ئانا سەھىپەبىلىمبۆلۈملەرئاياللار بۆلۈمى ۋە تۇغۇت بۆلۈمى

ئاياللار بۆلۈمى ۋە تۇغۇت بۆلۈمى

ئاياللار بۆلۈمى ۋە تۇغۇت بۆلۈمى مېدىتسىنا ساھەسىدە مەخسۇس ئاياللارنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسى ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بۆلۈم بولۇپ، ئاياللارنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىن كىلىماكتېرىيە مەزگىلىگىچە، ھەتتا قېرىلىق مەزگىلىگىچە بولغان كۆپىيىش سىستېمىسى ساغلاملىقى مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بۆلۈم كەڭ ساھەگە چېتىلىدۇ، ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالاش، ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇتنى باشقۇرۇش، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئەزالىرىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۇغۇت بۆلۈمى دوختۇرلىرى ئادەتتە ھەيز بىنورمال بولۇش، تۇغماسلىق، ھامىلىدارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلىرى، تۇغۇت، بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمدان ئۆسمىسى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

ئاياللار بۆلۈمى ۋە تۇغۇت بۆلۈمى

 

ئۇيغۇرچە ئىسمى: ئاياللار بۆلۈمى ۋە تۇغۇت بۆلۈمى
ئىنگىلىزچە ئىسمى: Obstetrics and Gynecology
تۈركچە ئىسمى: Kadın ve doğum hastalıkları bölümü
خەنزۇچە ئىسمى: 妇产科

 

ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر

ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ تۈرى كۆپ، تۆۋەندىكىسى بىر قىسىم دائىم كۆرۈلىدىغان ئاياللار كېسەللىكلىرى ۋە تۇغۇت كېسەللىكلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:

ئاياللار كېسەللىكلىرى:

ھەيز قالايمىقانلىشىش : ھەيز دەۋرىيلىكى قالايمىقانلىشىش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيز قېنى زىيادە كۆپ ياكى زىيادە ئاز بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى: ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، تەرتىپسىز قاناش ۋە ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى: تۇخۇمداننىڭ ئىچى ياكى سىرتقى يۈزىدە پەيدا بولغان سۇيۇقلۇق خالتىلىق ئىششىقى قورساق ئاغرىش ۋە ھەيز قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان سىندرومى ( PCOS ): ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك سىندروم ھامىلدار بولالماسلىق ۋە ماددا ئالمىشىش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

بالىياتقۇ بوينى راكى: ئاياللارنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىدا بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ، كۆپىنچە ئەمچەك توپچىسىسىمان ئۆسمە ۋىرۇسى ( HPV ) دىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

باشقىلار…

تۇغۇت بۆلۈمى كېسەللىكلىرى:

ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى : ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قان بېسىمى ئۆرلەپ كەتسە، ھەم ھامىلىدار ئايالدا ۋەيا تۆرەلمە بوۋاقتا ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دىئابېت كېسىلى : ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە پەيدا بولغان دىئابېت كېسىلىنى ئانا – تۆرەلمە بوۋاققا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك.

بالدۇر تۇغۇپ قويۇش خەۋپى : ھامىلدار بولۇپ 37 ھەپتە ئىلگىرى تۇغۇلسا، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

بالا ھەمراھى بالدۇر سويۇلۇش : بالا ھەمراھى تۇغۇشتىن بۇرۇن بالىياتقۇ دىۋارىدىن سويۇلىدۇ، بۇ جىددىي ئەھۋالغا كىرىدۇ.

ھامىلە ئورنى بىنورمال بولۇش : ئەگەر ھامىلە بوۋاق ساغرا (كاسسا) ياكى توغرىسىغا شەكىلدە تۇرۇپ قالغان بولسا، تۇغقان چاغدا بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش كېرەك.

باشقىلار

 

قانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندە ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە بېرىشى كېرەك ؟

تۆۋەندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەتتە تۇغۇت بۆلۈمىگە بېرىپ داۋالىنىدۇ:

بىنورمال جىنسىي يول قاناش : ھەيز بىنورمال بولۇش، ھەيز توختىغاندىن كېيىن قاناش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۆۋەنكى قورساق ئاغرىش : بولۇپمۇ كۆپىيىش ئەزالىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان داۋاملىشىش خاراكتېرلىك ئاغرىش.

تۇغماسلىق : ئەر – خوتۇن بىر يىلدىن ئارتۇق ھامىلىدارلىقتىن ساقلانمىغان ئەھۋالدىمۇ يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھامىلدار بولالماسلىق.

ھامىلدارلىقنى تەكشۈرۈش ۋە ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى داۋالاش : ھامىلدارلىقنى بېكىتىش، تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ساغلاملىق تەكشۈرۈشى ۋە داۋالىنىشلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جىنسىي يول يۇقۇملىنىشنىڭ ئالامەتلىرى : بىنورمال جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى، قىچىشىش، ئاغرىش قاتارلىقلار.

سۈيدۈك تۇتالماسلىق ياكى داس تۈۋى ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش : مەسىلەن، سۈيدۈك ئېقىش، داس بوشلۇقى ساڭگىلاش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

ھەيز توختاش مەزگىلىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر : مەسىلەن، ھۆل ئىسسىق، سۆڭەك شالاڭلىشىش، جىنسىي يول قۇرغاقلىشىش قاتارلىقلار.

باشقىلار

 

ئاياللار بۆلۈمى ۋە تۇغۇت بۆلۈمى ئامبۇلاتورىيەسى مەسئۇلىيىتى

ئاياللار بۆلۈمى ۋە تۇغۇت بۆلۈمى ئامبۇلاتورىيەسى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ:

ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش : بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى، ھەيز نورمالسىزلىقى قاتارلىق ھەر خىل ئاياللار كېسەللىكلىرىگە دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش.

تۇغۇت بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش : ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تۈرلۈك تەكشۈرۈش ۋە ساغلاملىق يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەسىلەن، تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش، ھامىلىنىڭ ئۆسۈشىنى كۆزىتىش قاتارلىقلار.

تۇغماسلىقنى داۋالاش : ھامىلدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنى باھالاش ۋە داۋالاش، مەسىلەن، كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرىي ئورۇنلىشىش كېسىلى قاتارلىقلار.

ساغلاملىق مەسلىھەتى : ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەسلىھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەسىلەن، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرى، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلار.

دەسلەپكى مەزگىلدىكى راك كېسىلىنى تاللاپ تەكشۈرۈش : مەسىلەن، بالىياتقۇ بوينى راكىنى تاللاپ تەكشۈرۈش، سۈت بېزى راكىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار، يامان سۈپەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بالدۇر بايقاش.

باشقىلار

 

ئەسكەرتىش: ئەگەر مەزكۇر بۆلۈمگە نومۇر ئالالمىغاندا، بەدەندىكى ئالامەتلەر ئېغىرلىشىپ كەتكەندە، نومۇر ئېلىشنى ساقلاپ تۇرماستىن، ئۇدۇل جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە نومۇر ئالمايلا بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك!

 

ئاياللار بۆلۈمى ۋە تۇغۇت بۆلۈمى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى  كېسەللىكلەر تونۇشتۇرۇش

 

ئاياللار بۆلۈمى ۋە تۇغۇت بۆلۈمى جىددىي داۋالاش بۆلۈمى ئاساسلىقى دەرھال ئارىلىشىشقا تېگىشلىك بەزى جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما چەكلەنمەيدۇ:

بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش : ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالىياتقۇ بوشلۇقىنىڭ سىرتىغا ئورۇنلىشىدۇ، ئادەتتە تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدە بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدە ئىچكى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك.

بالا ھەمراھى بالدۇر سويۇلۇش : بالا ھەمراھى بالىياتقۇ دىۋارىدىن بالدۇر ئاجراپ كەتسە، ئانا – بالىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن.

بالىياتقۇ يېرىلىش : بالىياتقۇ تۇغۇت جەريانىدا يېرىلىپ كەتسە، كۆپ مىقداردا قان چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ تۇغۇت بۆلۈمىدىكى جىددىي كېسەللەرنىڭ بىرى.

بېشارەتلىك ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقى : ھامىلىدارلىققا مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى قان بېسىم يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىق كېسىلى ( pregnancy eclampsia ) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئانا – بالىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

ئېغىر دەرىجىدىكى تۇغۇتتىن بۇرۇن ۋەيا كېيىنكى قاناش : تۇغۇتتىن بۇرۇن يەنى ھامىلىدارلىقتا ۋەيا تۇغۇتتىن كېيىن كۆپ مىقداردا قان چىقىپ، شوك بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا جىددىي بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

باشقىلار.

 

ئاياللار ۋە تۇغۇت بۆلۈمى تارىخچىسى

ئاياللار ۋە تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ تارىخىنى قەدىمكى دەۋردىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، ئەڭ بۇرۇنقى خاتىرىلەرنى قەدىمكى مىسىر ۋە يۇناندا بۇ ساھەدىكى ئىش پائالىيەتلىرى بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. قەدىمكى دەۋردە، ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ساغلاملىقىغا ئاساسلىقى ئاياللار ئاكۇشېرى ( midwife ) مەسئۇل بولغان ، 19 – ئەسىرگە كەلگەندە، ئاياللار ۋە تۇغۇت بۆلۈمى مەخسۇس تېببىي ساھە سۈپىتىدە تەدرىجىي شەكىللەنگەن.

ھازىرقى زامان ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ تەرەققىياتى تېببىي تېخنىكا ئۆگىنىشنىڭ تەرەققىياتىنى باشتىن كەچۈردى دىسەكمۇ بولىدۇ، مەسىلەن، ئاغرىتماي تۇغۇش تېخنىكىسى، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ۋە ئىچكى بوشلۇق ئەينىكى ئارقىلىق تەكشۈرۈشنىڭ كىرگۈزۈلۈشى، شۇنداقلا تۇغماسلىقنى داۋالاش ۋە ئاياللارنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسى ئوپېراتسىيەسى جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش. ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاياللار كېسەللىكلىرى ئۆسمە ئىلمى ۋە كۆپىيىش مېدىتسىناسىمۇ تەدرىجىي ھالدا بۇ ساھەنىڭ مۇھىم تارمىقىغا ئايلاندى.

 

ئاياللار بۆلۈمى ۋە تۇغۇت بۆلۈمىدە دائىم كۆرۈلىدىغان تەكشۈرۈش تۈرلىرى

ئاياللار بۆلۈمى ۋە تۇغۇت بۆلۈمىدە دائىم كۆرۈلىدىغان تەكشۈرۈش تۈرلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

داس بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش : تۇتۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ.

ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش : بالىياتقۇ، تۇخۇمدان ۋە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ھامىلىنىڭ ئەھۋالىنى باھالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

بالىياتقۇ بوينىنى سۈرتۈپ تەكشۈرۈش ( PAP smear ) : بالىياتقۇ بوينى راكى ۋە راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى تاللاپ تەكشۈرۈش.

جىنسىي يول ئەينىكىدە تەكشۈرۈش : بالىياتقۇ بوينى ۋە جىنسىي يول ئىچىدىكى نورمالسىزلىقنى تەپسىلىي تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.

بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدىن تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش : بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ، دائىم بىنورمال قاناشنى باھالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش : مەسىلەن، دوۋن سېندرومى تەكشۈرۈش، باش سۈيىنى پۇنكىسىيە قىلىش قاتارلىقلار ھامىلىدە خروموسومادا نورمالسىزلىق بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.

ھورمون سەۋىيەسىنى تەكشۈرۈش : تۇخۇم پۈۋەكچىسىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمون ( FSH )، سېرىق تەن ھاسىل قىلغۇچى ھورمون ( LH )، ئانىلىق ھورمون قاتارلىقلارنىڭ سەۋىيەسىنى تەكشۈرۈپ، ھەيز دەۋرىيلىكىنىڭ بىنورمال بولۇشى ياكى تۇغماسلىقنىڭ سەۋەبىنى باھالاش كېرەك.

باشقىلار

 

ئاياللار بۆلۈمى ۋە تۇغۇت بۆلۈمى كۆپ ئۇچرايدىغان ئوپېراتسىيە تۈرلىرى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

ئاياللار بۆلۈمى ۋە تۇغۇت بۆلۈمىدە دائىم كۆرۈلىدىغان ئوپېراتسىيە تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

بالىياتقۇنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ( Hysterectomy ) : بالىياتقۇنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ئېلىۋېتىش ئادەتتە بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، بالىياتقۇ راكى ياكى ئېغىر بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرىي ئورۇنلىشىش كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

تۇخۇمداننى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ( Oophorectomy ) : بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپتىكى تۇخۇمداننى كېسىپ ئېلىۋېتىش بولۇپ، ئادەتتە تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى ياكى تۇخۇمدان راكىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

بالىياتقۇنى كېسىپ ( يېرىپ ) تۇغدۇرۇش ( Cesarean Section ،C – Section ) : قورساق قىسمى ۋە بالىياتقۇنى كېسىپ تۇغدۇرۇش ئارقىلىق بوۋاق تۇغدۇرۇش تەبىئىي تۇغۇشنىڭ خەتىرى بار ئەھۋاللارغا ماس كېلىدۇ.

بالىياتقۇ بوشلۇقى ئەينىكى ئارقىلىق تەكشۈرۈش ۋە ئوپېراتسىيە قىلىش ( Hysteroscopy ) : بالىياتقۇ بوشلۇقى ئەينىكى ئارقىلىق تەكشۈرۈش ياكى ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق بالىياتقۇ ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى داۋالاش، مەسىلەن:بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدىكى مونچاق گۆش ياكى بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى.

جىنسىي يولنىڭ ئالدى – كەينى دىۋارىنى ياماش ئوپېراتسىيىسى ( Anterior and Posterior Colporrhaphy ) : داس تۈۋى مۇسكۇلى بوشاپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىنسىي يولنىڭ ئالدى – كەينى دىۋارىنىڭ كۆپۈپ چىقىشى ياكى چىقىپ قېلىشىنى ئوڭشاش.

تۇخۇم نەيچىسىنى بوغۇش ئوپېراتسىيىسى ( Tubal Ligation ) : ئاياللارنىڭ مەڭگۈلۈك ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشىغا ئىشلىتىلىدۇ ،تۇخۇم نەيچىسىنى توسۇش ئارقىلىق تۇخۇم بىلەن ئۇرۇقنىڭ بىرىكىشىنى توسىدۇ.

بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ( Endometrial Ablation ) : ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك، ئېغىر ھەيز كۆپ كېلىشنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

باشقىلار

 

ئاياللار ۋە تۇغۇت بۆلۈمىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاياللار بۇ تېببىي ساھەنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ھەم ئېھتىياجلىق بولغاندا مۇۋاپىق داۋالاش مۇلازىمىتىنى تاللىشى ئۈچۈن پايدىلىق.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-08-17 / 09:43:23

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ