نېرۋا نەيچىسى تولۇق ئېتىلمەسلىك يەنە نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈكى ( Neural tube defects, NTDs ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ ،ئۇ بىر خىل ئېغىر تۇغما نورمالسىزلىق بولۇپ ، ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسى ۋە يىلىكى يېتىلىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا يەنى ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى 1-3 ئاي ئارىلىقىدا يۈز بېرىدۇ. نېرۋا نەيچىسى تۆرەلمىدە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ( چوڭ مېڭە ۋە يىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) نى شەكىللەندۈرىدىغان قۇرۇلما بولۇپ، ئادەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ 3 – ھەپتىسىدىن 4 – ھەپتىسىگىچە يېپىلىدۇ. ئەگەر نېرۋا نەيچىسى تولۇق يېپىلمىسا، نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇيغۇرچە ئىسمى: نېرۋا نەيچىسى تولۇق ئېتىلمەسلىك ( نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈكى )
ئىنگىلىزچە ئىسمى: Neural tube defects
خەنزۇچە ئىسمى: 神经管闭锁不全, 神经管缺陷
تۈركچە ئىسمى: nöral tüp defekti
نېرۋا نەيچىسى تولۇق ئېتىلمەسلىك تۈرلىرى
1. ئومۇرتقا يېرىقى ( Spina Bifida ):
1) يوشۇرۇن ئومۇرتقا يېرىلىش ( Spina Bifida Occulta ): ئەڭ يېنىك شەكىل بولۇپ ،تۈۋرۈكسىمان سۆڭەك تولۇق يېپىلمىغان بولىدۇ ،ئەمما يىلىك ۋە نېرۋا ئادەتتە زىيانغا ئۇچرىمىغان بولىدۇ ،ئادەتتە روشەن كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ.
2) يۇلۇن پەردىسى پۇلتىيىپ چىقىش ( Meningocele ): يىلىك ئەتراپىدىكى پەردە ئومۇرتقىدىن ئۆتىدىغان يوچۇقتىن پۇلتىيىپ چىقىدۇ، ئەمما يىلىكنىڭ ئۆزى ئادەتتە زەخىمگە ئۇچرىمايدۇ.
3) يۇلۇن پۇلتىيىپ چىقىش ( Myelomeningocele ): ئومۇرتقا يېرىقىنىڭ ئەڭ ئېغىر شەكلى ھېساپلىنىدۇ. يىلىك ۋە نېرۋا ئومۇرتقىدىن ئۆتىدىغان يوچۇق كۆرۈنەرلىك چوڭ بولۇپ، بۇ يوچۇقتىن يۇلۇن يەنى نېرۋا توقۇلمىلىرىمۇ بىللە پۇلتىيىپ چىقىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئېغىر دەرىجىدىكى نېرۋا زەخىملىنىش ۋە ئىقتىدارىنى يوقىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
2. مېڭىسىز غەيرىيلىك ( Anencephaly ):
نېرۋا نەيچىسىنىڭ ئالدى ئۇچى يېپىلماي، چوڭ مېڭە، باش سۆڭىكى ۋە باش تېرىسىنىڭ كۆپ قىسمى كەمتۈك بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە جانغا زامىن بولىدۇ، بىمار تۇغۇلغاندا ياكى تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ.
3. مېڭە پۇلتىيىپ چىقىش ( Encephalocele ):
نېرۋا نەيچىسىنىڭ ئالدى ئۇچى يېپىلماي، چوڭ مېڭە ۋە مېڭە پەردىسى باش سۆڭىكىدىن ئۆتىدىغان يوچۇقنىڭ پولتىيىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مېڭە پۇلتىيىپ چىقىشنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى ۋە ئاقىۋىتى گەۋدىلىك قىسمىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ۋە ئورنىغا باغلىق بولىدۇ.
نېرۋا نەيچىسى تولۇق ئېتىلمەسلىك سەۋەبى
نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈكىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس، لېكىن كۆپ خىل ئامىللار رول ئوينىشى مۇمكىن، بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. ئىرسىيەت ئامىلى: جەمەتىدە نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈك كېسەللىك تارىخى بولۇش خەۋپى ئاشىدۇ.
2. مۇھىت ئامىلى: ئانا تېنىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ( بولۇپمۇ فولىك كىسلاتاسى كەمچىل بولۇش )، دىئابېت كېسىلى، سېمىزلىك، بەزى دورىلار ( مەسىلەن، تۇتقاقلىققا قارشى دورىلار ) ۋە يۇقىرى قىزىتما قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3. يوپۇرماق (فولىك) كىسلاتاسى كەمچىل بولۇش: فولىك كىسلاتاسى B گۇرۇپپىسىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ بىرى بولۇپ ،نېرۋا نەيچىسىنىڭ نورمال يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم. يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ كەمچىل بولۇشى نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈكىنىڭ مۇھىم خەۋپ – خەتەر ئامىلى دەپ قارىلىدۇ.
دىئاگنوز قويۇش ۋە ئالدىن بايقاش:
نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈكىنى ئادەتتە تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى يەنى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق بايقىغىلى بولىدۇ، ئۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ئانا تېنىدىكى قان زەردابىنى تاللاپ تەكشۈرۈش: ھامىلىدارلىقنىڭ 16 – ھەپتىسىدىن 18 – ھەپتىسىگىچە، ئانا تېنىدىكى قان زەردابىدىكى فېتوپروتېئىن ( AFP ) سەۋىيەسىنى ئۆلچەش ئارقىلىق، نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈك خەۋپىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ.
ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش: ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھامىلىنىڭ نېرۋا نەيچىسىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى بىۋاسىتە كۆزەتكىلى بولىدۇ.
باش سۈيى پەردىسىنى پۇنكىسىيە قىلىش: باش سۈيى تەركىبىدىكى AFP ۋە ئاتسېتىل خولىنېستېرازا ( AChE ) نىڭ سەۋىيەسىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ.
شۇڭا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ تەكشۈرتۈش ئىنتايىن مۇھىم.
ئالدىنى ئېلىش
فولىك كىسلاتاسى تولۇقلاش: ھامىلدارلىقتىن ئىلگىرى ۋە ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە فولىك كىسلاتاسى تولۇقلاش نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ ھەر كۈنى 0.4 مىللىگىرام فولىك كىسلاتاسى قوبۇل قىلىشىنى، ھامىلدار بولۇشنى پىلانلىغان ئاياللارنىڭ ھەر كۈنى 0.4 – 0.8 مىللىگىرام فولىك كىسلاتاسى قوبۇل قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى: يېمەك – ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ( مەسىلەن، دىئابېت كېسىلى ) نى باشقۇرۇش، يۇقىرى قىزىتما ۋە زىيانلىق دورىلاردىن ساقلىنىش كېرەك.
ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرى مەسلىھەت بېرىش: نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈكى جەمەت تارىخى ياكى باشقا خەتىرى يۇقىرى ئامىللار بار ئاياللار ھامىلىدار بولۇشنى پىلانلاشتىن ئىلگىرى مۇنتىزىم ئاياللار دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ، خەۋپ – خەتەرنى باھالىشى كېرەك.
داۋالاش ۋە باشقۇرۇش
1. ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش:
ئومۇرتقا يېرىقى: ئېغىرلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن، ئوپېراتسىيە تۇغۇلغاندىن كېيىن دەرھال ئېلىپ بېرىلىپ، ئومۇرتقا يوچۇقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، نېرۋا توقۇلمىلىرى قوغدىلىدۇ.
مېڭىسىز غەيرىيلىك ۋە ئېغىر دەرىجىدە مېڭە پۇلتىيىپ چىقىش: بۇ ئەھۋاللاردا ئادەتتە ئوپېراتسىيە ئارقىلىق داۋالىغىلى بولمايدۇ، ئاقىۋىتى بىر قەدەر ناچار بولىدۇ.
2. ئۇنىۋېرسال داۋالاش ۋە كۈتۈنۈش:
سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش: فىزىكىلىق داۋالاش، كەسپىي داۋالاش، تىل ئارقىلىق داۋالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ۋە ئىقتىدارىنى ئىمكانقەدەر يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەر: مەسىلەن، چاقلىق ئورۇندۇق، شەكىل تۈزىگۈچ قاتارلىقلار بىمارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
كۆپ بۆلۈم بىرلەشمە داۋالىشى: نېرۋا تاشقى بۆلۈمى، بالىلار بۆلۈمى، سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمى قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىمارنىڭ ئومۇمىي بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن ، داۋالاش پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈپ ئىجرا قىلىدۇ.
نېرۋا نەيچىسى تولۇق ئېتىلمەسلىك بىر خىل ئېغىر تۇغما كېسەللىك بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىلدە ئالدىنى ئېلىش، تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش ۋە كۆپ بۆلۈم بىرلەشمە داۋالاش بويىچە ئۇنىۋېرسال داۋالاش بىمارنىڭ ئاقىۋىتى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.