ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار تىنچ پىسخىكىلىق ھالەتنى ساقلىشى كېرەك

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار تىنچ پىسخىكىلىق ھالەتنى ساقلىشى كېرەك

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىشنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ياكى ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا بولغان زىيىنى باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا زور بولىدۇ

چۈنكى ، تاماكا چېكىش ياكى ھاراق ئىچىش بەدەننىڭ ئىممۇنىت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ ۋە جىگەرنىڭ مېتابولىزم يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يوقۇملانغانلارنىڭ ئوڭايلا باشقا كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملاردىن يۇقۇملىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ .

ھاراق كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇپ ، سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىشلارنى ، مەسىلەن : بىخەتەر بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتەك ئەھۋاللارنى سادىر قىلدۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن . ئۇنىڭدىن باشقا تاماكا ۋە ھاراق خىراجەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ . شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بۇ خىراجەتنى ئوزۇقلۇق قىممىتى بار يېمەكلىكلەرگە ىسەرپ قىلسا ، ئۆمرىنى ئۇزارتىشغا پايدىلىق .

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرى ھەرقانداق ۋاقىتتا ئارام ئېلىشقا ۋە روھىي جەھەتتە ئۆزىنى ئازادە تۇتۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك، شۇڭا ئۇلار ھەر كۈنى يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىشى ، ئۆزىنىڭ چامى يېتىدىغان خىزمەتلەرنى قىلىشى ، چارچاش ھېس قىلغان ھامان ئارام ئېلىشى لازىم . كۈندىلىك تۇرمۇشتا روھىي كەيپىياتىنى ئازادە تۇتۇش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم . چۈنكى ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ، يۇقۇملانغانلاردا ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئەندىشە قىلىش ، قايغۇرۇش ، ئۈمىدسىزلىنىش قاتارلىق پسخىك ھالەتلەر كۆرۈلىدۇ . بۇ ، سالامەتلىك ئۈچۈن پايدسىز .

شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرى روھىي كەيپىياتىنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشىپ ، كۆڭۈلنى خۇش قىلىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك ئويلىشى ، ئۆزىنىڭ كېسەل ئەھۋالىنى ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى قاتارلىقلارنى ئىمكانقەدەر ئويلىماسلىقى كېرەك . بوش ۋاقىتلىرىدا كۆپرەك مۇزىكا ئاڭلىشى ، سەيلە قىلىشى ياكى ئۆزىگە لايىق تەنتەربىيە بائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى كېرەك .

ئۇنىڭدىن باشقا ، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن جەم بولۇشمۇ كەيپىياتنى يېنىكلىتىدۇ . دېمەك ، تىنچ پسىخىكىلىق ھالەتنى ماقلاش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا پايدىلىق .

تەلئەت سابىت تەرجىمىسى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-25

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-05 / 07:18:02

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ