ئادەم بەدىنىكى مۇسكۇللار تۈرلىرى

0
1558
ئادەم بەدىنىكى مۇسكۇللار تۈرلىرى

 

ئادەم بەدىنىدىكى مۇسكۇللار 3 چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بۇ 3 چوڭ تۈردىكى مۇسكۇللارنىڭ ئىچىدىكى تۈزۈلۈشىدىكى ئەڭ كىچىك بىرلىكى بولغان مۇسكۇل تالاسىدا ئوخشىماسلىق بولىدۇ.

يۈرەك مۇسكۇلى
Caridiac muscle, 心肌

پەقەت يۈرەكتىلا بولىدۇ، ئىستەكسىز قىسقىراپ كېڭىيىدۇ. يەنى ئۆز خائىشىمىز بىلەن بۇيرۇق بېرەلمەيمىز. ئۆزى ئاپتۇماتىك قىسقىراپ كېڭىيىش ئارقىلىق يۈرەك سوقۇش ھەرىكىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىز يۈرىكىمىزگە مىنۇتىغا 10 قېتىم سوققىن، 150 قېتىم سوققىن دەپ مېڭىمىزدىن بۇيرۇق بېرەلمەيمىز. پەقەت بەدەندىكى ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئۆزلىكىدىن سوقۇش سانىنى ئۆزگەرتىدۇ.

 

ئىسكىلىت مۇسكۇل
Skeletal muscle, 骨骼肌

قول، پۇت، دۈمبە، پاچاق، بىلەك، بويۇن… لەردە بولىدۇ. ئىستەك خائىشىمىز بويىچە كونترول قىلالايمىز.

 

سىلىق مۇسكۇل
Smooth muscle, 平滑肌

ئاشقازان، ئۈچەي، قان تومۇر، بالىياتقۇ، دوۋسۇن، نەپەس يوللىرىدا بولىدۇ.
ئىستەكسىز قىسقىراپ كېڭىيىدۇ. بۇمۇ يۈرەك مۇسكۇللىرىغا ئوخشاش، ئىستەك خائىشىمىز بىلەن بۇيرۇق بېرەلمەيمىز. ئۆزلۈكىدىن قىسقىراپ كېڭىيىدۇ.
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here