سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ھۆل تەمرەتكە زادى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
ئادەتتە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھۆل تەمرەتكە بىلەن تېرە ياللۇغىنى بىر ئىش دەپ قارايدۇ. ئەمما مېدىتسىنا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، تېرە ياللۇغىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق بولىدۇ، مەسىلەن ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، ياغ تەپچىرەپ كېتىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى قاتارلىقلار، ئەمما ھۆل تەمرەتكىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئادەتتە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، مۇقىم ياكى بىردىنبىر بولمايدۇ.
ھۆل تەمرەتكە تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئاساسلىقى تېرىدە يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان ياللۇغلىنىش پەيدا بولغانلىقتىن، بىر قاتار كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھۆل تەمرەتكە كېسەللىك ئالامەتلىرىنى قىچىشىش، ئەسۋە، سۇ يىغىلىپ قېلىش قاتارلىق ئۈچ سۆز بىلەن يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
قىچىشىش: تېرە قىچىشىش ھۆل تەمرەتكىنىڭ تىپىك ئالامىتى بولۇپ، بەزىلىرى يېنىك، بەزىلىرى ئېغىر بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئادەم ھەتتا كۈندۈزى خىزمەت قىلالمايدۇ، كېچىسى ئۇخلىيالمايدۇ.
ئەسۋە: جاراھەت ئورنى قىزىرىپ، گۈرۈچ چوڭلۇقىدىكى دۆڭچە ئەسۋە تومپىيىپ چىقىدۇ، بەزى دۆڭچە ئەسۋە بىرلىشىپ يەنە داغ پارچىسى پەيدا بولىدۇ، تاتىلىسا قانايدۇ.
سۇلۇق ئىششىق: ئەگەر ھۆل تەمرەتكە بەك قىچىشىپ كەتسە، بولۇپمۇ جىددىي خاراكتېرلىك ھۆل تەمرەتكە مەزگىلىدە، بىمار قاتتىق تاتىلىغاندا، ھەتتا سىرغىپ چىقىدۇ.
ھۆل تەمرەتكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر قايسىلار؟
1. ئىچكى ئامىل: ئاساسلىقى ئىرسىيەت ئامىلى. گېن بەزى كىشىلەرنىڭ تېرىسىنىڭ ئاسانلا رېئاكسىيە قىلىدىغانلىقىنى، ئاسانلا ھۆل تەمرەتكە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن، بۇ كىشىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرىدا ھۆل تەمرەتكە كۆپ ئۇچرايدۇ.
2. تاشقى ئامىل: نۇرغۇن تاشقى ئامىللار ھۆل تەمرەتكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن پەسىل ئۆزگىرىشى، ھاۋا قۇرغاق بولۇش، يېمەك-ئىچمەك ئاچچىق بولۇش، ئارام ئېلىش ياخشى بولماسلىق، خىزمەتتە چارچاش، چاڭ-توزان، ھەتتا زىيادە كۆپ يۇيۇنۇشمۇ ھۆل تەمرەتكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تاشقى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
ھۆل تەمرەتكىنى قانداق داۋالاش كېرەك ؟
1. مۇددەتكە بۆلۈپ داۋالاش. ئەگەر دەسلەپكى مەزگىلدە ياكى ئۆتكۈر مەزگىلىدە سىرغىپ چىقىش ۋە شەلۋەرەش بىرقەدەر روشەن بولسا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىسمەن دورىلارنى سىرتتىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
2. يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش. ھۆل تەمرەتكە بىمارلىرى يېمەك-ئىچمەككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. ئاچچىق، غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك. قەھۋە، قېنىق چاي، ھاراق قاتارلىقلارنىمۇ ئىچىشكە بولمايدۇ.
ھۆل تەمرەتكىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ؟
ئەگەر ھۆل تەمرەتكىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق بولسا، قوزغاتقۇچى ئامىللارنى پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ئاستا خاراكتېرلىك ھۆل تەمرەتكىگە تەرەققىي قىلىپ، داۋالاش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ.
ئادەتتە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، داۋالاشنى داۋاملاشتۇرغاندىلا، سەللىمازا ساقىيىش ھالىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، داۋالاپ ساقايتقاندىمۇ قايتا قوزغالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، ئەگەر كېيىن يەنە يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلمىسا، يەنە بىر قېتىم ھۆل تەمرەتكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.