ئانا سەھىپەساغلاملىقچېنىقىشياز پەسلىدە ئەتىگەنلىك چېنىقىشتا قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟

ياز پەسلىدە ئەتىگەنلىك چېنىقىشتا قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

پىژغىرىم ئىسسىق ياز پەسلىدە، ئەتىگەنلىك چېنىقىش نۇرغۇن كىشىنىڭ سىرتلارغا چىقىپ پائالىيەت قىلىشتىكى تاللىشى بولۇپ قالدى، مۇتەخەسسىسلەر ئەتىگەنلىك چېنىقىشتا ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا قارىتا تاللاش، سۇ ئىچىش، ئېنېرگىيە تولۇقلاش قاتارلىق ئەتىگەنلىك چېنىقىش تەييارلىقلىرىنى ياخشى ئىشلەش، مۇۋاپىق تەنھەرىكەت مەيدانى تاللاپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش خەتىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى ئەسكەرتتى.

ياز پەسلىدە ئەتىگەنلىك چېنىقىشتا قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟

بېيجىڭ داشۆسى تەنھەرىكەت تېببىي تەتقىقات ئورنى تەنھەرىكەتتە زەخىملىنىش بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋىراچى ياڭ يۈپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەتىگەندە پائالىيەت قىلسا ھاۋا ئانچە ئىسسىق ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەمنى ئۇيقۇدىن سەگىتىدۇ ھەمدە پۈتۈن كۈنلۈك ياخشى بەدەن ھالىتىنى ساقلايدۇ، بۇ ھەرىكەت ئېلىپ كەلگەن ئىندورفىن قويۇپ بېرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، بۇ خىل گورمون كىشىگە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تىنچ ۋە ساپ ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما ئەتىگەن بىر كۈن ئىچىدە ھاۋادىكى كاربون (IV) ئوكسىدنىڭ قويۇقلۇقى ئەڭ يۇقىرى بولغان ۋاقىت بۆلىكى، بولۇپمۇ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولمىغاندا، ئوڭايلا نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئەتىگەندە بەدەندىكى قان بىر قەدەر يېپىشقاق بولىدۇ، شۇڭا ئەتىگەندە چېنىققۇچىلارغا بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ، قاننىڭ قويۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ياڭ يۈپىڭ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇر مەسىلىسى بارلارغا نىسبەتەن، ئەتىگەندە يۈگۈرۈش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، ئەتىگەندە يۈرەك رىتىمى ۋە قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشى باشقا ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېز بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇرىغا بېسىم پەيدا بولۇپ، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش خەۋپ-خەتەر كوئېففىتسېنتى ئۆرلەپ كېتىدۇ. ئەگەر ئاچ قورساق ھالەتتە ياكى يۇقىرى سىجىللىقتا ئەتىگەنلىك ھەرىكەت ئىشلەنسە، ئاسانلا تۆۋەن قان شېكىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ ئەسلىدىنلا دىيابېت كېسىلى بار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تاماقنى بەك كۆپ يەۋېلىپ ئەتىگەنلىك ھەرىكەت ئىشلىمەسلىك، بولۇپمۇ كۈچلۈك ھەرىكەت قىلماسلىق كېرەك، بولمىسا ئاسانلا ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ، مۇناسىپ كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى سەھەر تۇرۇپ چېنىقىشتىن بۇرۇن ئازراق ئېنېرگىيە تولۇقلاش، (چېنىقىپ بولغاندىن كېيىن) يەنە ئازراق ناشتا قىلىشنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.

ئولتۇراق رايونغا سەپلەنگەن تەنھەرىكەت سايمانلىرىدا چېنىقىدىغان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا قارىتا، ئۇ مۇنداق ئەسكەرتتى: ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ سۆڭەك ماددىسى بىر قەدەر چۈرۈك، سوقۇلۇش، يىقىلىپ كېتىش، زىيادە تارتىش قاتارلىق كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئاز قىلىش ياكى قىلماسلىق كېرەك.

تاشيولدا يۈگۈرۈشنى تاللىغاندا، ئاپتوموبىلغا يول بېرىپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەر يۈزى قاتتىقراق بولغاچقا، تىز بوغۇمى ۋە ئوشۇق بوغۇمىغا بولغان بېسىم نىسبەتەن چوڭ بولىدۇ، شۇڭا ئىمكانقەدەر كەسپىي يۈگۈرۈش ئايىغى ياكى سىلكىنىشنى پەسەيتىش ئىقتىدارى ياخشى تەنھەرىكەت ئايىغىنى تاللاش كېرەك. يەنە نۇرغۇن كىشى چىملىقتا ھەرىكەت قىلىدۇ، ياڭ يۈپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ بوغۇمنىڭ بېسىمىنى ئازايتىدۇ، لېكىن يەنىلا يوشۇرۇن خەۋپ مەۋجۇت، چۈنكى مەيدان تۈز بولمىسا ياكى بەك يۇمشاق بولسا، ئوشۇق بوغۇمى قاتارلىق بوغۇملار ئاسانلا قايرىلىپ كېتىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق ئەسكەرتتى: چىملىقتا ھەرىكەت قىلغاندا، ھەرىكەت بەك قاتتىق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا ئاسانلا ھەرىكەت كونتروللۇقىنى يوقىتىپ تاسادىپىي زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كوئىنلون تورىدىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-17 / 10:59:03

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ