ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇللىرىئاق كېسەلنى داۋالاشتىكى يەرلىك رېتسېپلار

ئاق كېسەلنى داۋالاشتىكى يەرلىك رېتسېپلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئاق كېسەلنى داۋالاشتىكى يەرلىك رېتسېپلار

  • يۇمشاق سۇقۇلغان 30گرام قىچا ئۇرۇقىغا 75گرام كالا يىلىكىنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە شىپا بولىدۇ .
  • مۇۋاپىق مىقداردىكى سىركىگە سىياداننى ئارىلاشتۇرۇپ ئېزىپ ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە شىپا بولىدۇ .
  • يېڭى بۇغۇزلانغان كۆك كەپتەرنىڭ قېنى بىلەن ئارپا ئۇنىنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ، يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە شىپا بولىدۇ .
  • ئۈچ تەرىپى كېسىلگەن ھۆل ئەنجۈر نوتىسىدىن تامچىلاپ چۈشكەن سۈتسىمان سۇنى ئەينەك قۇتىغا قاچىلاپ قويۇپ كۈندە سۈركەپ بەرسە شىپا بولىدۇ .
  • سيادان ، قىچا ۋە ئاقىر قەرھا قاتارلىقلاردىن ئوخشاش مىقداردا تەييارلاپ ، يىرىك سوقۇپ ، 10 گرامدىن 20گرامغىچە قايناق سۇدا دەملەپ ئىچىپ بەرسە بەھەق ، بەرەسكە شىپا بولىدۇ .
  • پاكىز تازىلانغان قارا كۈنجۇتنى مۇۋاپىق مىقداردىكى قارا شېكەر بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ، كۈندە ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، شىپا بولىدۇ .
  • يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىدىن 1 – كۈنى تۆت گرام ، 2 – كۈنى ئالتە گرام ، 3 – كۈنى سەككىز گرام بويىچە ئاشۇرۇپ ، 15 كۈنگىچە ئىككى قېتىمدىن ئىستېمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا ، شىپا بولىدۇ .
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-06-30

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-06-30 / 10:31:22

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ