ئانا سەھىپەخانىم قىزلارئاياللار ساغلاملىقىئاياللارغا نىسبەتەن بالىياتقۇنى ئاسراش تولىمۇ مۇھىم

ئاياللارغا نىسبەتەن بالىياتقۇنى ئاسراش تولىمۇ مۇھىم

39 ساغلاملىق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بالىياتقۇ ئاياللارنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغان كۆپىيىش ئەزاسى بولۇپ، ئۇ كۆپىيىش جەھەتتە رول ئويناپلا قالماي، يەنە ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. شۇڭا تۇرمۇشتا بالىياتقۇغا زىيانلىق ئىشلاردىن چوقۇم يىراق تۇرۇش كېرەك. ئۇنداقتا بالىياتقۇنى قانداق ئاسراش كېرەك؟ تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلمىغاندا بالىياتقۇنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ.

ئاياللارغا نىسبەتەن بالىياتقۇنى ئاسراش تولىمۇ مۇھىم

 

1. سوغۇق ئۆتۈش

ئاياللارنىڭ بەدىنى ئەسلىدىنلا سوغۇققا مايىل بولۇپ، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە، بەدەندىكى ئىسسىقلىق خوراپ، بەدەننى سوغۇق ئالىدۇ-دە، بالىياتقۇنىڭ ساغلاملىقىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىدۇ. خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، مىقدارىنى كونترول قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، يازدا كىندىكى ئوچۇق كىيىملەرنى، قىسقا يوپكا ۋە ئىشتانلارنى ئاز كىيىش كېرەك. ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيدە تۇرغاندا ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

2. تاماكا چېكىش

تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تاماكا چەككەن ئاياللار چەكمىگەنلەرگە قارىغاندا بالىياتقۇ بوينى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى ھەتتا ئۈچ-تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن، ۋاستىلىك تاماكا چەككۈچىلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە بولىدىكەن. ئۇزاق مەزگىل ۋاستىلىك تاماكا چېكىشنىڭ خەۋپىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى باشقىلارغا قارىغاندا يەتتە ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

3. كۆپ قېتىم ھامىلە چۈشۈرۈش

ھازىر ئاياللارنىڭ ھامىلە چۈشۈرۈش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى، ھەر قېتىمقى ھامىلە چۈشۈرۈشتە مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر بالىياتقۇنى زەخمىلەپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى نېپىزلىتىۋېتىدۇ-دە، كېيىنكى ھامىلدارلىققا چوڭ تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ئوپېراتسىيە يەنە داس بوشلۇقى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھامىلدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن.

4. توغرا بولمىغان جىنسىي تۇرمۇش

ئەگەر تۇنجى قېتىملىق جىنسىي تۇرمۇش بەك بالدۇر يۈز بەرگەندە، تۇخۇمدان تېخى يېتىلىش باسقۇچىدا بولغانلىقتىن، بالىياتقۇ بىلەن تۇخۇمداننىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبتىنى ئاشۇرىدۇ.

5. شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش

ئەگەر شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلمىغاندا، باكتېرىيەلەر جىنسىي يولى ئارقىلىق بالىياتقۇ بوشلۇقىغا كىرىپ، بىر قاتار ياللۇغلارنى مەسىلەن جىنسىي يول ياللۇغى، داس بوشلۇقى ياللۇغى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياللۇغى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.

 

ئاياللارنىڭ بالىياتقۇنى ئاسرىشى تولىمۇ مۇھىم

1. بالىياتقۇنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك

بالىياتقۇ سوغۇقتىن بەك قورقىدۇ، شۇڭا چوقۇم ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. بالىياتقۇنى سوغۇق ئېلىپ كېتىش ئاسانلا فىزىيولوگىيەلىك مەزگىلدە كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سوغۇق يېمەكلىكلەرنى، سۇنى تۇتماستىن، قورساق قىسمىنى ئىسسىق تۇتۇش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى بەدەننى ئازغىنە تەرلەتكەندىلا بالىياتقۇ ئىسسىقنى ھېس قىلالايدۇ.

2. تازلىققا دىققەت قىلىپ، ئۆزىگە كۆيۈنۈش كېرەك

ئەگەر ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشقا دىققەت قىلمىغاندا، خالىغانچە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، يەنىلا ئۆزىنىڭ بالىياتقۇسىنى زەخمىگە ئۇچرىتىدۇ. پاكىز بولمىغان جىنسىي تۇرمۇش ئاسانلا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. بەك ئۇزاق ئولتۇرماسلىق كېرەك

خىزمەتچى ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ باشقا ئورۇنغا يۆتكىلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى باشقا ئاياللارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا يەتتە ھەسسە ئەتراپىدا يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى كۆپ ساندىكى ئاياللار ئۇزاق مۇددەت ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت ئىشلەيدۇ. بۇنداق بولغاندا قان-قۇۋۋەتنىڭ ئايلىنىشى ئۇزاق مەزگىل توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىنى پەيدا قىلىپ، بالىياتقۇ كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرنۈش كېرەك

بالىياتقۇ كۆپلىگەن ئاياللار كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش مەنبەسى. شۇڭا مەيلى قانداق مەسىلە كۆرۈلۈشىدىن قەتئىينەزەر ئاكتىپ داۋالىتىش كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2025/05/3099522.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-10-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-10-29 / 09:23:48

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ