ئادېنوزىن ترى فوسفات ( Adenosine triphosphate قىسقارتىلىپ ATP دېيىلىدۇ ) ھۈجەيرە ئىچىدىكى ئېنېرگىيە مېتابولىزمىدىكى ئاچقۇچلۇق مولېكۇلىلارنىڭ بىرى. ئۇ ئادېنىن، رىبوزا ۋە ئۈچ فوسفات رادىكاللىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھۈجەيرە ئىچىدىكى بارلىق بىئوخىمىيەلىك رېئاكسىيەلەر ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيە مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

ھۈجەيرە ئىچىدە ATP ھىدرولىزلىنىش رولى ئارقىلىق ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىپ ،ھۈجەيرىنى تۈرلۈك ھاياتلىق پائالىيەتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ ،مەسىلەن:مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشى، نېرۋىلارنىڭ يەتكۈزۈشى، ئاقسىلنىڭ بىرىكىشى قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،ATP يەنە ھۈجەيرە ئىچىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىغا قاتنىشىپ ،ھۈجەيرە ئىچى – سىرتىدىكى مۇھىتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ.
ATP ھۈجەيرە ئىچىدىكى ئېنېرگىيە مولېكۇلىسى بولغاندىن باشقا يەنە دورا ياكى ئوزۇقلۇق تولۇقلاش دورىسى قىلىنىدۇ. مەسىلەن:بەزى تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە ،ATP مۇسكۇللارنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،ھەرىكەت ئىپادىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن ; ئۇنىڭدىن باشقا ،ATP يەنە يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىنى ياخشىلاپ ،ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.


