دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
29 تانە باھا سۆزى بار
4487 يازمىسى بار

ئەيدىز يۇقۇش يوللىرى

1. ئورتاق شپىرىستا زەھەر چەككەنلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلغاندا ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋېلىشى مۇمكىن.

بەدەن قىسمەن لېمفا تۈگۈنلىرى ئىششىش

لىمفا تۈگۈنى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، پۈتۈن بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا، جۈملىدىن بويۇن، قولتۇق ئاستى، يىرىق قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. بەدەننىڭ مەلۇم قىسمىدا يۇقۇملىنىش ياكى باشقا مەسىلىلەر يۈز بەرگەندە، مۇناسىپ لىمفا تۈگۈنلىرى ئىششىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش ۋە مۇۋاپىق دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى ۋاقتىدا داۋالاشتا ئىنتايىن مۇھىم.

قورساق قىچىشىش

قورساق قىچىشىش كۆپ خىل كېسەللىك ياكى ئەھۋاللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. تۆۋەندىكىسى مۇمكىن بولغان بەزى سەۋەبلەر: 1. تېرە قۇرغاقلىشىش قۇرغاق تېرە ئاسانلا قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

گۈڭگۈرتنىڭ رولى

گۈڭگۈرت ھەربىر ھۈجەيرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇ ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق مىقدارى كۆپرەك ئېلېمېنت بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە ئامىنو كىسلاتانى تەشكىل قىلىدىغان تەركىبلەرنىڭ بىرى، شۇنىڭ بىلەن بىللە گۈڭگۈرت تېرە، چاچ، تىرناق قاتارلىقلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداشقا ياردەم بېرىدىغانلىقتىن، ئۇ يەنە ھۆسن تۈزەش، تېرە ئاسراش ئۈچۈنمۇ زۆرۈر لازىملىق مىنېرال ماددا ھېسابلىنىدۇ.

كۈچسىزلىك

ماغدۇرسىزلىق دېگىنىمىز، بەدەن ھارغىنلىق ھېس قىلىپ، ئاجىزلاپ، نورمال پائالىيەتنى تاماملىيالماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش، تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى ھەمدە داۋالاش ئۇسۇلى بۇ خىل ئەھۋالنى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.

تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى

تاشقى كېسەللىكلەر مېدىتسىنانىڭ ئەڭ قەدىمىي بىر قىسمى ھېساپلىنىدۇ. ئەلمىساقتىن تارتىپ ھازىرغا كەلگىچە بولغان مەزگىلدە، تاشقى كېسەللىكلىرى تەرەققىي قىلىپ كۆپلىگەن تارماق بۆلۈملەرگە ئايرىلغان ۋە بۇ تارماق بۆلۈملەرمۇ تەرەققىي قىلىپ ئاساسي بۆلۈملەر ئارىسىدا يەر ئېلىشقا باشلىدى. ئەمما شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى داۋالاش سىستېمىسىدا ھېلىھەم ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىماقتا.

ئۆپكىگە سۇ چۈشۈش

ئۆپكىگە سۇ يىغىلىپ قېلىش ئۆپكە توقۇلمىلىرىغا زىيادە كۆپ سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە يۈرەك كېسىلى، بۆرەك كېسىلى، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

دائىم پۇت-قول ئۇيۇشۇش بەدەندىكى خەتەرلىك سىگنالمۇ؟

پۇت ـ قول ماغدۇرسىزلىنىش، باش ئاغرىش، كۆز تورلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشتا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بولۇپ، پەيدا بولغان ھامان چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بولۇپمۇ پۇت-قول ئۇيۇشۇش بەش خىل كېسەللىكتىن بېشارەت بېرىدۇ.

نېرۋا نەيچىسى تولۇق ئېتىلمەسلىك ( نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈكى )

نېرۋا نەيچىسى تولۇق ئېتىلمەسلىك يەنە نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈكى ( Neural tube defects, NTDs ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ ،ئۇ بىر خىل ئېغىر تۇغما نورمالسىزلىق بولۇپ ، ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسى ۋە يىلىكى يېتىلىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا يەنى ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى 2-3 ئاي ئىچىدە يۈز بېرىدۇ. نېرۋا نەيچىسى تۆرەلمىدە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ( چوڭ مېڭە ۋە يىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) نى شەكىللەندۈرىدىغان قۇرۇلما بولۇپ، ئادەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ 3 - ھەپتىسىدىن 4 - ھەپتىسىگىچە يېپىلىدۇ. ئەگەر نېرۋا نەيچىسى تولۇق يېپىلمىسا، نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى بىمارلىرىدا قان ئازلىق كۆرۈلۈشنىڭ سەۋەبى

سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى بىمارلىرىدا ئادەتتە ئاسانلا بۆرەك مەنبەلىك قان ئازلىق كۆرىلىدۇ، مۇھىمى قان ئازلىقنى قانداق تۈزىتىش كېرەك؟