كۆرۈش قۇۋۋىتى 30 ياشتىن كېيىن، ئادەملەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىدە ئۆزگىرىش بولىدىكەن. يەنى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كۆز قارىچۇقىنىڭ يورۇقلۇق ئۆزگىرىشىگە بولغان ئىنكاسى ئاجىزلايدىكەن. 60 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، كۆز قارىچۇقىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى 200 ياش چاغلاردىكىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدىكەن. بۇ مەزگىلدە كۆز خىرۇستال تەنچىسىنىڭ ئىگىلىش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ، كۆز خىرەلىشىدىكەن.
چاچ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، چاچنىڭ رەڭگى، سانىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. چاچتىكى قارا پىگمېنت، ئاساسلىقى، تۈك خالتىسىدىكى قارا پىگمېنتلىق ھۈجەيرىلەردىن پەيدا بولىدۇ. 30 ياشتىن ئاشقاندا تۈك خالتىسى ھۈجەيرىلىرىدىكى قارا پىگمېنتلار ئازلايدىكەن، ئەگەر تۈك خالتىسى قارا پىگمېنت ئىشلەپچىقىرالمىسا، چاچ پۈتۈنلەي ئاقىرىپ كېتىدىكەن.
چوڭ مېڭە 20 ياشتىن بۇرۇن ئادەم چوڭ مېڭىسىنىڭ ئىقتىدارى ئەڭ كامالەتكە يەتكەن چاغ بولىدىكەن، 40 ياشقا كىرگەندە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىدا چېكىنىش بولىدىكەن، 700 ياشتىن ئاشقاندا تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم كىشىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن.
تېرە ۋە تىرناق ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تېرە نېپىزلاپ ئىلاستىكىلىقىنى يوقىتىدىكەن. تىرناقنىڭ ئۆسۈشى ئاستىلاپ، پارقىراقلىقى يوقايدىكەن، سېرىقداپ چۈرۈكلىشىدىكەن.
مۇسكۇل 30 ياشتىن باشلاپ مۇسكۇللار بوشاشقا باشلايدىكەن، 70ياشقا كىرگەندە 30 ياش مەزگىلىدىكىدىن %20 يېنىكلەپ كېتىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا ياش قانچە چوڭ بولسا، مۇسكۇل شۇنچە ئاجىز بولىدىكەن، بۇ مۇسكۇل تالاسىنى يېڭىلاش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
سۆڭەك كىشىلەرنىڭ سۆڭەك ھۈجەيرىسى ئۈزلۈكسىز بۇزۇلۇپ ۋە قايتا ئىشلەپچىقىرىلىپ تۇرىدىكەن. بىراق 30 ياشتىن ئاشقان كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ سۆڭەك ھۈجەيرىسىنىڭ قايتا ئىشلەپچىقىرىلىشى ئاستىلايدىكەن، سۆڭەكنىڭ ئېغىرلىقى ۋە زىچلىقىمۇ تۆۋەنلەيدىكەن. بۇ ئۆزگىرىش ھېيىز كېسىلگەن ئاياللاردا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدىكەن.