ئىسپېرما غەيرىيلىك كېسىلى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئىسپېرما غەيرىيلىك كېسىلى ( Teratozoospermia ) ئەرلەرنىڭ تۇغماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسپېرما ( مەنى ) شەكلىنىڭ بىنورماللىق بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. نورمال ئىسپېرمىنىڭ تەرتىپلىك ئېللىپىس شەكىللىك باش قىسمى، ئىنچىكە، ئۇزۇن ئوتتۇرا بۆلىكى ۋە قۇيرۇق قىسمى بولۇپ، قىمىلداپ ئۈزۈشكە قولايلىق.

ھالبۇكى، ئىسپېرما غەيرىيلىكى كېسىلىدىكى ئىسپېرما شەكلىدە باش قىسمى غەيرىيلىكى ( مەسىلەن، چوڭ باش، كىچىك باش، كونۇسسىمان باش )، قۇيرۇق قىسمى غەيرىيلىكى ( مەسىلەن، قۇيرۇقى بەك قىسقا، بەك ئۇزۇن، يۆگىمەچ )، ھەتتا قۇيرۇقى بولماسلىق قاتارلىقلار كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ بىنورمال ھالەت ئىسپېرمىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى ۋە ئۇرۇقلىنىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئىسپېرما غەيرىيلىك كېسىلى

ئۇيغۇرچە : ئىسپېرما غەيرىيلىك كېسىلى
ئىنگىلىزچە  : Teratozoospermia
تۈركچە  : Teratospermi , sperm anomalisi
خەنزۇچە : 精子畸形症

 

ئىسپېرما ( مەنى )غەيرىيلىك كېسىلىنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرى

ئىرسىيەت ئامىلى : ئىسپېرمىنىڭ غەيرىيلىك كېسىلى ئىرسىيەت ئامىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، بەزى گېنلارنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى ئىسپېرمىنىڭ يېتىلىشىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مۇھىت ئامىلى : زەھەرلىك خىمىيەلىك ماددىلار، ئېغىر مېتاللار ( مەسىلەن، قوغۇشۇن، كادمىي ) دا ئۇزاق مۇددەت ئاشكارىلىنىپ قالسا، ئىسپېرمىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، رادىئاتسىيە، بۇلغىنىش قاتارلىق مۇھىت ئامىللىرىمۇ ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

تۇرمۇش ئادىتى : تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، زىيادە سېمىزلىك قاتارلىق ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئىسپېرمىنىڭ شەكلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تاماكا چېكىش ۋە ئىسپىرت ئىسپېرما DNA زىيان يەتكۈزۈپ، ئىسپېرما غەيرىيلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش : ھورمۇن سەۋىيەسى قالايمىقانلىشىش، مەسىلەن، تېستوستېرون، تۇخۇم پۈۋەكچىسىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمۇن، سېرىق تەنچىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمۇن قاتارلىق ھورمۇن سەۋىيەسى نورمالسىزلاشمۇ ئىسپېرما شەكلى ۋە سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كۆپىيىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى : مەسىلەن، ئۇرۇقدان ياللۇغى، قوشۇمچە ئۇرۇقدان ياللۇغى، ئۇرۇقدان بېغى ۋېناسى ئەگرى – بۈگرى كېڭىيىش قاتارلىق كېسەللىكلەر ئۇرۇقداننىڭ نورمال ئۇرۇق ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۇرۇق شەكلىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

ئىسپېرما ( مەنى ) غەيرىيلىك كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇللىرى

ئىسپېرما غەيرىيلىك كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇش ئادەتتە ئىسپېرمىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق تاماملىنىدۇ. ئىسپېرمىنىڭ ئومۇمىي سانى، ھاياتىي كۈچى، شەكلى قاتارلىقلار ئانالىز قىلىنىدۇ. ئىسپېرما شەكلىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە، خەلقئارا ئۆلچەمدە نورمال ھالەتتىكى ئىسپېرما نىسبىتى %4 تىن يۇقىرى بولسا ئاندىن نورمال دەپ قارىلىدۇ، بۇ نىسبەتتىن تۆۋەن بولسا ئىسپېرما غەيرىيلىك كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلۇشى ئىھتىماللىقى بولىدۇ.

 

ئىسپېرما ( مەنى ) غەيرىيلىك كېسىلى ئۈچۈن قايسى بۆلۈمگە بېرىش كېرەك؟

ئىسپېرما غەيرىيلىك كېسىلى شۈبھىسى بولغان بىمارلار، ئەرلەر كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، سۈيدۈك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە كۆرۈنۈشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇ بۆلۈم دوختۇرلىرى يەنە بىمارنى ۋە ئايالىنى باشقا مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەر (مەسىلەن ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، ئېرسىيەت بۆلۈمى، ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ) گىمۇ كۆرۈنۈشى تەۋسىيە قىلىشى مۇمكىن.

 

ئىسپېرما غەيرىيلىك كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

ئىسپېرما غەيرىيلىك كېسىلىنى داۋالاش كونكرېت كېسەللىك سەۋەبىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ، ئۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش : تاماكا، ھاراق تاشلاش، مۇھىتتىكى زىيانلىق ماددىلاردا ئاشكارا قېلىشىدىن ساقلىنىش، ساغلام يېمەك – ئىچمەك ۋە قانۇنىيەتلىك ھەرىكەتنى ساقلاش ئىسپېرما سۈپىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.

دورا بىلەن داۋالاش : ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش بىمارلىرىغا قارىتا، دوختۇر ھورمۇن دورىلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ھورمۇن سەۋىيەسىنى تەڭشەپ، ئىسپېرما شەكلىنى ياخشىلاشنى تەۋسىيە قىلىشى مۇمكىن.

ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش : ئەگەر ئىسپېرما غەيرىيلىك كېسىلىنى ئۇرۇقدان بېغى ۋېناسى ئەگرى – بۈگرى كېڭىيىش قاتارلىق كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشنىڭ نورمال ئۇرۇق ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن.

ھامىلىدارلىققا ياردەم بېرىش تېخنىكىسى : ئېغىر دەرىجىدىكى ئىسپېرما غەيرىيلىك كېسىلىگە قارىتا، ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەندە بەدەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش ( IVF ) ياكى يەككە ئىسپېرمىنى ئوكۇل قىلىش ( ICSI ) قاتارلىق كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ھامىلدار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ.

ئىسپېرما غەيرىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئاكتىپ داۋالاش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش ئارقىلىق تۇغۇت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئۈمىد بار، لېكىن كونكرېت داۋالاش ئۈنۈمى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-11-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-11-09 / 09:13:04

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ