ئەگەر كورونا ۋىرۇس يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۆيدە قېلىش جەريانىدا تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىلارغا دىققەت قىلىڭ.
كورونا ۋىرۇس بىمارى نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
ئەسكەرتىش: تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەر، ۋىرۇسقا گىرىپتار بولغان قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر ئۈچۈن بېرىلگەن تەۋىسيە:
1. بەدەندىكى ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ. بولۇپمۇ قىززىش بارمۇ، يۆتەل بەلغەم بارمۇ، نەپەستە قىيلىنىش بارمۇ، ئېغىر ئىچى سۈرۈش ئەھۋاللىرى بارمۇ، بەدەندىكى ئاغرىقلار قانداقراق بولۇۋاتىدۇ؟ مۇشۇلارغا دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ.
2. دورا ئىشلىتىش تەۋسىيەسى: سىز تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىكى بەلگىلىگەن دورىلارنى ۋاقتىدا ئىشلىتىڭ. ئەگەر قىززىش بولسا، قىززىتما چۈشۈرۈش دورىسى ئىشلىتىڭ. بەلغەم چىقىرىشتا قىيلىنىش ئەھۋاللىرى بولسا، بەلغەم بوشىتىدىغان ئۆپكىنى يۇمشىتىدىغان دورا ئىشلىتىڭ. ئىچىڭىز سۈرۈش ئەھۋالى كۈندە 4-5 قېتىمدىن كۆپ بولۇپ كەتسە، پروبىئوتىك دورىسى ئىشلىتىڭ. (ئوخشىمىغان دۆلەتتە ئوخشىمىغان ئىسىمدىكى دورىلارنى ئىشلىتىدۇ، شۇڭا قايسى دورىلار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىدىم.)
3. قىززىسىڭىز تېمپىراتۇرىنى ئۆلچەپ تۇرۇڭ. 37-38.5 غىچە بولغان ئارىلىقتا فىزىكىلىق قىززىتما چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىڭ. مەسىلەن يۈزىڭىزنى، بوينىڭىزنى، قولتۇقنى ئىلمان سۇدا يۇيۇش. ئىلمان سۇغا چىلانغان لۆڭگە ئارقىلىق پىشانە، بويۇن، قۇلاق ئارقىسى، قولتۇق، تىزنىڭ ئارقىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى سۈرتۈپ بەرسىڭىزمۇ قىززىتمىڭىز چۈشىدۇ. بۇ ئۇسۇللار بىلەن قىززىتمىڭىز چۈشمىسە ياكى تېخىمۇ يۇقىرىلاپ كەتسە، قىززىتما چۈشۈرۈش دورىسىنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
4. گېلىڭىز بەك ئاغرىپ كەتسە، ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە قان بېسىمىڭىز بولمىسىلا، تۇزلۇق ئىسسىق سۇدا ئاغزىڭىزنى چايقاپ بېرىڭ. گارگار قىلىپ بېرىڭ.
5. سىڭىشلىق تاماق يەڭ. بەك قورۇغان ياكى بەك ئاچچىق چۈچۈك نەرسىلەرنى يىمەڭ. كۆكتاتلارنى مول قىلىپ بېرىڭ. سوغۇق سۇ ئىچمەڭ. ئىلمان ياكى سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ ئىچىپ بېرىڭ.
6. كۆپرەك كىچىك تەرەت قىلىپ بېرىڭ. بەدەندىكى سۇنىڭ ئايلىنىشى بىراز تېزلەشسۈن.
7. بەك تەرلەپ ياكى بەك ئىچىڭىز سۈرۈپ كەتسە بەدىنىڭىزدىكى تۇز ئېلېكترولىتلەر (يەنى ناترىي، كالىي… قاتارلىق مىنېرال ماددىلار) تەر بىلەن ياكى چوڭ تەرەت بىلەن قېچىپ كېتىدۇ. شۇڭا بىر ئىستاكان ئىلمان سۇغا بىر ئىككى چىمدىم تۇز سېلىپ ئىچىۋېتىڭ.
8. كۆپرەك ئارام ئېلىڭ. كۆپرەك ئۇخلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئويغانغاندا ئاز تولا ھەرىكەت قىلىپ بېرىڭ. بەدەن مۇسكۇللارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بەرسىڭىز، قاننىڭ راۋان يۈرۈشىگە پايدىلىق. مەسىلەن بېشىڭىز بوينىڭىزنى ئايلاندۇرۇپ بېرىڭ، قول بىلەكلىرىڭىزنى چۆگىلىتىپ بېرىڭ، پۇت تىزىڭىزنى كۆتۈرۈپ بېرىڭ، بېلىڭىز كاسسىڭىزنى يۇمۇلاق سىزىش ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىڭ.
9. باشقا سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللىكلەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان دورىلىرىڭىز بولسا، ۋاقتىدا ئىستىمال قىلىڭ.
10. كەيپىياتنى ياخشى تۇتۇڭ. كەيپىياتىڭىزنى تەڭشىگىلى بولىدىغان بارلىق ئۇسۇللارنى ئىشلىتىڭ. روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. ئۈمىتۋار بولۇڭ. شۇندىلا بەدىنىڭىز خوشاللىق ھورمونلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ ۋە بالدۇرراق ساقىيىشىڭىزغا پايدىسى بولىدۇ.
11. ئەگەر نەپەسلىنىشتە ئېغىر دەرىجىدە قىيلىنىش، بەدەندە زىيادە ئاغرىق بولۇش دورا كار قىلماسلىق، قىززىتمىڭىز نەچچە سائەتلەپ 39-40 گىرادۇستىن چۈشمەسلىك، ۋەيا باشقا خەتەرلىك ئەھۋاللار بولسا سىز تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش نومۇرىغا تېلىفون قىلىڭ. .