
- يۇمشاق سۇقۇلغان 30گرام قىچا ئۇرۇقىغا 75گرام كالا يىلىكىنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە شىپا بولىدۇ .
- مۇۋاپىق مىقداردىكى سىركىگە سىياداننى ئارىلاشتۇرۇپ ئېزىپ ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە شىپا بولىدۇ .
- يېڭى بۇغۇزلانغان كۆك كەپتەرنىڭ قېنى بىلەن ئارپا ئۇنىنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ، يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە شىپا بولىدۇ .
- ئۈچ تەرىپى كېسىلگەن ھۆل ئەنجۈر نوتىسىدىن تامچىلاپ چۈشكەن سۈتسىمان سۇنى ئەينەك قۇتىغا قاچىلاپ قويۇپ كۈندە سۈركەپ بەرسە شىپا بولىدۇ .
- سيادان ، قىچا ۋە ئاقىر قەرھا قاتارلىقلاردىن ئوخشاش مىقداردا تەييارلاپ ، يىرىك سوقۇپ ، 10 گرامدىن 20گرامغىچە قايناق سۇدا دەملەپ ئىچىپ بەرسە بەھەق ، بەرەسكە شىپا بولىدۇ .
- پاكىز تازىلانغان قارا كۈنجۇتنى مۇۋاپىق مىقداردىكى قارا شېكەر بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ، كۈندە ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، شىپا بولىدۇ .
- يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىدىن 1 – كۈنى تۆت گرام ، 2 – كۈنى ئالتە گرام ، 3 – كۈنى سەككىز گرام بويىچە ئاشۇرۇپ ، 15 كۈنگىچە ئىككى قېتىمدىن ئىستېمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا ، شىپا بولىدۇ .
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
+1
+1
+1
+1
+1
+1


