرىدىن ئويلاشقاندىلا ئاندىن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئەتراپلىق، تېخىمۇ پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار/ بىمارلارنىڭ يامراپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىغا يېتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-15

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-01 / 03:37:38

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ