دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
27 تانە باھا سۆزى بار
4350 يازمىسى بار

خولىننىڭ رولى

خولىن بولسا B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ بىر خىلى. ئۇ «مېڭە قان تومۇر توسۇقى» دىن ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان ئاز ساندىكى ماددىلارنىڭ بىرى، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئەستە ساقلاشنىڭ شەكىللىنىشىگە ياردەم بېرىدىغان خىمىيىلىك ماددا.

كۆرۈش دائىرىسى ئۆزگىرىش

1. كۆرۈش دائىرىسى تارىيىش:مەركىزىي كۆرۈش دائىرىسى كەمتۈكلۈك ياكى قاراڭغۇ نۇقتا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ئادەمنىڭ مەركىزىي كۆرۈش دائىرىسىدە قاراڭغۇ ياكى تۇتۇق رايون پەيدا بولۇپ، كىتاب ئوقۇش، ھەيدەش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

راك كېسىلى ۋە ۋىتامىن

راك كېسىلى دۇنيا بويىچە ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇنى ئاساسەن تۆت خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ: راك ئۆسمىسى، تېرە شىللىق پەردە، بەز ۋە باشقا ئەزالارغا تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ قان راكى، يەنە قان جەھەتتىكى راك كېسىلىدىن ئىبارەت؛ ساركوما، ئۇ مۇسكۇل، بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما ۋە سۆڭەككە تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ لىمفا ئۆسمىسى، ئۇ لىمفا سىستېمىسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ئوتتۇرا دەرىجىدە ھۇشسىزلىنىش

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ھوشسىزلىق بىمارنىڭ بىر خىل ئەس - ھوشىنى يوقىتىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما يەنىلا سىرتقى غىدىقلاشقا قارىتا بەزى ئىنكاسلارنى قايتۇرالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەكمۇ؟

يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىش - بارماسلىق ئاساسلىقى يارىلانغان كونكرېت ئەھۋالغا باغلىق. تۆۋەندىكىسى بىر قىسىم دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە ئەھۋاللار، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

2024 – يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى

2024 - يىلى 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ، شىۋېتسىيە كارولىنسكا تېببىي فاكۇلتىتى نوبېل فىزىيولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىنى ۋىكتور ئامبروس ( Victor Ambros ) بىلەن گەرىي رۇۋكۇن ( Gary Ruvkun ) غا بېرىپ ،ئۇلارنىڭ گېن تەڭشەش - تىزگىنلەش ساھەسىدىكى مۇھىم بايقىشى microRNA ( كىچىك RNA ) نى تەقدىرلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ بايقاش گېننىڭ ئىپادىلىنىشىنى تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ يېڭى مېخانىزمىنى ئېچىپ بېرىپ، بىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا تەتقىقاتىغا يېڭى يول ئېچىپ بەردى.

پانتوتېنىك كىسلاتاسىنىڭ رولى

پانتوتېنىك كىسلاتا ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تېنىدە كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت، ئۇ B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ بىرخىلى بولۇپ، رەڭگى سۇس سېرىق. پانتوتېنىك كىسلاتا ئانتىتېلا ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، بېسىمغا قارشى تۇرۇش، چاچ، تېرە ۋە قاننىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش جەھەتتە مۇھىم روللارنى ئوينايدۇ.

كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىگە قان تولۇش

كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىسىگە قان تولۇش كۆز ئالمىسى يۈزىدىكى قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىپ، كۆز ئالمىسى يۈزىدە قىزىل ياكى ھال رەڭ پەيدا بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىنوزىتولنىڭ رولى

ئىنوزىتول B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ بىرخىلى، ئۇ بەدەندە ئاقسىلنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشى، كاربون 4 ئوكسىدنىڭ مۇقىملىشىشى ۋە ئامىنو كىسلاتانىڭ يۆتكىلىشى قاتارلىق جەريانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ياغ ۋە خولېستېولنىڭ ماددا ئالمىشىشىغا مەسئۇل بولىدۇ.

كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىدە توپ شارچىسى پەيدا بولۇش

1. قاپاق يېرىقى دېغى قاپاق يېرىقى دېغى دائىم كۆرۈلىدىغان ياخشى سۈپەتلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، ئادەتتە ئۈستۈنكى، ئاستىنقى قاپاقنىڭ بىرىكتۈرگۈچى پەردىسىدە كۆرۈلىدۇ. ئۇ بىرىكتۈرگۈچى پەردە توقۇلمىلىرىنىڭ ئۆسۈشىدىن شەكىللەنگەن كىچىك گۆش شارچىسىمان ماددا بولۇپ، ئادەتتە ئاغرىق ياكى بىئاراملىق تۇيغۇسى پەيدا قىلمايدۇ.