ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلارئانا ۋە بالابوۋاق بالىلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ھەققىدە

بوۋاق بالىلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ھەققىدە

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بوۋاقلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش

بوۋاقلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلاندۇرۇش، پۈتكۈل بالىلىق دەۋرىدىكى ئوزۇقلاندۇرۇش ئىچىدە، نىسبەتەن مۇھىم بولغان باسقۇچ بولۇپ، ھەرخىل ئوزۇقلۇق ماددىلىرى بىلەن ئەتراپلىق تەمىنلەنگەندىن باشقا ماددا ئالمىشىش، ھەزىم قىلىش خىزمىتى ۋە فىزىئولوگىيە-ئاناتومىيىلىك ئالاھىدىلىكلەرنى ئېتىبارغا ئېلىش لازىم. ئۆز ئورنىدا ياساپ، ئۆز ئورنىدىن ماتېرىيال ئېلىپ يېمەكلىكنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم.

  • ئانا سۈتى بىلەن بېقىش
  • ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى: ئانا سۈتى بوۋاق ئۈچۈن ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك يېمەكلىك. ئۇنىڭدا بوۋاق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار تولۇق بولىدۇ. تۇغۇتلۇق ئايال، تۇغۇتتىن كېيىن ئېمىتىپ بەرسە، يەنە بالىياتقۇنى رېفلىكىسيىلىك ھالدا غىدىقلاپ قىسقىراپ، بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئوغۇز سۈتىدە كۆپ مىقتاردا ئاجراتما تىپلىق IgAئانتىتىلا بولىدۇ. ئۈچەي يوللىرىدا ھەزىم بولمايدۇ. شىللىق پەردە يۈزىدە يۇقۇملىنىش ۋە سەزگۈرچان مەنبەنىڭ كىرىشىگە قارىتا قوغداش رولىنى ئۆتەيدۇ. يېتىلگەن سۈتتە IgAئازراق بولىدۇ. لېكىن باكتېرىيىگگ ۋە ۋىرۇسقا قارشى خاس ئالاھىدە ئانتىتلا تۇتىدۇ. ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن ۋىرۇسلارنىڭ ئاكتىپلىققا قارشى رول ئوينايدۇ. ئادەم سۈتىدە يەنە بىر خىل پولىساخار تۇتىدۇ. قوش شاخلىق تاياقچىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قوش شاخچە باكتىرىيىنىڭ چوڭ ئۈچەي تاياقچىسىگە قارىتا تورمۇزلاش تەسىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلاردا ئىچى سۈرۈش ئاز بولىدۇ. ئانا سۈتىدە Lactoferrin كالا سۈتىگە نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ. ئۇ چوڭ ئۈچەي تاياقچىسى بىلەن ئاق رەڭلىك تەسۋىسىمان باكتېرىيىنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلايدۇ. ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن تەسۋىسىمان باكتېرىيىنىڭ يۇقۇملىنىقا قارشى تەسىرى بولىدۇ. لېكىن تۆمۈر تۇزلىرىنى قوشۇپ بەرگەندە، Lactoferrin  نىڭ تۆمۈر بىلەن بىرىكىش ئىقتىدارى پۈتۈنلەي تويۇنۇش ھالىتىگە ئۆتكەندە، ئانا سۈتىنىڭ باكتىرىيىگە قارشى تۇرۇش پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ.

ئانا سۈتى ئوغۇز سۈت ۋە يېتىلگەن سۈت دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئوغۇز سۈتى تۇغۇلۇپ دەسلەپكى بىر نەچچە كۈندىكى سۈت بولۇپ، ماينىڭ تۇتقان مىقتارى ئازراق، ئاقسىلنىڭ تۇتقان مىقتارى يۇقىرىراق، ئېنىرگىيە مىقتارى يۇقىرى، رەڭگى نىسبەتەن سېرىق قۇيۇق بولىدۇ. يېتىلگەن سۈت بولسا تۇغۇتتىن كېيىنكى يېرىم ئايدىن 1 ياشقىچە سۈت بولۇپ، سۈت ئاقسىلى ئوغۇز سۈتكە نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ. ماي ئوغۇز سۈتىگە نىسبەتەن يۇقىرى، رەڭگى ئاق سۇيۇقراق بولىدۇ.

بالىلار كېسەللىكلىرى
(مەملىكەتلىك ئالىي تىببىي تېخنىكوملار ئۈچۈن سىناق دەرسلىكى)

تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدىسوپۇر ئابدۇرېھىم
تەرجىمە تەھرىرى:غوپۇر ئىمىن
مەسئۇل كوررېكتورى: ئابلەت مۇسا
شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى
1986-يىلى 4-ئاي

كىرگۈزگۈچى: نۇرمەمەت دانىش

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-09-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-09-02 / 05:34:34

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ