ئاشقازان ياللۇغى بىلەن ئاشقازان يارىسىنى پەرقى نىمە؟

0
1335
ئاشقازان ياللۇغى بىلەن ئاشقازان يارىسىنى پەرقى نىمە؟

ئاشقازان ياللۇغىنى ئىنگىلىزچە gastritis دەپ ئاتايدۇ. تۈركچىمۇ ئوخشداشراق قىلىپ gastrit دەپ قويىدۇ. خىتايچە: 胃炎 دەپ ئاتايدۇ.

ئاشقازان يارىسىنى ئىنگىلىزچە gastric ulcer دەيدۇ. تۈركچىدىمۇ gatrik ülser دەيدۇ ۋە يا mide ulseri دەپ قويىدۇ. خەنزۇچىدە 胃溃疡دەپ ئاتايدۇ.

ئاشقازان ياللۇغى، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشقازاننىڭ شىللىق پەردىسىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش، قان تولۇپ قېلىش، بەزىدە كىچىك قان چىقىش، ۋەياكى چىرىش ئەھۋاللىرىنى كۆرسىتىدۇ. ياللۇغ كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئاشقازاننىڭ يۈزەكى شىللىق پەردىسىدىلا بولىدۇ.

ئاشقازان يارىسى بولسا، ئاشقازان ياللۇغىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان يارىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يارىلار كۆپىنچە ئەھۋاللاردا 2.5 مىللىمىتىردىن كىچىكرەك بولىدۇ. ئەمما ئاشقازان ياللۇغىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ. يەنى شىللىق پەردىسىدىن ئۆتۈپ ئاشقازاننىڭ مۇسكۇل پەردىسىگە بارىدۇ ۋە تىشىلىپ كېتىش ئىھتىماللىقىمۇ بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here