نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
24 تانە باھا سۆزى بار
4218 يازمىسى بار

كۆز چاناق سۆڭىكى ئاناتومىيىلىك تۈزۈلۈشى

بۇ رەسىم ئىنسانلارنىڭ كۆز چانىقىنىڭ مۇرەككەپ سۆڭەك تۈزۈلۈشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان تەپسىلىي ئاناتومىيىلىك رەسىم بولۇپ،  كۆز چانىقى (Orbit) كۆز ئالمىسى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇسكۇل، نېرۋا ۋە قان تومۇرلارنى ئوراپ تۇرىدىغان ۋە قوغدايدىغان ھالقىلىق سۆڭەك تۈزۈلمىسىدۇر. بۇ رەسىم ئارقىلىق كۆز چانىقىنى تەشكىل قىلىدىغان يەتتە خىل ئوخشىمىغان سۆڭەكنى ۋە ئۇلاردىكى مۇھىم تۆشۈك، يېرىقلارنى ئېنىق كۆرەلەيمىز. بۇ تۈزۈلۈشلەرنى چۈشىنىش كۆزنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە كلىنىكىلىق ئەھمىيىتىنى بىلىشتە ئىنتايىن مۇھىم.

بەدەنگە لازىملىق مىكرو ئېلېمېنتلار

ساغلام بەدەننى ساقلاش ئۈچۈن ۋىتامىنلاردىن سىرت، نۇرغۇنلىغان مىكرو ئېلېمېنتلارمۇ ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. گەرچە بۇ ئېلېمېنتلارغا بولغان ئېھتىياجىمىز ئاز بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ يېتىشمەسلىكى ئۆسۈپ يېتىلىش، مېتابولىزم ۋە ئومۇمىي ساغلاملىققا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ ماقالىدە، بەدىنىمىز ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئاساسلىق مىكرو ئېلېمېنتلارنى، ئۇلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى ۋە ھەر قايسى ياش گۇرۇپپىلىرىنىڭ (بوۋاقلار، بالىلار، ياشلار، قۇرامىغا يەتكەنلەر، ھامىلىدارلار ۋە ياشانغانلار) كۈندىلىك ئېھتىياج مىقدارىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

كۈندىلىك ۋىتامىن ئېھتىياجىڭىزنى بىلەمسىز؟

ۋىتامىنلار – گەرچە بەدىنىمىزگە كۈندە پەقەت ئاز مىقداردا كېرەك بولسىمۇ، لېكىن ھاياتلىق پائالىيەتلىرىمىزنىڭ ھەر بىر ھالقىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئورگانىك بىرىكمىلەردۇر. ئۇلار بەدىنىمىزدىكى مىڭلىغان خىمىيەلىك رېئاكسىيەلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئورگانلارنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. بىرەر خىل ۋىتامىننىڭ ئۇزۇن مۇددەت يېتىشمەسلىكى بىر قاتار ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى، ھەتتا ئېغىر كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

يازدا بوۋاقلارنى ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن قانداق ساقلايمىز؟

ياز پەسلى ئۆزىنىڭ پارلاق قۇياشى ۋە ئىللىق ھاۋاسى بىلەن كۆپچىلىككە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن، بۇ پەسىلدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا سەۋەبىدىن بوۋاقلار ۋە كىچىك بالىلاردا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش خەۋپىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. بوۋاقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش سىستېمىسى تېخى تولۇق يېتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار چوڭلارغا قارىغاندا ئىسسىققا تېخىمۇ سەزگۈر كېلىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ مەزگىلدە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى ۋە كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشى بالىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ماقالىدە، بوۋاقلارنى يازدىكى ئىسسىقتىن قانداق ئۈنۈملۈك قوغداش ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىمىز.

بۇغدىيەك دېگەن نېمە؟

ئەرلەرنىڭ بويۇن قىسمىدىكى گەۋدىلىك «بۇغدىيەك» نۇرغۇن كىشىلەر قىزىقىدىغان بىر فىزىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىك. ئۇ ئادەتتە ئەرلىك جىنسىيىتىنىڭ ۋە يىگىتلىك دەۋرىنىڭ مۇھىم بەلگىسى دەپ قارىلىدۇ. ئەمىسە، بۇغدىيەك زادى نېمە؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن ئەرلەردە تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ؟ ئۇنىڭ بىرەر رولى بارمۇ؟ بۇ ماقالىدە بۇ سوئاللارغا تەپسىلىي جاۋاب بېرىمىز.

كۆرۈش نېرۋىسى ۋە يوللىرى تۈزۈلۈشى

بۇ رەسىم ئىنسانلارنىڭ كۆرۈش سىستېمىسىنىڭ مۇرەككەپ قۇرۇلمىسىنى، يەنى كۆرۈش نېرۋىسى ۋە كۆرۈش يوللىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ كۆزدىن قوبۇل قىلىنغان كۆرۈش سىگناللىرىنىڭ مېڭىنىڭ ئارقا قىسمىدىكى كۆرۈش مەركىزىگە قانداق يەتكۈزۈلىدىغانلىقى ۋە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئاساسلىق ئاناتومىيىلىك قۇرۇلمىلارنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ دىئاگرامما ئارقىلىق بىز كۆرۈش ئۇچۇرلىرىنىڭ مېڭىمىزدە قانداق «رەسىم»گە ئايلىنىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەلەيمىز.

ئۇيقۇ ھەققىدە چۈشەنچىلەر

ئۇيقۇ – ھاياتىمىزنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان، ئەمما بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن ئەھمىيەتسىز قارىلىدىغان بىر فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە. ئۇ پەقەتلا ھارغىنلىقنى چىقىرىدىغان پاسسىپ بىر دەم ئېلىش ئەمەس، بەلكى مېڭىمىز ۋە بەدىنىمىزنىڭ ئاكتىپ ھالدا ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان، ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ۋە كېيىنكى كۈنگە تەييارلىق قىلىدىغان مۇرەككەپ بىر جەرياندۇر. ئۇنداقتا، بىز ئۇخلىغاندا بەدىنىمىزدە زادى نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ ئۇيقۇ قانچە دەۋرگە بۆلۈنىدۇ؟ بىز زادى قانچە سائەت ئۇخلىشىمىز كېرەك؟ بوۋاق بالىلارغا قانچە سائەت ئۇيقۇ لازىم؟... بۇ سوئاللارغا جاۋاپ تاپماقچى بولسىڭىز، نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن. 

ئادەم باش سۆڭىكى يان كۆرۈنۈشى

بۇ رەسىم ئىنسان باش سۆڭىكىنىڭ يان تەرەپتىن كۆرۈنۈشىنى ئىنتايىن ئېنىق ۋە رەڭلەر بىلەن ئايرىپ كۆرسىتىپ بەرگەن ئاناتومىيىلىكل بىر رەسىمدۇر. ئۇ باش سۆڭەكنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسلىق سۆڭەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر بىر سۆڭەكنىڭ ئورنى ۋە نامى ئېنىق بەلگىلەنگەن. تۆۋەندە ھەربىر قسىىمنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىزچە ئىسىم ۋە مۇناسىۋەتلىك تونۇشتۇرۇلۇشى بېرىلدى. 

تۇنجى قېتىملىقىڭىزنى ئېرىڭىزگە قالدۇرۇڭ

ئاياللار ئادەتتە جىنسىيەتتە بىر ئاز خىجىلچان كېلىدۇ. شۇڭا، بەزى جىنسىيەت ھەققىدە پاراڭلىشىشتىن نومۇس قىلىپ، بۇ تېمىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەمما، ئاياللارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى ئالاھىدە، ھەم نازۇك. ئەگەر توغرا جىنسىيەت بىلىمى بولمىسا بەزىدە بەدىنىنى زەخمىلەندۈرۈشى مۇمكىن. تۆۋەندە بىز ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك توققۇز جىنسىي بىلىمنى تونۇشتۇرىمىز.

سامساقنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولى بارمۇ-يوق؟

ئۇ بىزنىڭ تامىقىمىزغا تەم قوشۇپلا قالماي يەنە بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى ساقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، ھەتتا راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار دىگەن قاراشلارمۇ بار، ئۇنداقتا سامساق راستتىنلا راكقا قارشى تۇرالامدۇ؟