ئاشقازاننى : ئىنگىلىزچە: stomach ، تۈركچىدە mide. خەنزۇچە: 胃دەپ ئاتايدۇ.
ئاشقازان ئاساسلىقى ئادەملەرنىڭ تاماقلارنى ئېرىتىدىغان پارچىلايدىغان بىر يەر، ئەمما ئوزۇقلۇق تاماقلارنى سۈمۈرۈپ بولالمايدۇ. نورمالدا تاماق، سۇلار ئېغىز بوشلۇقىمىزدا 5-10 سىكونىت تۇرغاندىن كىيىن ئاندىن قىزىلئۆڭگەچكە كىرىدۇ، قىزىلئۆڭگەچ يولىنىڭ ئىتتىرىشى بىلەن 5-10 سىكونىت ئىچىدىلا ئاشقازانغا بېرىپ بولىدۇ. ئاشقازانغا كىرىش ئېغىزىدىكى كىلاپاندىن غەلىبىلىك ئۆتۈپ بولۇپ ئاشقازانغا كىرىدۇ.
يىمەكلىكلەر ئاشقازاندا 4-6 سائەتكىچە ساقلىنىپ، قوچۇلىنىپ، ئېرىپ، سۈمۈرۈشكە قولاي بولغان ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن ئاندىن 12 ئۈچەيگە قاراپ ماڭىدۇ. بۇ جەرياندا تاماقلارنىڭ ياخشى ئېرىشى ئۈچۈن، ئاشقازان كىسلاتا ئىشلەپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت ئۆتتىن، ئاشقازان ئاستى بېزىدىن سۇيۇقلۇقلار كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشقازاندىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئېرىشىگە ياردەم قىلىدۇ.
ئاشقازانغا سىرتقى دۇنيادىن بەزىدە مىكروپ، بەزىدە زىيانلىق ماددىلار، يەنە بەزىدە بەدەنگە زىيىنىمۇ يوق، پايدىسىمۇ يوق نەرسىلەر كىرىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاشقازان ئېرىتىپ بېقىشقا تىرىشىپ باقىدۇ. ھەتتا بەزى كىشىلەر بولۇپمۇ كىچىك بالىلار توپا، قارىماي، غەيرى بويۇملارنى يەپ باقىدىغانلارمۇ بار. شۇڭا ئاشقازاندا كېسەللىك پەيدا بولۇش نىسبىتىمۇ بەكلا يۇقىرى. بۇنىڭ ئىچىدە بىزگە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى ئاشقازان ياللۇغىدۇر.