بالىنىڭ تىلىنى تېز چىقسۇن دېسىڭىز…

0
1381
بالىنىڭ تىلىنى تېز چىقسۇن دېسىڭىز…

بىز ئاتا– ئانىلارنىڭ بالىلىرى‹‹ھە بالام گەپ قىلىڭە ، ھىم ، نىمە بولدى ، ھە نىمە دەيسىز››دەپ سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز ئۇنداقتا بۇنىڭ ئىلمىيلىكى بارمۇ ؟

بالىنىڭ تىلىنى تېز چىقسۇن دېسىڭىز…

ئاتا–ئانىلارنىڭ ئايىغى ئەمدىلا چىققان بالىلارغاگەپ قىلغاندا ‹‹ھە،ھىم››دېگەندەك گەپلەرنى كۆپرەك دەپ بەرگىنى ھەرگىزمۇ ئۇلارغا ناچار ئۈلگە بولغانلىقى ئەمەس . تەتقىقاتچىلار بۇنداق سۆزلەرنى دەپ بەرسە ، ئەمەلىيەتتە بالىنىڭ تىل ئۈگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە ، ئاتا–ئانىلار گەپ قىلغاندا ئازراق كالۋالاشسا ، بالىلار بۇنىڭدىن بىرەر يېڭى نەرسە ئۈگىنىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ ، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرىدىكەن . بۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىنىڭ دېيىشىچە ، پەقەت ئىككى ياشتىن ئاشقان بالىلارغا شۇنداق دەپ بەرسە ، بىرەرروشەن ئۈنۈمى بولىدىكەن .

بۇنىڭ سەۋەبى يېشى بەك كىچىك بالىلار ئاتا–ئانىسىنىڭ گەپ قىلغاندىكى ئىككىلىنىشى ، كېكەچلىشىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن .

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : بىز ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا گەپ قىلغاندا قەستەن راۋان سۆزلىمەسلىكىنى تەشەببۇس قىلمايمىز. بىراق مەن (ھە،ھىم)دېگەن ئىملىقلارنىڭ مول مەزمۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ، بالىلارغا ياردىمى بار دەپ قارايمەن››.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here